بالىلار بەزىدە ئاتا- ئانىلار ھەر قانچە زورلىسىمۇ تاماق يېگىلى ئۇنىمايدۇ. بۇنىڭ سەۋەبلىرى تۆۋەندىكىچە: كېسەللىك ئامىلى. ھەزىم قىلىش يوللىرى كېسەللىكلىرى بالىلارنىڭ ھەزىم قىلىش ئىقتىدارىغا بىۋاستە تەسىر كۆرسىتىپ، بالىلاردا ئىشتىھاسىزلىقىنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ. ئۇنىڭدىن باشقا، تۆمۈر، سېنىك، ۋېتامىن B1 قاتارلىق مىكرو ئېلېمېنتلار كەمچىل بولغاندا بالىلارنىڭ ئىشتىھاسى تۇتۇلۇپ، تاماقنى يېگىلى ئۇنىمايدۇ. ناچار ئوزۇقلىنىش ئادىتى. بالىلار ئۇششاق - چۈششەك، تاتلىق، مايلىق يېمەكلىكەرنى كۆپ ئىستېمال قىلغاندا، ئوڭايلا ئىشتىھاسىزلىق كۆرۈلىدۇ. پىسخىكا ئامىلى. ئاتا-ئانىلىرىنىڭ زىيادە ئەركىلىتىشى ۋە تەربىيەسىنىڭ توغرا بولماسلىقى تۈپەيلىدىن بالىلارنىڭ نورمال تاماقلىنىش ئادىتىدە ئۆزگىرىش بولۇپ، ئىشتىھاسىزلىق كۆرۈلىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved