سۇمرۇغ تورى خەۋىرى ،لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
يېقىندا PX كەڭ ئالقىشقا ئېرىشكەن قىزىق تېما بولۇپ قالدى ، ئەگەر بەيدۇ تورىدىن PXدېگەن نېمە دەپ ئىزدىسىڭىز ،PXدېگەن پار دېمېتىل بېنزول ،يانۇچان ،زەھىرى ئاجىز خىمىيىۋى بىرىكمە دېگەن جاۋابقا ئېرىشىسىز ،بىر ئاز يېقىندا بىر تورداش ،بەيدۇ تورىنىڭ سۆزلەرنى تەھرىرلەش پۇرسىتىدىن پايدىلىنىپ PXنىڭ زەھەر ئاجىز بۇلۇشتەك خۇسۇسىيىتىنى كۆپ قېتىم كۈچلۈك زەھەرگە ئۆزگەرتكەن ،بۇنىڭ ئۈچۈن چىڭخۇا ئۇنۋېرستېتىنىڭ بىر قىسىم ئوقۇغۇچىلىرى بىر مەيدان PXخۇسۇسىيتىنى قوغداش ئۇرۇشىنى باشلدى .
نەچچە كۈننىڭ ئالدىدا بىر تورداش pxنىڭ زەھەرلىكلىكىنى ئاجىز بۇلۇشتىن كۈچلۈك بۇلۇشقا ئۆزگەرتكەن ،شۇ كۈنى كەچ سائەت سەككىزلەر ئەتراپىدا يەنە بىر تورداش pxسۆزلۈكىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈشنىڭ تۇنجى ئوقىنى ئوڭۇشلۇق ئېتىپ ،كۈچلۈك دېگەننى زەھەر ئاجىزغا ئۆزگەرتتى ،بىراق ئارقىدىنلا يەنە بىر تورداش خاتالىقنى تۈزتىش نامى بىلەن ،PXنى كۈچلۈك زەھەرگە ئۆزگەرتتى ،بىر سائەتتىن كېيىن تورداشنىڭ سۆزلۈكنى زەھەر ئاجىزغا ئۆزگەرتكەنلىكى بايقالدى ،شۇ كۈنى چۈشتىن كېيىن pxنى يەنە بىر قېتىم زەھەر كۈچلۈككە ئۆزگەرتتى ،ئارقا -ئارقىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈپ چىڭخۇا ئۇنۋېرسېتىتى خىمىيە سانائەت فاكۇلتېتىدىكى ئۇقۇغۇچىلارنىڭ كۈچلۈك ئىنكاسىنى قوزغىدى .
بىر ئوقۇغۇچى :‹بىز كەسپىمىزگە ئالاقىدار ئىش يۈز بەرگەنلىكىنى كۆرۈپ بەكلا قىززىقتۇق ،شۇنىڭ بىلەن بىز دەرھال ئۆگەنگەن بىلىملىرىمىزگە ئاساسەن خاتالىقنى تۈزىتىپ ئىلىم پەن ھەقىقىتىنى قوغداپ قېلىشقا ئاتلاندۇق ›دېدى .
شۇ كۈنى كەچتە بۇ تۇتۇشۇش كەسكىن بولۇپ كەتتى ،سۆزلۈك ھەر يېرىم سائەتتە بىر قېتىم يېڭىلىنىپ تۇردى ،بىرنەچچە قېتىم تۇتۇشقاندىن كېيىن بىر ئوقۇغۇچى باشلامچى بولۇپ ئۆزىنىڭ چىڭخۇا خىمىيە سانائىتى فاكۇلتېتنىڭ ئوقۇغۇچىسى ئىكەنلىكىنى ئىپادىلىدى ،ۋە كەسپى بىلىمى بىلەن كاپالەت بېرىدىغانلىقىنى ئېيتىپ ،سۆزلۈكنى زەھەرلىك خۇسۇسىيتى مۆتىدىل دەپ ئۆزگەرتتى ،ئەمما ئارقىدىن PXنىڭ خۇسۇسىيىتىنى كۆپ قېتىم ئۆزگەرتكەن تورداش يەنە بىر قېتىم ئۆتكۈر زەھەرلىك دەپ ئۆزگەرتتى .ھەم ئېنىقلا زەھىرى بار دەپ سۆز قالدۇرۇپ ،قايىل بولمايدىغانلىقىنى بىلدۈردى .
بۇ قېتىم دوكتۇرلۇقتا ئۇقۇشقا ئەۋەتىلگەن چىڭخۇا خىمىيە سانائەت فاكۇلتېتى تۆتىنچى يىللىقنىڭ ئوقۇغۇچىسى قايتۇرما زەربە بەردى .چۈنكى PXدەل ئۇ تەجرىبە قىلىۋاتقان تۈرلەرنىڭ بىرى ئىدى . PXبولغان چۈشەنچىسى ئارقىلىق ئۇ چىڭخۇا خىمىيە سانائىتى فاكۇلتېتىنىڭ بۈگۈنكى بۇ سۆزىنى قوغداشنى مۇراجىئەت قىلدىغانلىقىنى يازدى .
:‹مەن تەجرىبىدە PXنى ئىشلىتىمەن ،دورا تەمىنلىگۈچىلەردىن بىرى بولغانلاردىن بىر بوتۇلكا سېتىۋالغان ،ئۇنىڭ زەھەرلىكلىكى ئالكوگول بىلەن ئوخشاش ،خەلقئارا بىرلەشمە راك كېسەللىكى كومىتىتى بەلكىم بۇنىڭ دەرىجىسىنى باھالىغان بۇلىشى مۇمكىن ،بۇ ئۈچىنچى دەرىجىلك راك پەيدا قىلغۇچ ماددا ،يەنى راك پەيدا قىلىش خۇسۇسىيىتىنىڭ بار يوقلىقى بېكىتىلمىگەن ،راك پەيدا قىلغۇچى ماددا › دېدى .
بۇ سۆز چىقىشى بىلەن چىڭخۇا ئۇنۋېرسېتىتى خىمىيە سانائىتى فاكۇلتېتىدىكى نۇرغۇن ئوقۇغۇچى سالاھىيتىنى ئاشكارلاپ pxنىڭ ئاجىز زەھەرلىك خۇسۇسىيىتىنى قوغدىدى ،بۇنىڭدىن باشقا فۇدەن ئۇنۋېرسېتىتى تاشقى ئىقتىساد سودا ئىنىستىتوتى قاتارلىق ئالىي مەكتەپلەرنىڭ ئۇقۇغۇچىللىرىمۇ قوغداش ئەترىتىگە قۇشۇلۇپ ،سۆزنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ قوغدايدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ سۆز قالدۇردى .
ئىككى قېتىم ئاجىز زەھەرلىك دەپ ئۆزگەرتكەندىن كېيىن ،بىر ئابونىت ئۇنى ئىككى قېتىم زەھەر كۈچلۈك دەپ ئۆزگەرتتى ،ئۇنداقتا pxنىڭ خۇسۇسىيىتىنى كىم ئۆزگەرتىۋەتكەن ؟
چىڭخۇا ئۇنۋېرستىتتىكى بەزى ساۋاقداشلار تور ئارقىلىق pxنى كۆپ قېتىم زەھەر كۈچلۈك دەپ ئۆزگەرتكەن بۇ تورداشنى تاپتى ،ماتىرىيالدا كۆرسىتىلىشىچە بۇ توردا گۇاڭدۇڭ ئۆلكىسىدىن ئىكەن ،مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىر بۇ تور ئەھلى بىلەن بىر قانچە قېتىم ئالاقە قىلدى ،ئۇ پوچتا يوللانمىسى قايتۇرۇپ :‹مەن بۇنچە چوڭ تەسىر قوزغايدىغانلىقىنى ئويلاپ باقماپتىمەن ،ئۇنى خاتا ھالدا بىر توغرا جاۋاب ئوخشايدۇ دەپ قاپتىمەن ،ھەقىقەتەنمۇ خىجىل بولدۇم ›دېگەن .
ئۇنداقتا PXنىڭ زەھەرلىكلىكى زادى قانچىلىك ئۆتكۈردۇر ؟مۇتەخەسىسىلەرنىڭ تۇنۇشتۇرۇشىچە pxخىمىيە سانائىتىدىكى ئىنتايىن مۇھىم بىرخىل ئاساسلىق ماتېرىيال بولۇپ ،بوياق ماتىرىيالى ،سىرنىڭ سۇيۇقلاندۇرغۇچى دورىسى ۋە سانائەتكە ئىشلىتىلدىغان ئېرىتكۈچى دورىلارنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىلىدىكەن ،تېخىمۇ مۇھىمى پولىستىرېن ماتىريالىنى ئىشلەپچىقىرىشقا ئىشلىتىدىكەن ،پولىستىرېن ماتىرىيالى بولسا تۇرمۇشىمىز بىلەن زىچ مۇناسىۋەتلىك ،مۇتەخەسىسلەر px9نىڭ ئەڭ چوڭ خەتەرلىك تەرىپى ئاسان ئوت ئالىدۇ ،ئەمما بۇ خىل خېيىمخەتەر تەبئىي گاز بىلەن سۇيۇقلاندۇرۇلغان نېفىت گازىدىن تۆۋەن تۇرىدۇ دەپ تۇنۇشتۇردى ،pxئىنتايىن ئادەتتىكى نەرسە بۇ ئۇنچىۋالا قورقۇنۇچلۇق نەرسىمۇ ئەمەس.
زەھىرىمۇ ئۆتكۈر ئەمەس ،ئۇنچە ئاسان ئوت ئېلىپ پارتىلايدىغان نەرسىمۇ ئەمەس ،بىز پەقەت ئۇنى بېنزىن ئورنىدا كۆرسەكمۇ بولىدۇ .
لەگلەك توى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نۇمۇرى :LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved