ھەممەيلەننىڭ دىققەت-ئېتىبارىنى قوزغىغان ئۈرۈمچى 7 BRT- لىنىيەسى قۇرۇلۇشى ئاخىرلىشىش باسقۇچىغا كىردى، مۇشۇ ئاينىڭ ئاخىرىدا قاتناش باشلاش مۆلچەرلەندى، باشلىنىش ۋە ئاخىرلىنىش نۇقتىسى شىسەندىكى تۆت ئاچالدىن شىمالىي شەھەر ئەتراپى يولۇچىلار بېكىتىگىچە بولىدۇ.
16-ئۆكتەبىر، مۇخبىر 7 BRT- لىنىيەسىنىڭ ئەڭ ئاۋۋال قۇرۇلۇش باشلانغان شىنشىڭ كوچىسى بېكىتىگە كېلىپ، بۇ بېكەتنىڭ دەسلەپكى قۇرۇلمىسىنىڭ پۈتكەنلىكنى كۆردى. نەق مەيداندىكى قۇرۇلۇش خادىمىنىڭ ئېيتىشىچە، شىنشىڭ كوچىسى بېكىتى بىرقەدەر چوڭ بېكەت بولۇپ، كەڭلىكى 5 مېتىر، ئۇزۇنلۇقى 95 مېتىر كېلىدىكەن.
بۇنىڭدىن باشقا، شەھەر ئاھالىلىرىنىڭ 7BRT - لىنىيەسىگە ئولتۇرۇشىغا قولايلىق يارىتىش ئۈچۈن، يىكەنكۆل شىمالىي يولى بېكىتىگە يېڭىدىن ئۆتۈشمە كۆۋرۈك ياسالغان، بېكەت بىلەن كۆۋرۈك ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇلغان، كۆۋرۈكنىڭ ئاساسىي گەۋدىسى ياسىلىپ بولغان بولۇپ، قۇرۇلۇش خادىملىرى يەرگە خىش ياتقۇزۇش، توك سىمى، لاپاس قاتارلىق بىرقاتار قۇشۇمچە قۇرۇلۇشلارنى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ.
7BRT - لىنىيەسىگە ئالاقىدار مەسئۇل خادىمنىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، نۆۋەتتە ھەرقايسى بېكەتلەرنىڭ غول قۇرۇلۇشى ئاساسىي جەھەتتىن تاماملىنىپ بولغان، قۇرۇلۇش خادىملىرى ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەپ قۇرۇلۇشنىڭ ئاخىرقى خىزمەتلىرىنى ئېلىپ بېرىۋېتىپتۇ، مۆلچەرلىنىشىچە 30 - ئۆكتەبىر قۇرۇلۇش تاماملىنىپ قاتناش باشلىنىدىكەن.
![]() |
يىچې تورى 27-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:
يېقىندا تاراتقۇلار ئالاقىدار يوللاردىن ئىگەللىشىچە، جۇڭگودا ئىشلەنگەن ئەڭ يېڭى ئاۋدى A4L سېنتەبىردە رەسمىي بازارغا سېلىنىدىكەن. ئەۋلاد ئالماشقان ماش...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved