‹‹باج ئېلىش–باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)››گە پىكىر ئېلىش ئاخىرلاشتى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 – فېۋرال تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن قانۇنچىلىق ئىشخانىسىنىڭ ‹‹باج ئېلىش – باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى (پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)››غا پىكىر ئېلىش خىزمىتى ئاخىرلاشتى. باج تاپشۇرغۇچىلارنى پەرقلەندۈرۈش نومۇرى تۈزۈمىنىڭ قانۇنلۇق ئورنىنى ئايدىڭلاشتۇرۇش بۇ پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدىكى گەۋدىلىك مەزمۇنلارنىڭ بىرى.
دۆلىتىمىز بىرلىككە كەلگەن باج تاپشۇرغۇچىلارنى پەرقلەندۈرۈش نومۇرى تۈزۈمىنى يولغا قويىدۇ. باج تارماقلىرى دۆلەتنىڭ ئۆلچىمى بويىچە كارخانا، پۇقرا قاتارلىق باج تاپشۇرغۇچىلارغا بىردىنبىر ھەم بىر ئۆمۈر ئۆزگەرتىلمەيدىغان سالاھىيەت كود بەلگىسى تۈزۈپ بېرىدۇ.
ھازىر دۆلىتىمىزدە كارخانا، كەسپىي ئورۇن ۋە ئىجتىمائىي تەشكىلاتلارنىڭ باج تىزىملىتىش كودى بار، بۇ كود ئاساسلىقى رايون كودى ۋە تەشكىلات، ئورگانلار كودىدىن تەركىب تاپىدۇ. يەككە سودا – سانائەتچىلەرنىڭ باج تىزىملىتىش كودى ئۇلارنىڭ كىملىك نومۇرى بولىدۇ. باج كودى تۈزۈمىدە تەبىئىي ئىگىلەرنى تولۇق قاپلاش تېخى ئەمەلگە ئاشۇرۇلمىدى.
پىكىر ئېلىش نۇسخىسىدا تەبىئىي ئىگىلەر ئىچىدىكى باج تاپشۇرغۇچىلارنى پەرقلەندۈرۈش نومۇرى توغرىسىدا ئېنىق قىلىپ: تەبىئىي ئىگىلەر ئىچىدىكى باج تاپشۇرغۇچىلار ياكى باجنى ۋاكالىتەن تۇتۇپ تاپشۇرغۇچىلار تۇنجى قېتىم باج تاپشۇرۇش مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلغان كۈندىن باشلاپ قانۇن، مەمۇرىي قانۇن – نىزاملاردا بەلگىلەنگەن باج تاپشۇرۇشنى مەلۇم قىلىش سۈرۈكىدىن ئىلگىرى باج ئورگانلىرىغا ئۆزىنى مەلۇم قىلىشى، باج ئورگانلىرى ئۇنىڭ باج تاپشۇرۇشتىكى پەرقلەندۈرۈش نومۇرىغا ئاساسەن باج ئېلىشى كېرەك، دەپ بەلگىلەندى.
‹‹باج ئېلىش – باشقۇرۇش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈش لايىھەسى(پىكىر ئېلىش نۇسخىسى)گە تۈزىتىش كىرگۈزۈش ۋە مۇزاكىرە قىلىشقا تولۇق قاتناشقان بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتى قانۇنشۇناسلىق ئىنستىتۇتىنىڭ پىروفېسسورى ليۇ جيەنۋېن مۇنداق دېدى: باج تاپشۇرغۇچىلارنى پەرقلەندۈرۈش نومۇرى تۈزۈمىنى ئورنىتىش باج تاپشۇرغۇچىلارنىڭ سەمىمىيەت سىستېمىسىنى مۇستەھكەملەشكە پايدىلىق، باج تاپشۇرغۇچىلارنى پەرقلەندۈرۈش نومۇرى بىلەن ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ ئۇچۇرلىرىنى باغلاپ، ‹‹باجنى ئۇچۇر ئارقىلىق باشقۇرۇش››نى ئەمەلگە ئاشۇرغاندا، كەلگۈسىدە ئۆي – زېمىن بېجى قانۇنىنى تۈزۈش، شەخسىي تاپاۋەت بېجىنى مۇكەممەللەشتۈرۈشكىمۇ پۇختا ئاساس سالغىلى بولىدۇ.
![]() |
تاراتقۇلارنىڭ دېيىشىچە، جۇڭگو موسكۋا-قازان يۇقىرى سۈرئەتلىك تۆمۈر يول تۈرىنى 4 تىرىليون رۇبلى قەرز بېرىشكە قوشۇلغان، ھەتتا رۇسىيەنىڭ كاپالەت بېرىشىنى تەلەپ قىلمىغان.
5-ئاينىڭ 26-كۈنى رۇسى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved