ۋاڭيى تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ھازىرقى ئاشكارىلىنىش سۈرئىتى ھەممە نەرسىدىن ئۈستۈن تۇرىدىغان دەۋىردە ئالاقە تورىدىكى مەستانىلىرىنىڭ ئاز كۆپلىكى شۇ توپچىنىڭ قاچىلىك داڭلىق ئىكەنلىكىنى ئىپادىلەپ بېرىدۇ. ھالبۇكى مەستانىلەر توغرىسىدا سۆز ئاچقاندا بىز خان مادرىد كۇلۇبىنى داڭلىق ھۇجۇمچىسى كىرىستىيانو رونالدونى تىلغا ئالماي تۇرالمايمىز. چۈنكى بۇ پورتۇگالىيىلىك ھۇجۇمچىنىڭ Facebook تىكى ئەگەشكۈچىلىرى ناخشا خانىشى شاكىرەدىن ئېشىپ دۇنيادىكى بىرىنچى ئادەمگە ئايلاندى.
گەرچە Facebook ھازىر تىۋىتتىر ۋە Instagram قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالغان ئالاقە تورلىرىنىڭ كۈچلۈك رىقابىتىگە دۇچ كەلگەن بولسىمۇ بىراق كەڭ كۆلەملىك ئابونلىرىغا ئىگە Facebook يەنىلا ئاز بولمىغان تورداشلارنىڭ تاللىشى بۇلۇپ قالغان. ھازىرغا قەدەر كىرىستىيانو رونالدونىڭ ئورگان Facebook بېتىدە جەمئىي 107101979 (107 مىلىيۇن 101 مىڭ 979) نەپەر تورداشنىڭ قوللىشى بار بولۇپ جەمئىي 107091014 ( 10 مىلىيۇن 91 مىڭ 14 ) نەپەر ئەگەشكۈچىلەرگە ئىگە شاكىرە نىڭ ئالدىغا ئۆتۈپ دۇنيادىكى بىرىنچى ئادەمگە ئايلاندى.
لاتىن خانىشى شاكىرە بارسېلونا كۇلۇبىنىڭ ئارقا مەيدان مۇداپىئە توپچىسى پىكنىڭ قىز دوستى. بۇنىڭدىن بەزىدە ئادەم بىلەن ئادەمنىڭ ئوتتۇرسىدىكى مۇناسىۋەتنىڭ شۇنچىلىك زىچ ئىكەنلىكىنى بىلىۋالغىلى بولىدۇ.
كىرىستىيانو رونالدودىن باشقا ئاز بولمىغان پۇتبول دۇنياسىدىكى ئەزىمەتلەرنىڭ ئۆزىنىڭ ئورگان Facebook بېتى بار. بىراق مەستانىلەر جەھەتتە يەنىلا رونالدوغا يېتەلەيدىغىنى يوق.
بارېلونا كۇلۇبىنىڭ داڭلىق ھۇجۇمچىسى مېسسىنىڭ مەيداندىكى ئىپادىسى رونالدو بىلەن ئوخشاش دېيىشكە بولىدۇ. بىراق مەستانىلەر جەھەتتە مېسسىنىڭ ئەگەشكۈچىلىرى پەقەت كىرىستىيانو رونالدونىڭ تۆتتىن بىرىگە تەڭ ( 78 مىلىيۇن ). ئۈچىنچى ئورۇنغا تىزىلغىنى بولسا ھازىر پۇتبول ساھەسىدىن چېكىنگەن ئېنگىلاند توپچىسى بېكخام بۇلۇپ بۇ كېلىشكەن ئالدىنقى مانچىستىر بىرلەشمە كۇلۇبى ۋە خان مادرىد كۇلۇبى توپچىسى جەمئى 52 مىلىيۇن ئەگەشكۈچىگە ئىگە. بىرازىلىيە پۇتبول چولپىنى نېيمار ئازراق پەرق بىلەن بېكخامنىڭ كەينىگە تىزىلىپ تۆتىنچى ئورۇندا تۇرغان.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved