جۇڭگو خەلق سىياسىي مەسلىھەت كېڭىشى مەملىكەتلىك كومىتېتى 31-دېكابىر چۈشتىن بۇرۇن مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەش زالىدا يېڭى يىللىق چاي بەردى. پارتىيە ۋە دۆلەت رەھبەرلىرىدىن شى جىنپىڭ، لى كېچياڭ، جاڭ دېجياڭ، يۈ جېڭشېڭ، ليۇ يۈنشەن، ۋاڭ چىشەن، جاڭ گاۋلىلار ھەر قايسى دېموكراتىك پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ رەھبەرلىرى، مەملىكەتلىك سودا سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيە سىرتىدىكى زاتلار ۋەكىللىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تەرەپلەرنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پايتەختتىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھەدىكى زاتلارنىڭ ۋەكىللىرى بىلەن جەم بولۇپ، 2016- يىلىنى بىللە كۈتۈۋالدى.
ج ك پ مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆز قىلىپ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىنىڭ تارىخىي پەردىسى ئېچىلدى، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشقا كۈچەپ ئاتلىنىشىتەك مۈشكۈل ۋەزىپە بىز بىر ئەۋلاد كىشىلەرنىڭ زىممىسىگە يۈكلەندى. كۈچەپ ئاتلىنىش چىشنى چىڭ چىشلەپ، كۈچنى يىغىپ، ئىرادىنى سىنايدىغان ۋاقىت. ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشنىڭ ھەل قىلغۇچ باسقۇچىغا ئاتلىنىشتا ھەر بىر جۇڭگولۇقنىڭ مەسئۇلىيىتى بار. پارتىيە، دۆلەتتىكى ھەر مىللەت ئامما كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كۈچلۈك ئىشەنچ، جۇشقۇن ئىرادە، پۇختا تىرىشچانلىق بىلەن يېڭى تارىخىي مۇساپىگە ئاتلىنىپ، ئومۇميۈزلۈك ھاللىق جەمئىيەت قۇرۇپ چىقىشتەك ئۇلۇغ نىشانغا قاراپ باتۇرلۇق بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك. .
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved