ئەنچېلوتىنىڭ سىنا تەنتەربىيەسىدىكى «ئەڭ ياخشى كوزىر» ناملىق مەخسۇس سەھىپىسى ئىسپانىيە تاراتقۇلىرى ئارىسىدا زور دولقۇن قوزغىدى. «ماكا گېزىتى»، «ئاس گېزىتى»، «دۇنيا تەنتەربىيە گېزىتى»، «Goal تورى ئىسپانچە نۇسخسىى» قاتارلىق تاراتقۇلار ئەنچىلوتتىنىڭ سۆزىدىن پايدىلىنىپ، مادرىد رەئىسى فىلورېنتىنوغا ھۇجۇم قىلدى. «ئاس گېزىتى» «ئەنچىلوتتى فىلورېنتىنونىڭ خانلىق مادرىدتىكى قارارىدىن گۇمان قىلىدۇ» دەپ قاراپ، ئۆزلىرى ئېلان قىلغان ماقالىدە: «ئەنچىلوتتى سىنا تەنتەربىيەسى مەخسۇس سەھىپىسىدە، خانلىق مادرىدنىڭ بېنتىزنى قۇربانلىق قىلغانلىقىنى ئەيىبلىگەن ھەمدە فىلورېنتىنونىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىدىكى ئىش-ھەرىكەتلىرىگە گۇمانىي نەزەر بىلەن قارىغان» دەپ يېزىلغان.
ئەنچىلوتتىنىڭ مەخسۇس سەھىپىدە، ئەنچىلوتى: «مەن بۇ قارارنى چۈشىنەلمىدىم. مۇسابىقە پەسىلى ئەمدىلا يېرىملاشتى، بۇ يەردە جاۋاب بېرىشكە تېگىشلىك بىر مەسىلە بار: خانلىق مادرىدتا ھەممە ئىشلار مەشقاۋۇلنىڭ خاتالىقىمۇ؟ ھەر بىر ئادەم بۇ توغرىسىدا ئۆزىنىڭ خۇلاسىسىنى ئوتتۇرىغا قويالايدۇ.»
«ماركا گېزىتى» ئەنچىلوتتىنىڭ مەخسۇس سەھىپىسىدىكى بىر جۈملە سۆزىنى تېما قىلىپ، «خانلىق مادرىد كوماندىسىدا ھەممىلا خاتالىق مەشقاۋۇلنىڭ بولامدۇ؟» دېگەن تېمىدا ماقالە يوللاپ «ئەنچىلوتتى مەخسۇس سەھىپىسىدە، بېنتېزنىڭ ۋەزىپىسىدىن قالدۇرۇلۇش توغرىسىدىكى ئىشقا ئۆزىنىڭ كۆز قارىشىنى بىلدۈرۈپ، بۇ ئىشنى چۈشىنىشكە ئامالسىز قالغانلىقىنى بىلدۈردى» دەپ يازغان ھەمدە ئەنچىلوتىنىڭ بۇ سۆزلىرىنى قېنىق قارا رەڭلەر بىلەن ئېلىپ، ئالاھىدە تەكىتلىگەن.
باشقا تاراتقۇلارمۇ ئوخشاشلا ئەنچىلوتىنىڭ سىنا تورىدىكى مەخسۇس سەھىپىسىدىن پايدىلىنىپ، ئەنچىلوتتىنىڭ سۆزلىرىنى خانلىق مادرىد كۇلۇبىغا ھۇجۇم قىلىشتىكى قورال قىلغان.
خان جەمەتى كوماندىسىنىڭ مەشقاۋۇلى ئالماشقاندىن كېيىن، تاراتقۇلارنىڭ دىققىتى ئىزچىل تۈردە بېنتېزنىڭ خانلىق مادرىد كوماندىسىدىن ئايرىلىشى بىلەن زىدانىنىڭ مەشقاۋۇل بولۇشىغا مەركەزلەشكەن بولۇپ، ئەنچىلوتتىنىڭ مەخسۇس سەھىپىسىدىكى سۆزلىرى نۇرغۇن كىشىلەرنىڭ قەلبىدە ئۇزۇندىن بىرى ساقلىنىپ كېلىۋاتقان گۇمانىي كۆز قاراشلارنى تارتىپ چىقاردى. خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ توختىماستىن مەشقاۋۇل ئالماشتۇرۇشىدىكى تۈپ سەۋەب راستتىنلا مەشقاۋۇللاردىكى خاتالىقمۇ؟ تاراتقۇلار ئەنچىلوتتىنىڭ مەخسۇس سەھىپىدىكى سۆزلىرىنى دەستەك قىلىپ، خانلىق مادرىد كوماندىسىنىڭ رەئىسى فىلورېنتىنوغا ھۇجۇم باشلىدى.
تاراتقۇلارنىڭ قارىشىچە، خانلىق مادرىد يۇقىرى قاتلىمىنىڭ مادرىد كوماندىسىنىڭ نەچچە يىللاردىن بۇيان داۋالغۇش ئىچىدە تۇرغانلىقىنىڭ باش گۇناھكارىنىڭ كىم ئىكەنلى ھەققىدە ئويلىنىش ۋاقتى يېتىپ كەپتۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved