ئېرىتىش دەرياسى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي يانباغرىدىن باشلىنىدىغان بولۇپ ، دۆلىتىمىز تەۋەسىدىكى ئۇزۇنلۇقى 546 كىلومېتىر ، ۋادى يەر مەيدانى 570 مىڭ كىۋادرات كىلومېتىرغا يېتىدۇ . ئۇ جۇڭگودىكى شىمالىي مۇز ئوكيانغا قۇيۇلىدىغان بىردىنبىر تاشقى دەريا ، شۇنداقلا ئوب دەرياسىنىڭ ئەڭ چوڭ تارماق ئېقىنى بولۇش سۈپىتى بىلەن ، يەنە جۇڭگو ، قازاقىستان، رۇسىيەلەردىن ئېقىپ ئۆتىدىغان خەلقئارالىق دەريادۇر .
ئېرىتىش دەرياسى ئالتاي تېغىنىڭ جەنۇبىي ئېتىكىدىن غەربىي شىمالغا قاراپ ئېقىپ ، قابا ناھىيەسىنىڭ غەربىدىن قازاقىستانغا چىقىپ زەيسان كۆلىگە قۇيۇلۇپ ، داۋاملىق غەربىي شىمالنى بويلاپ ئېقىپ ، قازاقىستاننىڭ شەرقىي شىمالىدىن ئۆتۈپ رۇسىيەگە كىرىدۇ ، ئاندىن ئومسكقا كەلگەندە شەرقىي شىمالغا ، تالا ئەتراپىغا كەلگەندە غەربىي شىمالغا ، توبولسككە كەلگەندە شىمالغا قاراپ ئېقىپ ، خانتى - مانسيىسكتە ئوب دەرياسىغا قۇيۇلىدۇ .
ئېرىتىش دەرياسى مەنبەدىن باشلاپ دولقۇنلاپ ، مەۋج ئۇرۇپ ، خۇددى باتۇر جەڭچى ئۆتكەلگە ئاتلانغاندەك ئالغا قاراپ ئېقىپ ، قابا ناھىيەسى تەۋەسىگە كىرگەندىن كېيىن ، يەر شەكلى تۈزلەڭ بولغاچقا بىردىنلا ‹‹ يۇۋاشلاپ ›› ، ‹‹باتۇر جەڭچى ›› دىن بەئەينى ‹‹مۇلايىم نازىنىن ›› غا ئۆزگىرىدۇ . ئۇ زۇمرەتتەك سۈپسۈزۈك سۇلىرى بىلەن يەر-زېمىننىڭ تەشنالىقىنى قاندۇرۇش بىلەن بىر ۋاقىتتا ، خۇددىي رەڭدار لېنتا كەبى زېمىن يۈزىگە يەنىمۇ ھۆسن قوشىدۇ .
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved