ئىران يېقىندا ئۆزىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقات پىلانى سەۋەبلىك ئامېرىكا بىلەن توختىماي تالاش-تارتىش قىلدى. ئىران پارلامېنتىنىڭ باشلىقى لارىجانى 2-يانۋار كەسكىنلىك بىلەن دۆلىتىمىزنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا تەتقىقاتىنى داۋاملىق ئىلگىرى سۈرىمىز دېدى. تەھلىلچىلەر ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ ھاسىل قىلىنىشى-بىر قىسىم كىشىلەر تەرىپىدىن ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئېھتىياتچان ھەمكارلىقنى قانات يايدۇرۇش ياكى ھېچ بولمىغاندا دۈشمەنلىشىش مۇناسىۋىتىنى توختىتىشنىڭ باشلىنىشى دەپ قارالغان ئىدى، ئەمما ئىراننىڭ نۆۋەتتىكى تالاش-تارتىشى ۋە كۈچ سىنىشىشى-ئىككى دۆلەتنىڭ بۇ نىشانغا يېتىشتە يەنىلا خېلى ئۇزاق يول بېسىشقا توغرا كېلىدىغانلىقىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى دەپ قارىدى.
ئامېرىكا ئارمىيەسى يېقىندا ئىران بۇلتۇر 26-دېكابىر ھورمۇز بوغۇزىنىڭ ئەتراپىدا بىر نەچچە راكىتامىيوتنى سىناق قىلىپ قويۇپ بەردى، بۇنىڭ بىرسى ئامېرىكىنىڭ «خاررى تىرومىن» ناملىق ئاۋىياماتكىسىغا 1400 مېتىر كېلىدىغان جايغا چۈشتى، شۇڭا بۇ ئېغىر ئىغۋاگەرچىلىك قىلمىشىغا ياتىدۇ دېدى. ئىران بولسا بۇنى قەتئىي ئىنكار قىلدى. ئىران ئىنقىلابىي قوغدىنىش قىسمى ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلىشىنىڭ قىلچە ئاساسى يوق، ئامېرىكا روھىي ئۇرۇش قوزغاش ئۈچۈن يالغان خەۋەر تارقاتتى دېدى. ئىران ئىنقىلابىي قوغدىنىش قىسمىنىڭ باياناتچىسى شېرىف ئامېرىكىنى بۇ ۋەقەنى ئويدۇرۇپ چىقاردى دەپ ئەيىبلىدى ھەم ئۆتكەن بىر ھەپتىدە، ئىران دېڭىز ئارمىيەسى ھېچقانداق مانېۋىر ئۆتكۈزمىدى دەپ كۆرسەتتى.
ئىراننى بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى سىناق قىلىپ قويۇپ بېرىشنى چەكلەش بۇيرۇقىغا خىلاپلىق قىلدى دەپ كۆپ قېتىم ئەيىبلىگەندىن كېيىن، ئوباما ھۆكۈمىتى بۇلتۇر 30-دېكابىر پارلامېنتقا بىر ئىسىملىك سۇنۇپ، ئىران، ئەرەب بىرلەشمە خەلىپىلىكى قاتارلىق دۆلەتلەردىكى ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا مۇناسىۋەتلىك 12 گە يېقىن شىركەت ۋە شەخسكە يېڭى ئىقتىسادىي جازا يۈرگۈزمەكچى بولدى. لېكىن ئارقىدىن ئاقساراي بۇ جازالاش تەدبىرىنى كېچىكتۈردى.
ئامېرىكا پارلامېنتىنىڭ بىر قىسىم ئەزالىرى ئاقساراينىڭ بۇ مەسىلىدىكى ئارىسالدى بولۇش پوزىتسىيەسىنى قاتتىق تەنقىد قىلىپ، بۇ-ئىراننىڭ تېخىمۇ يۈرەكلىك ھالدا ئوتتۇرا شەرق رايونىنىڭ مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىنى قوللىنىشىغا سەۋەبچى بولىدۇ دەپ قارىدى.
ئىران ئامېرىكىنىڭ ئەيىبلىشى ۋە تەھدىتى ئالدىدا، تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەتقىق قىلىپ ياساش قەدىمىنى توختاتمايلا قالماستىن، بەلكى يەنە كۈچلۈك بېسىم ئاستىدا قايتىدىن جانلاندى. ئىران زۇڭتۇڭى روھانىي يېقىندا ئىران دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىقىغا بۇيرۇق چۈشۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ يۈرگۈزۈش ئېھتىمالى بولغان يېڭى جازاسىغا تاقابىل تۇرۇش ئۈچۈن، باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تېزدىن ياساش يوليورۇقىنى بەردى.
ئىران زۇڭتۇڭى تور بېكىتى روھانىينىڭ دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرى دېھقانغا ئەۋەتكەن خېتىنى ئېلان قىلدى، خەتتە، ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىغا قارىتىلغان ھېچقانداق چەكلىمىنى قوبۇل قىلمايدۇ دەپ تەكىتلەندى. روھانىي ئىراننىڭ يادرو ئوق بېشى ئېلىپ يۈرمەيدىغان تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشى ۋە ياسىشى-دۆلەتنى قوغداشنىڭ مۇھىم ۋاسىتىسى، بىز بۇنى داۋاملاشتۇرىمىز دېدى.
روھانىي ئەگەر ئامېرىكا مالىيە مىنىستىرلىقى ئىراننىڭ تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا تۈرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك بولغان شىركەت ۋە شەخسلەرنى جازالاش قارا تىزىملىكىگە كىرگۈزمەكچى بولسا، بۇ-دۈشمەنلىشىش ۋە قانۇنسىز ئارىلىشىشقا تەۋە بولىدۇ، شۇڭا بىزنىڭ بۇنىڭغا ئىنكاس قايتۇرۇش ئاساسىمىز بار دېدى.
ئىران پارلامېنتىنىڭ باشلىقى لارىجانى 2-يانۋار ئىراننىڭ يادرو پىلانىغا مەدەت بېرىپ، ئىران ئەسلىدىكى پىلان بويىچە باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ ياسايدۇ ۋە كېڭەيتىدۇ دېدى. لارىجانى ئىران باشقۇرۇلىدىغان بومبىنى داۋاملىق تەتقىق قىلىپ ياساپلا قالماستىن، بەلكى يەنە دۆلەت خامچوتى ياكى مۇستەقىل تەكلىپ ئارقىلىق، بۇ پىلاننى كېڭەيتىدۇ دېدى.
ئىران بىلەن ئامېرىكىنىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانى ھەققىدىكى تالاش-تارتىشى سەزگۈر مەزگىلدە تۇرماقتا. ئىران بىلەن ئىراننىڭ يادرو مەسىلىسى ھەققىدىكى ئالتە دۆلەت بولغان ئامېرىكا، ئەنگلىيە، فىرانسىيە، رۇسىيە، جۇڭگو، گېرمانىيە بۇلتۇر 7-ئايدا ئىران يادرو مەسىلىسى كېلىشىمىنى ھاسىل قىلغان ئىدى، ئىران يادرو پىلانىنى ۋاقتىنچە توختىتىش ئارقىلىق، غەربنىڭ ئۆزىگە قاراتقان ئىقتىسادىي جازاسىنى بىكار قىلدۇرماقچى بولغان ئىدى.
ئىران يېقىندا ئىران يادرو كېلىشىمىدىكى تەلەپكە ئاساسەن، يادرو خام ئەشياسىنى زور كۆلەمدە ئازايتتى، ئامېرىكىنىڭمۇ يېقىنقى مەزگىلدە ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىپ، ئىرانغا قاراتقان جازانى ئەمەلدىن قالدۇرۇشىدىن ئۈمىد تۇغۇلغان، بۇنىڭ بىلەن ئىران يادرو كېلىشىمى ھالقىلىق ئىجرا مەزگىلىگە كىرگەن ئىدى. ھالبۇكى، كېلىشىم ھاسىل قىلىنغان نەچچە ئايدىن بۇيان، بىر قىسىم ئەرەب دۆلەتلىرى بىلەن ئامېرىكا پارلامېنتىدىكى جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ ئەزالىرى ئوباما ھۆكۈمىتىنى يادرو كېلىشىمىنىڭ ئوڭۇشلۇق ئىجرا قىلىنىشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىراننىڭ بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلىشى ياكى ئىغۋاگەرچىلىكىگە داۋاملىق يول قويدى دەپ ئەيىبلەپ كەلدى.
ئاقساراينىڭ بۇ چاغدا ئىراننىڭ باشقۇرۇلىدىغان بومبا پىلانىنى جازالىشىدا ئۆز ئالدىغا ئويى بار بولۇپ، ھەم ئىران يادرو كېلىشىمىگە قارشى تۇرغۇچىلارنىڭ تەنقىدىگە ئىنكاس قايتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى ھەم ئامېرىكىنىڭ ئىران يادرو كېلىشىمى سەۋەبلىك ئىراننىڭ رايون مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىش ھەرىكىتىنى توسۇش ئىرادىسىدىن تەۋرەنمەيدىغانلىقىنى ئىپادىلەشكە تېرىشتى. تەھلىلچىلەر ئامېرىكا بىلەن ئىران ئوتتۇرىسىدىكى تىرايېكتورىيەلىك باشقۇرۇلىدىغان بومبا مەسىلىسىنى چۆرىدەپ پەيدا بولغان تالاش-تارتىش ئىران يادرو كېلىشىمىنىڭ ئىجرا قىلىنىشىغا بىۋاسىتە توسقۇنلۇق قىلماسلىقى مۇمكىن، لېكىن ئامېرىكا بىلەن ئىراننىڭ ئىسلام دۆلىتى ئەسەبىي تەشكىلاتىغا زەربە بېرىش قاتارلىق مەسىلىلەردە قانات يايدۇرۇش ئېھتىمالى بولغان ھەمكارلىقىغا سەلبىي تەسىر كۆرسىتىشى مۇمكىن دەپ قارىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved