سەلمان ئىبنى ئابدۇل ئەزىز ئەل سەئۇد 1935-يىلى 31-دېكابىردا رىياد شەھىرىدە تۇغۇلغان. دادىسى ئابدۇلئەزىز سەئۇد، ئانىسى ھىسسە بىنتى ئەھمەد ئەل-سۇدەيرى. ئۇ پادىشاھ ئابدۇلئەزىز سەئۇدنىڭ 45 ئوغلىدىن 25-ئوغلى. ئۇ سەئۇدى خاندانلىقى ئائىلىسى ئەزاسى بولۇش بىلەن بىرگە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋەلىئەھدى، سەئۇدى ئەرەبىستان سابىق مۇداپىئە مىنىستىرى ۋە سابق رىياد ۋالىسى بولغان. ئۇ 2015-يىلى 23-يانۋاردا ئاكىسى پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن پادىشاھلىق تەختىگە ئولتۇرغان. ئۇ سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ 7-نۆۋەتلىك پادىشاھى. سەلمان پادىشاھلىق تەۋەلىكىدىكى ھەرەم مەسجىدى ئىمامى ۋە خاتىبى ئابدۇللاھ خەيياتنىڭ باشقۇرىشىدىكى بالىلارنى تەربيلەيدىغان شاھزادە مەكتىپىدە تەربىيلەندى.ئۇ 10 يېشىدا قۇرئاننى تولۇق يادلاپ بولغان. ئۇ ئوقۇشىنى تاماملىغاندىن كېيىن سىياسەتكە ئارىلىشىشقا باشلىغان. سەلمان ئىبنى ئابدۇلئەزىزنىڭ سىياسىي ھاياتى 1950-يىلىدىن باشلانغان. ئۇ سەئۇدى ئائىلىسى قۇرۇلتىيى باشلىقى بولغان، ۋە مۇھىم دۆلەت خىزمىتى ئۆتىگەن. ئۇ يەنە رىياد شەھىرىنىڭ شەھەر باشلىقى ۋە ۋالىيسى بولۇپ خىزمەت قىلغان. ئۇ 48 يىل رىياد ۋالىيسى بولۇپ ۋەزىپە ئۆتىگەن. سەلمان 2011-يىلى 5-نويابىردا قېرىندىىشى ۋەلىئەھدى نايىف ئىبنى ئابدۇلئەزىز ۋاپات بولغاندىن كېيىن ئاكىسى پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ تەيىنلىشى بىلەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى بولۇپ تەينلەنگەن ۋە 2012-يىلى 18-ئىيۇلدا ۋەلىئەھدى بولۇپ تەينلەنگەن. ئۇ ئاكىسى پادىشاھ ئابدۇللاھنىڭ ۋاپاتىدىن كېيىن سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ يېڭى پادىشاھى بولغان. سەلمان ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن 30 ياشلىق ئوغلى شاھزادە مۇھەممەد ئىبنى سەلماننى مۇداپىئە مىنىستىرى قىلىپ تەيىنلىدى. پادىشاھ سەلمان دەسلەپتە قېرىندىشى مۇقرىن ئىبنى ئابدۇلئەزىزنى ۋەلىئەھدى قىلىپ تەيىنلىگەن بولۇپ، كېيىن 2015-يىلى ئاپرېلدا ھۆكۈمەتتە ئۆزگەرتىش ئېلىپ بېرىپ مۇقرىننى ۋەزىپىدىن قالدۇرۇپ ئۇنىڭ ئورنىغا مۇھەممەد ئىبنى نايىفنى ۋەلىئەھدى شاھزادە قىلىپ تەينلىدى. سەلماننىڭ سىياسەت يۈرگۈزۈشتە خەلقكە يۇمشاق ۋە كېلىشتۈرگۈچى تەرەپدارى بولغان پوزىتسىيەسى ھەممىگە مەلۇم ، ئۇ خەلق مۇناسۋىتىگە ئەھمىيەت بېرىدۇ ۋە ئىسلاھاتقا قىزغىن مەيداندا تۇرىدۇ.
سەلمان فرانسىيە، ياپونىيە بوسنىيە، ئىئوردانىيە،كۇۋەيىت، بەھرەيىن،كانادا، پاكىستان، برونى، جۇڭگو، كورىيە، فىلىپپىن،سىنگال، قاتار، ئەنگىلىيە، ئامېرىكا،ئىسپانىيە قاتارلىق دۆلەتلەرگە زىيارەتكە بارغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 20-كۈنى، ھىندىستان يېڭى دېھلى. 74 ياشلىق Guinness Rishi كۆپ تۈرلۈك دۇنيا رېكورتىنى ساقلىغۇچى بولۇپ، بەدىنىگە ئەڭ كۆپ بايراقنى چەكمە قىلىپ چېكىش رېكورتىنىمۇ ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
|
![]() |
5-ئاينىڭ 25-كۈنى سەھەر سائەت بىردە، داڭلىق ئايال يازغۇچى، ئەدەبىي تەرجىمان، چەتئەل ئەدەبىياتى تەتقىقاتچىسى، چىيەن جوڭشۇ ئەپەندىنىڭ خانىمى ياڭ جياڭ بېيجىڭ شيېخى دوختۇرخانىسىدا ئالەمدىن ئۆتتى.
يا...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved