بەيدۇ تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .ئۇكرائىنا تاراتقۇلىرىنىڭ بەرگەن ئەڭ يېڭى خەۋىرىگە قارىغاندا روسىيە ئۆكتىچىلەرنىڭ رەھبىرى نىمزوفنىڭ سۈيقەستكە ئۇچراش دېلوسىنى ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگۈچى ئوكرائىنالىق ئارتىس ۋە فوتو سۈرەت ئاننا دورىت كايا ئوكرائىناغا قايتقاندىن كېيىن تەھدىتكە ئۇچرىغان .ساقچى دائىرلىرى قوغداش تەدبىرلىرىنى قوللانغان .
ئۇكرائىنا خەلقئارا تېلېگرامما ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن ئاننا دورىت كايا بۇ يىل 5-مارت ئۇكرائىنا ئىچكى ئىشلا رمىنىستىرىنىڭ كىيىف ئوبلاستىدىكى مەلۈم شەھەرنىڭ خەۋپسىزلىك ئىدارىسىگە دېلو مەلۇم قىلىپ ،ئاتا ئانىسىنىڭ ئۆيىگە ماڭغان يولدا سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان كىشىلەرنىڭ ئۇنى ئۆلتۈرمەكچى بولغانلىقىنى ئېيتقان .ئۇكرائىنا باش تەپتىشى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارنى زۆرۈر تەدبىرلەرنى قوللىنىپ ئاننا دورىت كايانىڭ ئامانلىقىنى قوغداشقا بۇيرىدى .نۆۋەتتە شۇ شەھەرلىك ساقچى ئىدارىسى كىيىف تەپتىش مەھكىمىسىنىڭ قارارى بويىچە تەھدىت سېلىش دېلوسىنى تەكشۈرمەكتە .روسىيە ئۆكتىچىلىرىنىڭ رەھبىرى ،سابىق زۇڭلى مىنزوف شۇ جاي ۋاقتى 27-فېۋرال كەچتە موسكۋا شەھەر مەركىزىدە سالاھىيىتى ئېنىق بولمىغان كىشىلەر تەرىپىىدىن ئېتىپ ئۆلتۈرۈلدى .دېلو يۈز بەرگەندە مىنزوفنىڭ يېنىدا ئاننا دورىت كايا بار ئىدى .ئاننا دورىت كايا 2-مارت ئادۇۋكاتنىڭ ھەمراھلىقىدا موسكۋادىن ئايرىلىپ كىيىفقا قايتىپ كەلدى .روسىيەنىڭ مۇناسىۋەتلىك تارماقلىرى ئاننا دورىت كايانىڭ مەزكۇر دېلوغا مۇناسىۋەتلىك باشقا ئۇچۇرلارنى .ئاشكارىلىماي تەكشۈرۈشكە داۋاملىق ماسلىشىش ئۈچۈن ۋەدە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نومۇرى : LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved