جاھان ئاگېنتلىقى 7-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: يەمەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ۋەكىلى، ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى ھۇسىي قۇراللىقلىرىنىڭ يەمەن خەلقىگە قارىتا ھۇجۇملىرى زورايغاندىن كېيىن ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىىشىنى يەمەنگە قۇرۇقلۇقتىن مۇداخىلە قىلىشقا چاقىرىق قىلدى. يەمەن ب د ت دائىمى ئەلچىسى خالىد يەمەنى، ب د ت خەۋىپسىزلىك كېڭىشىگە سۇنغان مەكتۇبىدا، «خەلقئارا جەمئىيەتتىن يەمەننى قۇتقۇزۇش ئۈچۈن جىددى بىر شەكىلدە قۇرۇقلۇق ئارمىيە ئەۋەتىشنى تەلەپ قىلىمىز، خۇسۇسەن ئەدەن ۋە تائىز رايۇنلىرىغا» دېگەن. ئىراننىڭ قوللىشى ئاستىدىكى شىئە ھۇسىي قۇراللىقلىرى يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى ئەدەن رايۇنىغا قارىتا ھۇجۇملىرىنى كۆپەيتتى، ھۇسىيلەر رايۇندا بىر ھەپتىدىن بۇيان ئىمبارگو يۈرگۈزگەن بولۇپ توقۇنۇشتىن قېچىپ كەتمەكچى بولغان پۇقرالارنى ھۇجۇم نىشانى قىلماقتا.
يەمەن تاشقى ئىشلار مىنىستىرى رىياد ياسىن، تۈنۈگۈن سەئۇدى ئەرەبىستان پايتەختى رىيادتا ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئېچىپ، ئەدەن رايۇنىدىن قېچىشقا ئۇرۇنغان مىڭلىغان پۇقرالار ھۇسىيلەر تەرىپىدىن ھاۋا توپ ئوقى بىلەن ئوققا تۇتۇلماقتا. دېدى. ياسىن، بىزگە يەتكۈزۈلگەن ئۇچۇرغا ئاساسەن، شۇئانغا قەدەر رايۇندىن قېچىشقا ئۇرۇنغان 50 دىن كۆپ كىشى ھاياتىدىن ئايرىلغان، نۇرغۇنلىغان كىشى يارىلانغان. دېدى.
ب د ت بىلەن يەمەن خەلقئارا مۇنبىرى بىرلىكتە ئېلان قىلغان باياناتىدا، يەمەندە داۋاملاشقان ئۇرۇشنىڭ ئىنسانىي كىرزىس پەيدا قىلىدىغانلىقى، يەمەننى پالەچ ئەھۋالغا چۈشۈرۈپ قويغان يېقىلغۇ كىرزىسىنىڭ يەمەندىكى ياردەم خىزمەتلىرىنى قىيىنلاشتۇرىۋاتقانلىقى، يەمەندە تەخمىنەن 20 مىليون كىشىنىڭ ئاچارچىلىق خەتىرىگە دۇچ كېلىشى مۇمكىنلىكىنى ئېيتقان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved