مالايسىيا MH370 ئېلىپ كەلگەن ئۈمۈتسىزلىك

تېڭشۈن تورى  خەۋىرى ،لەگلەك تورى  تەرجىمىسى .

3-ئاينىڭ 8-كۈنى مالايسىيانىڭ MH370 قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلانى يوقاپ كەتتى ، شۇ كۈنى جاڭ جىلىياڭ بىلەن شىياۋ دوۋ دوۋنىڭ توي خېتى ئالىدىغان پىلان كۈنىگە 15 كۈنلا قالغان ئىدى .شىياۋ دوۋ دوۋ دەل شۇ يوقاپ كەتكەن ئايروپىلانغا چىققان 238 نەپەر يولۇچىنىڭ ئىچىدە بار ئىدى . جاڭ جىلىياڭ شۇ كۈندىن باشلاپ بېيجىڭ لىدۇ مېھمانسارىيىدا ،باشقا ئائىلە تاۋاباتلىرى بىلەن بىرلىكتە تۇردى ،ئۆيگە قايىتقىنىدا بولسا پەقەت ئۆزى ۋە شىياۋ دوۋدوۋنىڭ ئىلگىرى چۈشۈپ ساقلاپ قويغان رەسىملىرىگە قاراپ ئولتۇراتتى ،بۇ ئىشلار ئۇنىڭغا بەكلا تۇيۇقسىز بىلىندى .


27 ياشقا كىرگەن شىياۋ دوۋدوۋ بىلەن جاڭ جىلىياڭنىڭ تونۇشقىنىغا ئىككى يىل بولغان ،ئۇلار تونۇشقان كۈنى شىياۋ دوۋدوۋ سۈرەتخانا ئەتراپىغا خىزمەتكە كەلگەن ،جىلىياڭ بولسا بىر فوتوگراف ئىدى ، شۇنداق قىلىپ بۇ ئىككىيلەن تونۇشتى ، ئۇلارنىڭ مىجەزى بەكلا كېلىشەتتى ،ھەمدە تېزلا بىرگە ماڭدى ،بۇيىل بېشىدا ئۇلار بىرلىكتە توي قىلىدىغان كۈنىنى بېكىتكەن ئىدى .ئەپسۇس ،بۇ كۈن يېتىپ كېلىشكە ئاز قالغاندا بۇ ئېچىنىشلىق ۋەقە يۈز بەردى . جاڭ جىلىياڭ لىدۇ مېھمانخانىسىدىكى تىلەك تاختىسىغا ،قىز دوستىغا بولغان ئەسلىمە سۆزىنى يېزىپ قالدۇردى .


تىيەنجىندىكى ئىجارىگە ئالغان ئۆيىنىڭ ھەممىلا يېرىدە بۇ ئىككى بىر جۈپنىڭ ئورتاق تۇرمۇشىدىكى گۈزەل ئەسلىمىسى بار ئىدى .

جاڭ جىلىياڭ كىچىكىدىنلا تىيەنجىندا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن ،شىياۋ دوۋدوۋ بولسا ئىمتىھان بېرىش ئارقىلىق خېنەندىن تىيەنجىنگە كېلىپ ئالىي مەكتەپتە ئۇقۇغان ،كېيىن ئوقۇش پۈتۈپ تىيەنجىندا قېلىپ خىزمەت قىلغان ، شۇ جەرياندا بۇ ئىككىيلەن تۇنۇشۇپ قالغان ئىدى ، توي قىلىش نىيىتىگە كەلگەندىن كېيىن ئۇلار تىيەنجىندا قېلىشنى ئويلىشىپ ،ئۆي ئىجارىگە ئالغان .


توي قىلىدىغان كۈن بېكىتىلگەندىن كېيىن ، شىياۋ دوۋ دوۋ كۆپرەك پۇل تېپىۋېلىش مەقسىتىدە ،بېيجىڭدىكى بىر شېركەتكە كېلىپ ياردەمچى بولۇپ ئىشلىگەن ،3-ئاينىڭ 6-كۈنى شىركەتكە كېلىپ ئىشلىگىنىگە بىر ئاي بولغان شىياۋ دوۋدوۋ خوجاينىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بىلەن مالايسىيادىكى يىغىنغا قاتناشقىلى كەتكەن ، 3-ئاينىڭ 8-كۈنى ئۇ ۋەتەنگە قايتىش مەقسىتىدە ئايروپىلانغا چىققان . 3-8-كۈنى جاڭ جىلىياڭ قىز دوستىنىڭ بىخەتەر قونغانلىق خەۋىرىنى تاپشۇرۇپ ئېلىشنىڭ ئورنىغا ،ئايروپىلاننىڭ يوقاپ كەتكەنلىك خەۋىرىنى كۆردى . شۇنىڭدىن كېيىن ئۇنىڭ تامىقى ئازلاپ ،ئاشقازىنى ئاغرىشقا باشلىدى ، تاماكا چېكىشى كۆپلەپ ،ھۆتلىدىغان بولۇپ قالدى .


شۇنىڭدىن كېيىن ئۇ لىدۇ مېھمانخانىسىدىن ناھايىتى ئاز ئايرىلدى ،چۈنكى ئۇ ئايروپىلان توغرىسىدىكى بىرەر يېڭى خەۋەرنى كەتكۈزۈپ قۇيۇشتىن ئەنسىرەيتى ، ئۇ ھەتتا ئائىلىسىدىكىلەرگىمۇ كۆپ گەپ قىلمايدىغان بولۇپ قالدى ، توي قىلىدىغان كۈننىمۇ ئۆزى يالغۇز ھاراق ئىچىپ ،لى دۇ مېھمانخانىسىنى چۆرگىلەپ ئۆتكۈزۈۋەتتى .

ئۇ تىيەنجىنگە قايتىپ كەلگەن كۈنى ئايروپىلاننىڭ قارا قۇتىسى توغرىسىدىكى خەۋەرنى تاپشۇرىۋالدى ۋە ئۇدۇللا يەنە بېيجىڭغا قايتتى ، ئۇ ھازىرغىچە باشقلار بىلەن بىرلىكتە ،MH370نىڭ قايتىپ كېلىشىنى كۈتىۋاتىدۇ .

 



خەتكۈچلەر:
11-04-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: تېڭشۈن تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
07-02-2016
       شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ 2-ئاينىڭ 7-كۈنى تەينەندىن ئەۋەتكەن تېلىگراممىسى: تەيۋەن تەينەن شەھەرلىك ئوت ئۆچۈرۈش ئىدارىسىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2-ئاينىڭ 7-كۈنى ئەتىگەن سائەت بەشتىن 15 مىنۇت ئۆتكە...
07-02-2016
      ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى» نىڭ 2-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، دۇبەيدە يېڭىدىن كاتتا بەش يۇلتۇزلۇق مېھمانساراي سېلىنىدىغان بولۇپ، بۇ مېھمانساراي 2018-يىلى رەسمىي تىجارەت باشلايدىكەن. بۇ مېھمانساراي لايىھەسىنىڭ...
01-02-2016
        ئامېرىكىنىڭ «پەن-تېخنىكا ئىچكى سىرى» ناملىق تور بېتىنىڭ 1-ئاينىڭ 18-كۈنىدىكى دوكلاتىغا قارىغاندا،كىشىلەر شەھەرگە يۈرۈش قىلغان بولۇپ، لېكىن يەر شارى بۇنىڭغا ئەگىشىپ چوڭايمايدىكەن. بۇ بىزنىڭ تۇرالغۇلىرىمىز بارغا...
01-02-2016
      شېنجىن شەھىرى لۇڭخۇا يېڭى رايونى مىنجى كوچىسىدىكى ئىككى بىنا چاپلىشپ قالدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ ئىككى بىنانىڭ ئارىلىقى ئەسلىدە بىر مېتىر قىلىپ سېلىنغان بولۇپ، ۋاقىت ئۆتكەنسېرى ئارىلىق يېقىنلاپ ئىككىلا بىنا قىيسىيىپ، ئىن...
26-01-2016
    ياپونىيە ئېقىم مەسىلىلىرى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ 1-ئاينىڭ 26-كۈنىدىكى خەۋىرىدە مۇنداق دىيىلدى: «ئامېرىكا ھاۋا ئارمىيەسى 1-ئاينىڭ 24-كۈنى، تەتقىق قىلىپ ياسىلىۋاتقان (دۇلدۇل)- KC-46A تىپلىق ھاۋادا ماي قاچىلاش ئايروپىلانى بىلە...
26-01-2016
«يەر شارى تورى ئۇنىۋېرسال خەۋىرى» رۇسىيە «گېزىت خەۋەرلىرى»نىڭ 26- يانۋاردىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، نورۋېگىيە ساقچى تەرەپ، يېقىندىلا رۇسىيە چېگراسىدىن قېچىپ نورۋېگىيەگە چېگراسىغا كىرگەنلىكى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان 80 دىن كۆپرەك مۇساپىرنى قويۇپ...
14-01-2016
         ۋىكتور ئېنرىچ بارسېلونادىكى بىر 3D قۇرۇلۇش سۈرەت لايىھەلەش ئۇستىسى، ئۇ خېرىدارغا قۇرۇلۇش لايىھىسىنى تاپشۇرۇپ بولغاندىن كېيىن  قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى ھەقىقىي ئۈنۈمنى كۆزىتىشكە قولايلىق بولسۇن ئۈچۈ...
12-01-2016
      11-يانۋار لەنجۇ شەھىرى چېڭگۈەن رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، يېقىندا بۇ رايوندىكى ئاھالىلەر لەنجۇ جيۇجۇ ھەمكارلىق يېڭى كەنتى 2- رايونىدىكى 9-، 10- نومۇرلۇق ئولتۇراق بىنالاردا ئوخشىمىغان دەرىجىدە چا...
11-01-2016
     ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.     ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
11-01-2016
    دۆلەت س س م ب باش ئىدارىسى يېقىندا «ئۆي-زىمىن سېتىش ئېلانىنى تارقىتىش بەلگىلىمىسى»نى ئېلان قىلدى، بۇ بەلگىلىمە 1- فېۋرالدىن باشلاپ يولغا قويۇلىدۇ.     «بەلگىلىمە»دە ئۆي-زىمىن ئېلانلىرىدا ئىستىمالچى...
Powered by Leglek