ھوللېۋودنىڭ ئايال چولپىنى لۇپىتا نىيۇنو 87-قېتىملىق ئوسكار مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا
ئامېرىكا ئاخبارات ۋاستىلىرىنىڭ 26-فېۋرالدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ھوللېۋودنىڭ ئايال چولپىنى لۇپىتا نىيۇنونىڭ بۇ قېتىمقى ئوسكار مۇكاپات تارقىتىش مۇراسىمىدا كىيگەن ئېسىل مۇراسىم كىيىمى 24-فېۋرال مېھمانساراينىڭ ياتاق ئۆيىدىن ئوغرىلانغان. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، بۇ مۇراسىم كىيىمىگە 150 مىڭ دوللار قىممىتىدىكى 6000 دانە ئاق مەرۋايىت قادالغان بولۇپ، بۇ كىيىمنى داڭلىق ماركا لايىھەلىگۈچى Calvin Klein بىر نەچچە ئاي ۋاقىت سەرپ قىلىپ، لۇپىتا ئۈچۈن ئالاھىدە ياساپ چىققان ئىكەن.
ئىگىلىنىشىچە، مەزكور مۇراسىم كىيىمى ئوغرىلانغاندىن كېيىن، لۇپىتا ئەسلى دېلو مەلۇم قىلىشنى ئويلاشقان بولسىمۇ، بىراق ئۇ بۇ كىيىمنىڭ ھەقىقىي ئىگىدارى بولمىغانلىقتىن دېلو تۇرغۇزۇشقا ئامال بولمىغان. لوس ئانژېلېس ساقچى تەرەپنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇلار 25-فېۋرال كەچ سائەت 11 ئەتراپىدا ئاندىن مۇراسىم كىيىمىنىڭ ئوغرىلانغانلىق مەلۇماتىنى تاپشۇرۇپ ئالغان.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved