ئامېرىكىنىڭ ياردەم بېرىشى بىلەن ئىراقنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش بولامدۇ-يوق؟

‏قىسقىغىنا نەچچە كۈندە ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق كۈچلىرى ئىراقتىكى مۇھىم بازارلارغا ھۇجۇم قىلدى ھەمدە تېزلىكتە پايتەخت باغداتقا قاراپ ئىلگىرىلىدى. 18-ئىيۇن ئىراق ھۆكۈمىتى ئامېرىكىدىن ئىراق تەۋەسىدىكى ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەرگە ھاۋادىن زەربە بېرىشنى رەسمىي تەلەپ قىلدى. بەزى خەۋەردە: ئامېرىكىنىڭ F-18 تىپلىق كۆرەشچى ئايروپىلانى ئىراق ھاۋا بوشلۇقىنى چارلىماقتا، دېيىلدى. نۆۋەتتىكى ۋەزىيەتتە ئامېرىكا ئىراققا ئەسكەر چىقىرامدۇ-يوق، قانداق ئەسكەر چىقىرىدۇ؟


ئۇرۇشقا قارشى تۇرۇشنى زۇڭتۇڭ سايلىمى ئىدىيەسى قىلغان ئوباما دەسلەپتە ناھايىتى تەسلىكتە ئامېرىكا ئارمىيەسىنى ئىراق ئۇرۇشى پاتقىقىدىن چېكىندۈرۈپ چىقتى، ئەگەر ئاسانلىقچە كەينىگە قايتسا ئۇنىڭ ئىراقتىن قوشۇن چېكىندۈرۈش ۋە سۇرىيەگە ئەسكەر چىقارماسلىق سىياسىتىگە قارشى چىققانلىق بولىدۇ، بۇ ئۇنىڭ ئامېرىكىنىڭ چەتئەللەردىكى ئۇرۇشىنى ئاياغلاشتۇرغان زۇڭتۇڭ دېگەن سىياسىي غايىسىنىڭ يوققا چىققانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ئىراققا قايتىپ كەلسىلا، ئوبامانىڭ «ئاسىيا تىنچ ئوكيان رايونىنى قايتىدىن تەڭپۇڭلاشتۇرۇش ئىستراتىگىيەسى»گە تەسىر كۆرسىتىدۇ، بۇ تۈپ يىلتىزدىن ئامېرىكىنىڭ نۆۋەتتىكى « ئۆزىنىڭ ئىقتىسادىنى ئەسلىگە كەلتۈرۈش، جۇڭگونىڭ قەد كۆتۈرۈشىنى تېزگىنلەش، زومىگەرلىك تەرتىپىنى قايتىدىن تۇرغۇزۇش»تەك يادرولۇق نىشانىغا خىلاپ.


ئەمەلىيەتتە، ئىراق ۋەزىيىتىنىڭ مۇۋاپىق قالايمىقان ھالەتنى ساقلىشى ئامېرىكىنىڭ يىراقتا تۇرۇپ تەڭپۇڭلاشتۇرشىدىكى مۇھىم ئامىل. ئىلگىرى مالىك ھۆكۈمىتى سايلام ئارقىلىق ئىراقتا ھاكىمىيەت يۈرگۈزگەن ۋاقىتلاردا ئامېرىكا كېڭەش پالاتاسى بىر تۈرلۈك بىرەسمى چەكلەش خاراكتېرلىك قارار لايىھەسى ماقۇللاپ، ئىراقنىڭ فېدېراتسىيە تۈزۈمىنى بوشىتىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىنى ھەمدە دىنى مەزھەپ ۋە مىللەتلەرنى ئايرىپ، شىئە مەزھىپى، سۈنئىي مەزھىپى، كوردلار دەپ ئۈچ رايونغا ئايرىپ باشقۇرۇشنى ئۈمىد قىلغانىدى.
ئامېرىكىلىقلار بۇ خىل ئۇسۇل ئارقىلىق، ئىراق ۋە ئوتتۇرا شەرق رايونىغا خالىغان ۋاقىتتا پارتلايدىغان «يىراقتىن باشقۇرۇلىدىغان بومبا» ئورۇنلاشتۇرۇپ، بۇ ئارقىلىق ئۆزىنىڭ رايون پىشكىسىنى كۆپەيتمەكچى بولدى. شۇنداق بولغاچقا «قالايمىقانچىلىق پەيدا قىلىش» ۋە «توپىلاڭدىن توغاچ ئوغرىلاش»قا ماھىر ئامېرىكىغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، قالايمىقانچىلىقنىڭ ئۆزىلا ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چىقىرىشىنىڭ سەۋەبى بولالمايدۇ.


ئوبامانىڭ ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىگە تۇتقان پوزىتسىيىسى ناھايىتى زىددىيەتلىك، 1-دىن ئۇ تېررورچى كۈچلىرىنىڭ ئىراقنى كونترول قىلىشنى قوبۇل قىلالمايدۇ، دۇنيا تېررورىزمىنىڭ بۇ مۇنبەت تۇپراقتا ئۆسۈپ-يېتىلىشىنى تېخىمۇ قوبۇل قىلالمايدۇ. يەنە بىر تەرەپتىن ئۇ يەنە ئەسەبىي كۈچلەرنىڭ قولى ئارقىلىق ئەسەد ھاكىمىيىتىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، غەلبە قىلىشنى ئويلايدۇ، بۇ زىددىيەت ئوبامانىڭ قانداق ئەسكەر ئەۋەتىش مەسىلىسىدە ئاز دېگەندە ئىككى خىل تاللىشى بولۇشىنى بەلگىلىدى.


‏ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چىقىرىش كونكىرىت ئۇسۇلىنى كېيىنكى ۋەزىيەتنىڭ تەرەققىياتى بەلگىلەيدۇ. ئەگەر قالايمىقان ۋەزىيەت كونترول قىلىنسا، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراق ئارمىيەسى بىلەن ئاخبارات ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشى، ئىراق ھۆكۈمىتىگە بىرىدىغان مەبلەغ، قۇرال ياردىمىنى كۆپەيتىشى مۇمكىن. ئەگەر قالايمىقان ۋەزىيەت داۋاملىق كېڭەيسە ۋە كونترول قىلغىلى بولمىغۇدەك دەرىجىگە يەتسە، ئامېرىكا ئارمىيەسى ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى قۇراللىق كۈچلىرىگە بىۋاسىتە زەربە بېرىشى ياكى يۈز كىشىلىك ئالاھىدە قىسىمنى ئىراققا ئەۋەتىشى مۇمكىن. بۇنىڭدىن باشقا ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ سەئوددى ئەرەبىستانى، ئىيوردانىيە ، تۈركىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۆلەتلەردىن بىۋاسىتە ھەربىي ياردەم تەلەپ قىلىشىنى يوققا چىقىرىۋەتكىلى بولمايدۇ.


ئامېرىكىنىڭ ئەسكەر چىقىرىشىنىڭ سالمىقى جەزمەن چەكلىك. ئامېرىكا ئارمىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، تېررورىزىمغا زەربە بېرىش دائىملىق ھەرىكەت، ئەمما بۇ ئامېرىكا ئارمىيەسىنىڭ ھەر قانداق ئورۇن، ۋاقىتتا، ھەر قانداق تېررورلۇق تەشكىلاتقا شەرتسىز زەربە بېرىدىغانلىقىدىن دېرەك بەرمەيدۇ. تارىخى تەجرىبىدىن قارىغاندا، تېررورچى كۈچلەر ئامېرىكىنى رايون تىركىشىشىدىكى كۈچلۈك قۇرال دەپ قارايدۇ، مەسىلەن ئامېرىكا بىلەن سوۋېت ئىتتىپاقى زومىگەرلىكنى تالاشقاندا، بىن لادىن ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن ئىتتىپاقدىشى ئىدى، جۇڭگو ئامېرىكا تېرىكىشىشىدە «ئۈچ خىل كۈچ» ئامېرىكىنىڭ ياردىمىدە تەدرىجىي زورايدى، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىمۇ ئامېرىكىنىڭ سۈكۈت قىلىشى بىلەن سۇرىيە ئىچكى ئۇرۇشىدا ئەسلىگە كېلىۋاتمامدۇ؟ ئامېرىكا ئارمىيەسىگە نىسبەتەن ئېيتقاندا، ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتىنىڭ ئىراقتىكى كېڭىيىشىنى توختىتالىسىلا، ئاساسى جەھەتتىن ۋەزىپىسىنى ئورۇندىغان بولىدۇ، قېپقالغان قالايمىقانچىلىقلار ئامېرىكىلىقلارنى شاتلاندۇرۇشى مۇمكىن. ئەگەر ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى ئىراقتىن ئولجا ئالغان زور مىقداردىكى نەقپۇل ۋە ئىلغار قۇراللارنى ئېلىپ سۇرىيەگە قايتسا، ئامېرىكىلىقلار ئاستىرتتىن ئۇلارنى قوللىشى مۇمكىن.


ئاق ساراي مەيلى قانداق تاللىسۇن، ئىراق ۋەزىيىتىدە بۇرۇلۇش بولمايدۇ، ئەسلىدىنلا بىرلىككە كەلگەن، نىسبەتەن مۇقىم بولغان دۆلەت ئامېرىكىنىڭ تاجاۋۇز قىلىشى بىلەن ئەڭ ئاخىرىدا مۇشۇ كۈنگە قالدى. سىياسىي ھەربىي ئىشلاردا يېتەرلىك نوپۇزى بار ۋە ئۇستا كۈچلۈك ئادەم پەيدا بولمىغۇچە، ئىراقتەك قەدىمىي مەدەنىي دۆلەت ئۇزاق مۇددەت قالايمىقانچىلىق، توقۇنۇش، بۆلۈنۈش ھالىتىدە تۇرۇشى مۇمكىن .



خەتكۈچلەر:
22-06-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-04-2016
    2016- يىلى 27- ئاپرېل دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭيى دىياۋيۈ دۆلەتلىك مېھمانسارىيىدا ئاسىيا ئۆز-ئارا ھەمكارلىق ۋە ئىشەنچ تەدبىر يىغىنى 5-قېتىملىق دىپلوماتىيە مىنىستىرلىرى يىغىنىغا قاتناشقىلى دۆلىتىمىزگە كەلگەن قىرغىزىستان...
28-04-2016
    ئاۋسترالىيە قىتئەسى تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، يېقىندا بىر تۈرلۈك ئەلرايىنى سىناش نەتىجىسىدە نامايان بولۇشىچە، زىيارەتنى قوبۇل قىلغان ئاۋسترالىيەلىكلەرنىڭ ئىچىدە پەقەت 5 دىن 1 كىشىلەرلا بۇ دۆلەتنىڭ سابىق زۇڭلىسى Kevin...
28-04-2016
     ئامېرىكا دېموكراتلار پارتىيەسى نامزاتى كىلىنتون ھىلارى ئەگەر ئامېرىكا سايلىمىدا غەلىبە قىلسا، ئامېرىكا تارىخىدىكى تۇنجى ئايال پىرېزىدېنت بولۇپلا قالماي يەنە رەھبەرلىكىدىكى ئىچكى كابېنتنىڭ يېرىمغا يېقىن ئەزاسى ئاي...
28-04-2016
    چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى 26-ئاپرېل بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، قىز، ئاياللارنىڭ باسقۇنچىلىققا ئۇچرىشىدىن ساقلىنىش ئۈچۈن كېلەر يىلدىن باشلاپ ھىندىستاندا سېتىلدىغان بارلىق يانفونلارغا جىددىي ...
28-04-2016
     4-ئاينىڭ 28-كۈنى خەۋىرى، رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكۋا ۋاقتى 28-ئاپرېل 5:01 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى 10:01 مىنۇت) رۇسىيە يېڭى شەرق ئالەم قاتنىشى راكېتا قويۇپ بېرىش مەيدانىدا تارىختا ...
28-04-2016
     «دەۋر» ژۇرنىلى تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بوللىۋود كىنو چولپىنى ۋە ئامېرىكا تېررورلىققا قارشى تۇرۇش تېمىسىدىكى تېلېۋىزىيە تىياتىرى Quanticoنىڭ باش رولچىسى پرىيانكا چوپرا ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيىسىنىڭ زۇڭتۇڭ ...
28-04-2016
   ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 24-ئاپرېل ھاراقچىلىق كەسپى ماگناتى ۋىجاي مالىئانىڭ پاسپورتىنى ئەمەلدىن قالدۇرغانلىقىنى دەلىللىدى. ۋىجاي مالىئا بىر مىليارد ئامېرىكا دوللىرىدىن ئارتۇق قەرز بولۇپ قېلىپ، ئالدىنقى ئايدا چەتئەل...
28-04-2016
    ئوتتۇرا شەرقتە مالىمانچىلىق توختىمايۋاتقان، ئەنگلىيە ياۋروپا ئەللىرى ئىتتىپاقىدىن چېكىنىشنى ئاۋازغا قويۇشقا دۇچ كەلگەن، گېرمانىيە مۇساپىرلار سىياسىتىنىڭ قىينىشىغا چوڭقۇر ئۇچراۋاتقان ئەھۋالدا، ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتى توشۇش...
28-04-2016
    ئىجتىمائىي ئالاقە تور بېكىتى Facebookدا شەخىسلەرنىڭ شەخسىي ماتېرىيالى، باش سۈرىتى، ئەھۋالىنىڭ يېڭىلىنىشى، شۇنداقلا ئابونتلارنىڭ دوستلىرى قاتارلىق نۇرغۇن ئۇچۇرلىرى كۆرسىتىلىدۇ. ئەمما ئابونتلارنىڭ مەزكۇر تورغا بولغان ئىش...
28-04-2016
   شۇ جاي ۋاقتى 27-ئاپرېل، ئەنگىلىيە لوندوندا شەھەر ئاھالىلىرى قاتناش مىنىستىرلىقىنىڭ سىرتىدا ماسكا تاقىغان ھالدا يەردە جەسەتتەك يېتىپ ھاۋا بۇلغىنىشقا قارشى ئېتىراز بىلدۈرگەن. «ۋېلىسىپىت مىنگۈچىلەرنى ئۆلتۈرۈشنى توختىتىش» نى تەش...
Powered by Leglek