ئەسسالام دوستلار ،ئىلگىرى مەن باشقۇرۇش دىگەن نىمە دىگەن تىمىدا ماتىريال يىزىپ يوللىغان ئىدىم، لىكىن ئۇنى كۆرۇپ چۇشىنىپ ،ئۆز ئالاھىدىلىكىگە ماسلاشتۇرالايىغان ئانچە كۆپ ئەمەس ئوخشايدۇ. تەرەققىي قىلىمىز دەيمىزيۇ، لىكىن باشقىلارنىڭ يۇقىرى ئۇنۇملۇك ۋە ئەمىلىي تەجىربىدىن ئۆتكەن ،بىزگە پايدىلىق ئۇسۇل ۋە ماتىرياللارنى كۆزگە ئىلمايمىز ،بەلكىم بۇ بىر قىسىم كىشىلەر بولىشى مۇمكىن. لىكىن ئىشىنىمەنكى كۆپلىگەن دوستلار بۇنداق ماتىريالدىن پايدىلىنىشنى بىلىدۇ ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى بولغان قىممەتكە ئىرىشەلەيدۇ دەپ قارايمەن...........
مىنىڭمۇ ئۆزۇمنىڭ خىزمىتىم بار، ھەر ۋاقىت تورغاچىقمايمەن، بەزىدە ئالدىراش بولۇپ كەتسەم ئايلاپ -ئايلاپ ئالدىراش بولۇپ كىتىمەن. يىقىندىن بۇيان بۇرۇنقى خىزمىتىمدىن ئىستىپا بىرىپ ۋاقىت چىقىرىپ ئانچە-مۇنچە دوستلارغا پايدىسى تىگىپ قالارمىكىن دەپ بەزى تىمىلارنى يوللاپ قويدۇم.مەن ئارام ئالغاچ ئارلىقتا كۆپرەك ۋاقتىمنى چىقىرىپ ئىگىلىك تورىغا باشقۇرۇشقا ئائىت ماتىرياللارنى يىزىپ يوللاپ قويىمەن. كۆپچىلىكنىڭ پايدىلىنىشىنى ئۇمىد قىلىمەن.
كارخانا باشقۇرۇش دىگەن نىمە؟؟؟
كارخانا باشقۇرۇش بولسا -ئىشلەپچىقىرىش ۋە تىجارەتنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ،1-پىلانلاش ،2-يىتەكلەش،3-قۇماندانلىق قىلىش،4-ماسلاشتۇرۇش ،5-كونتىرۇل قىلىش قاتارلىق بىر تۇرلۇك ئۇقۇمنىڭ كەسپى ئاتالغۇسى (ئومۇمىي ئاتىلىشى).
ئىنگىلىزچە---Business Management دەپ ئاتايمىز. كارخانا باشقۇرۇشنىڭ مەزمۇنى بولسا --كارخانا تەرەققىيات باسقۇچىنىڭ ھەممە مەزمۇنىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.
كارخانا باشقۇرۇشنىڭ تۇرى بويىچە يەنە بىر قانچە تۇرگە بۆلىنىدۇ:
-باشقۇرۇش ئوبىيكتىغا ئاساسەن--
1-ئادەم كۇچلىرى بايلىقى،2-تۈر ،3-تىخنىك،4-مەبلەغ،5-بازار،6-ئۇچۇر ،7-ئۇسكۇنە ۋە ھۇنەر-سەنئەت،8-مەشغۇلات ۋە باسقۇچ،9-قائىدە-تۇزۇم.10-تىجارەت مۇھىتى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.
يىتىلىش باسقۇچىغا ئاساسەن--
1-تۈر ئىچىش ،2-تۇر پىلانلاش،3-تۇر قۇرلىشى،4-تۇر مەبلىغى،5-تۇرنى يۇرگۇزۇش،6-تۇرنى يىڭىلاش،7-تۇرنى ئىككىنجى قىتىم يۇرگۇزۇش،8-قايتا يىڭىلاش قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.
كەسىپ ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن--
1-پىلان باشقۇرۇش.2-ئشلەپچىقىرىشنى باشقۇرۇش،3-سىتىۋىلىشنى باشقۇرۇش،4-سىتىشنى باشقۇرۇش،5-سۇپەت باشقۇرۇش،6-ئىسكىلات باشقۇرۇش،7-مالىيە باشقۇرۇش،8-تۇر باشقۇرۇش،9-ئادەم كۇچلىرى بايلىقىنى باشقۇرۇش.10-سىتاستىكا باشقۇرۇش،11-ئۇچۇر باشقۇرۇش قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.
قاتلام ئالاھىدىلىكىگە ئاساسەن--
1-تىجارەت قاتلىمى،2-كەسىپ بىجىرىش قاتلىمى،3-تەدبىر بەلگىلەش قاتلىمى،4-ئىجرا قىلىش قاتلىمى،5-خىزمەتچىلەر قاتلىمى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.
بايلىق ئامىلىغا ئاساسەن ---
1-ئادەم كۇچلىرى بايلىقى،2-ئۇچۇر بايلىقى ،3-تىخنىك بايلىقى،4-ماددىي-ئەشيا بايلىقى،5-كاپىتال بايلىقى،6-بازار بايلىقى،7-خىرىدار بايلىقى،8-سىياسەت ۋە ھۆكۇمەت بايلىقى قاتارلىقلارغا بۆلىنىدۇ.
ئۇنىڭدىن باشقا يەنە كارخانا باشقۇرۇشتا تۆۋەندىكىدەك مەزمۇنلارمۇ بار:
1-ئىستىراگىيلىك باشقۇرۇش،2-تىجارەت باشقۇرۇش،3-سودا-ئىستىراگىيسى،4-مالىيە باشقۇرۇش،5-كاپىتال باشقۇرۇش،6-ئادەم كۇچلىرى باشقۇرۇش،7-رەھبەرلىك قابىلىيىتى قاتارلىق بىر تۇركۇم ئۇسۇل ۋە ئىشلاردا ئالاھىدە دىققەت قىلىش كىرەك. بۇنداق قىلىشنىڭ كارخانىنىڭ كىيىنكى تەرەققىياتىغا پايدىسى كۆپ . ئىچكى قىسىمدا بولسا --تەشكىللەش ئىستىراگىيسگە ئالاھىدە كۆڭۇل بۆلۇش كىرەك.
بىز ئىلگىرلەشكە مۇھتاج ،ھەرگىزمۇ ئارقىغا چىكىنىشكە مۇھتاج ئەمەس...................
كارخانا باشقۇرۇشنىڭ قانداق ئەھمىيىتى بار؟؟؟
1-ئىشلەپچىقىرش ئۇنۇمىنى ۋە تىجارەت ئۇنۇمىنى يۇقىرىكۆتىرىدۇ.
2-كارخانىغا ئىنىق بولغان نىشان ۋە يۆنىلىش بەلگىلەپ بىرىدۇ.
3-ھەر قايسى قاتلاملاردىكى خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇردىغان پۇرسەت يارىتىپ بىرىدۇ.
4-مالىيە ئاساسىي پۇختا، كىرىم-چىقىم ئىنىق،مەبلەغ سىلىش ۋە باشقۇرۇش ئەتراپلىق بولىدۇ.
5-خىرىدارغا ئىشەنچىلىك مەھسۇلات ۋە مۇلازىمەت تەمىنلەپ بىرىدۇ.
6-ياخشى بولغان كارخانا ئوبرازىنى ياراتقىلى ۋە جەمىيەتكە ئۆز تۆھپىسىنى قوشقىلى بولىدۇ.
باشقۇرۇشنىڭ ئومۇمىي قائىدىسىنى تۆۋەندىكىچە:
1-باشقۇرۇشنى كۇچەيتىش ،ھەرخىل قائىدە-تۇزۇملەرنى مۇكەممەللەشتۇرۇش،كارخانا تەرەققىياتىنى تىزلىتىش،ياخشى بولغان ئىقتىسادىي ئۇنۇم يارىتىش، دۆلەتنىڭ قانۇن-تۇزۇملىرىگە ئاساسەن ،كارخانىنىڭ باشقۇرۇش تۇزۇلمىسىگە ئاساسەن ئالاھىدەبولغان باشقۇرۇش قائىدىسى تۇزۇش.
2-كارخانىدىكى بارلىق خىزمەتچىلەر كارخانىنىڭ قائىدە-تۇزۇملىرىگە ئاڭلىق بوي-سۇنۇش كىرەك.
3-ھەرقانداق تەشكىل ياكى شەخىسنىڭ قانۇنسىز ھالدا كارخانا مالىيەسىنى قالايمىقان ئىشلىتىش ۋە ئىگەللىۋىلىشقا بولمايدۇ.
4-ھەرقانداق خىزمەتچى ياكى كارخانا تارمىقىدىكى ئورۇنلارنىڭ شىركەتنىڭ ئىناۋىتىگە ۋە ئوبرازىغا تەسىر يەتكۇزىشىگە بولمايدۇ.
5-ھەرقانداق خىزمەتچى ۋە تارماق ئورۇنلارنىڭ كارخانىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا تۇسقۇنلۇق قىلىشىغا ۋە كارخانىنىڭ ئىقتىسادىغا زىيان سىلىشىغا بولمايدۇ.
6-كارخانىدىكى خادىملارنىڭ ئاكتىپلىقىنى يۇقىرى كۆتۇرۇپ ،تەربىيلەش ئارقىلىق ،كارخانا ۋە خىزمەتچىلەرنىڭ ئۆز قىممىتىنى تولۇق جارىي قىلدۇرىشىغا شارائىت يارىتىپ بىرىش.
7-كارخانا خىزمەتچىلىرىنىڭ ساپاسىنى يۇقىرى كۆتۇرۇپ ،كارخانا قىممىتىنى ،خىزمەتچىلەرنىڭ قىممىتىنى يۇقىرى كۆتۇرۇش بىلەن بىللە كارخانا پايدىسىنى ئاشۇرۇش.
8-ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىش ۋە ئىتتىپاقلىشىش ،كارخانا روھىنى ئۇرغۇتۇش .خىزمەتچىلەرنى ئىلھاملاندۇرۇش ،مۇكاپاتلاش ئارقىلىق خىزمەت ئۇنىمىنى ئاشۇرۇش ،خىزمەت مۇھىتىنى ياخشىلاش.
9-خىزمەتچىلەرنى ھەرخىل مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ يىغىن ۋە ھەل قىلىش ،پىكىر قىلىش يىغىنلىرىغا قاتناشتۇرۇش .ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىش كىرەك.
10-پاراۋانلىق ئىشلىرىنى ياخشىلاش ،مۇئاش تەقسىماتىنى ياخشىلاش ،خىزمەتچىلەرگە كەلگۇسىگە بولغان ئىشەنچ يارىتىپ بىرىش.
11-تىجەشلىك بولۇش ،ئىسراپچىلىقنىڭ ئالدىنى ئىلىشنى تەشەببۇس قىلىش.
كارخانا باشقۇرۇشتا دائىم ئۇچرايدىغان قىيىنچىلىقلارنىڭ سەۋەبى بولسا :
1-مەشغۇلات ئۇسۇلىغا دىققەت قىلماسلىق ،ئەھمىيەت بەرمەسلىك.ئۆلچەم بولماسلىق.
2-خىزمەت تەجىربىسىنى ئاساس قىلىش ،شۇ سەۋەبلىك باشقا خىزمەتچىلەرنىڭ كارخانىغا سادىق بولۇش نىسبىتى تۆۋەن بولۇش.
3-باشقۇرۇش قالايمىقان ، ئۆزگىرىشچان بولۇش، باشقۇرۇش تۇزۇلمىسى ئۆلچەملىك ئەمەس.
4-ئۆز ئالدىغا ئىش قىلىش ، پايدا ئىلىشتىن باشقىسىغا كۆڭۇل بۆلمەسلىك.
5-تەربىيلەش كەمچىل ،خىزمەتچىلەرنىڭ ساپاسى تۆۋەن. قىممەت يارىتىش ئىڭى تۆۋەن بولۇش.
6-ھىسىيات ئارقىلىق ئىش بىجىرىش.
7-خىزمەتچىلەرنى ھۆرمەت قىلماسلىق......................
مەن ئىلگىرى گىرمانىيە شىمىنزى گورۇھىنىڭ نەنجىڭدىكى باش شىركىتىدە تەربىيلەنگەن، بۇ كارخانىنى بەلكىم ھەممە كىشى بىلىشى مۇمكىن. مىنىڭ كارخانىغا بولغان كۆز قارىشىم دەل ئاشۇ يەردە ئۆزگەرگەن. مىنىڭ پۇلۇم يوق، ھەم مەدىنىيەت سەۋىيەممۇ ئۇنچە يۇقىرى ئەمەس ،بىراق ئاشۇنداق دۇنياغا داڭلىق كارخانىدا خىزمەت قىلغۇدەك ئىشەنچ ۋە قابىلىيەت بار.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved