تۇنىسنىڭ ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنتى بىن ئەلىگە قاماق جازاسى بېرىلدى

دۇنيا خەۋەرلىرى تورى 23-ئاپرېل خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: تۇنىسنىڭ ئاغدۇرۇلغان پرېزىدېنتى زەينۇل ئابىدىن بىن ئەلى ، دۆلەتكە ئ‍ائىت بىر پىلاننى ئايالىنىڭ جىيەنى ئىماد ترابلۇسىغا بەرگەنلىكى سەۋەبىدىن «ۋەزىپىسىنى خاتا سۈيئىستىمال قىلغان» دىگەن جىنايەت بىلەن سوتلىنىپ 6 يىللىق قاماق جازاسىغان ھۆكۈم قىلىندى.
ئىمادنىڭ ئادۋۇكاتى ۋىسام سەئىدى، تۇنىس رەسمى خەۋەر ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلىپ، پايتەخت تۇنىس شەھىرىدىكى سوت مەھكىمىسىنىڭ ۋەكىلى ئىماد ۋە ئاغدۇرۇلغان رەھبەر بىن ئەلىنىڭ، كايراۋان ۋىلايىتىدىكى دۆلەتكە ئائىت كانچىلىق ئورنىنىڭ تۈۋەن باھادا سېتلىشىغا ئالاقىدار قاراپ چىقىلغان داۋادا 6 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېيتتى.
سوت مەھكىمىسى، بىن ئەلى ۋە ئىمادنى دۆلەت مەمۇرلىقى خاتا سۈيئىستىمال قىلىپ شەخسى مەنپەئەت توپلاش بىلەن ھۆكۈمەتكە زىيان يەتكۈزگەن دىگەن جىنايەتلەر بىلەن ئەيىبلىگەن. تۇنىستان 2011-يىلى 14-يانۋاردا باشلانغان ئىنقىلابتىن كېيىن پرېزىدېنتى زەينۇل ئابىدىن بىن ئەلى سەئۇدى ئەرەبىستانغا قېچىپ كەتكەن بولۇپ، ئۇ ئۆزى ھەققىدە ئېچىلغان 140 داۋا بىلەن سوتلىنىۋاتىدۇ. ئىماد ترابلۇسى بولسا ئۆزى ھەققىدە ئېچىلغان تۈرلۈك داۋالار بىلەن 2011-يىلىدىن بېرى تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.



23-04-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek