سۈرەتتە: تۈركىيە زۇڭلىسى داۋۇت ئوغلى شۇ جاي ۋاقتى 12-ئاينىڭ 22-كۈنى پايتەخت ئەنقەرەدە سۆز قىلىپ مۇنداق دېدى، تۈركىيە ھەربىي دائىرىلىرى ئىراقنىڭ شىمالىي قىسمىدا ئىراق ھەربىيلىرىنى مەشىقلەندۈرىۋاتىدۇ، مەشىق قىلدۇرۇش تاكى موسۇل شەھىرى (Mosul City) ئازاد قىلىنغانغا قەدەر داۋاملىشىدۇ.
روسىيە ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 28-چېسلا خەۋەر قىلىشىچە، سۈرىيە قوراللىق تەشكىلاتىغا ئەسىرگە چۈشۈپ قالغان «شام ئىسلام دۆلىتى» نىڭ بىر تېررورچىسىنىڭ ئىقرار قىلىشىچە، ئۇ تۈركىيە چېگرىسى ئىچىدە ھەربىي مەشىقلەندۈرۈلگەن ئىكەن. ئۇنىڭ دېيىشىچە، ھەربىي مەشىق قىلىش گازارمىسى نامدا سۈرىيە ئەركىن ئارمىيىسى ئەسكەرلىرىنى مەشىقلەندۈرۈش نامىدا ئىشلىتىلىدىكەن، بىراق ئەمەلىيەتتە «شام ئىسلام دۆلىتى» تېررورچىلىرىنى مەخپى مەشىقلەندۈرىدىكەن.
بۇ يىل 20 ياشقا كىرگەن ئابدۇل راھمان ئابدۇل ھادى (Abdul Rahman Abdul Hadi) شۇ جاي ۋاقتى 11-ئاينىڭ 1-كۈنى سۈرىيەنىڭ شىمالىدىكى كورت خەلق قوغدىنىش قىسمى (Kurdish people to defend team) گە ئەسىرگە چۈشكەن. ئۇ مۇنداق ئىقرار قىلدى، مەن «شام ئىسلام دۆلىتى» نىڭ تۇنجى ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىشتىن بۇرۇن تۈركىيە مەشىقلەندۈرۈلگەن ئىدىم. ئۇلار قارىماققا دۈشمەندەك قىلىدۇ، بىراق ئەمەلىيەتتە ئۇلار بىزنىڭ دوستىمىز. مەن باشقا 60 نەچچە قوراللىق ئۇنسۇرلار بىلەن بىرلىكتە بىر ئايغا يېقىن مەشىق قىلغان، بىزنىڭ مەشىق قىلىش بازىمىز ئايرودرومدىن ئانچە يىراق بولمىغان بىر جايدا ئىدى. ھەربىي مەشىققە ئىككى كوماندىر مەسئۇل، بىرى تۈركچە سۆزلەيدۇ، يەنە بىرى تەرجىمە قىلىدۇ.
ئابدۇل راھمان ئابدۇل ھادى يەنە مۇنداق دېدى:«بىز ھەر ھەپتىدە بىر قېتىم قارغا ئېتىش مەشىقى قىلىمىز، كالاشنىكوۋ (Kalashnikov) مىلتىقى، ئاپتۇمات ۋە باشقا قوراللارنى ئېتىشنى ئۆگىنىمىز. بىز تۈركىيەدە مەشىق قىلغان، چۈنكى «شام ئىسلام دۆلىتى» نىڭ قارىشىچە تۈركىيە سۈرىيەگە قارىغاندا بىخەتەر، سۈرىيەدىكى قېرىنداشلىرىمىز توختىماي بومباردىمان قىلىنىۋاتىدۇ». گەرچە مەزكۇر مەشىق قىلىش گازارمىسى رەسمىي ھالدا سۈرىيە ئەركىن ئارمىيىسى ئەسكەرلىرىنى مەشىق قىلدۇرۇش بازىسىدىن بىرى، دەپ جاكارلانغان بولسىمۇ، بىراق بۇ جايدا 60 تىن ئارتۇق «شام ئىسلام دۆلىتى» تېررورچىلىرى بار، بىر قىسىملىرى سۈرىيەلىك، ئۇلارنىڭ كۆپىنچىلىرى دەسلەپتە تۈركىيەگە خىزمەت ئىزدەپ كەلگەن، كېيىن بولسا «شام ئىسلام دۆلىتى» گە ئەزا بولغان.
ئابدۇل راھمان ئابدۇل ھادى يەنە مۇنداق دېدى:«مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، مەن ئادانا بازىرى (Adana town) دىك بىر جايغا باردىم. بىزنىڭ ۋەزىىمىز سۈرىيەلىك يېڭى ئەسكەرلەر بىلەن كۆرۈشۈش ئىدى. مەشىق ئاخىرلاشقاندىن كېيىن بىز ئۇلارنى تۈركىيەنىڭ ئۇرفا بازىرى (Urfa town) غا ئاپىرىپ قويدۇق. يېڭى ئەسكەرلەر بۇ جايدىن تۈركىيە-سۈرىيە چېگرىسى ئارقىلىق سۈرىيە لاكاغا بارىدۇ، ئۇ يەردىن تېخىمۇ يىراق جايلارغا بارىدۇ».
ئۇندىن باشقا ئابدۇل راھمان ئابدۇل ھادى يەنە ئاشكارىلاپ مۇنداق دېدى:«شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئوق-دورا، قورال-ياراغلىرى شەخسى يۈك ماشىنىلىرىغا بېسىپ يۆتكىلىدۇ، مېنىڭ ئاڭلىشىمچە ئۇلار ئوق-دورا، قورال-ياراغ قاچىلانغان ساندۇقلارنىڭ ئۈستىگە سەي-كۆكتات قويىدىكەن، بۇنداق بولغاندا كۈرەشچى ئايروپىلانلار بايقىيالمايدىكەن». بىراق يەنە بىر ئەسكەر ئۆزلىرى ئىشلەتكەن ئوق-دورا، قورال-ياراغلارنىڭ قەيەردىن كېلىدىغانلىقىنى بىلمەيدىغانلىقىنى تىلغا ئالدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved