5-يانۋار، تەخمىنەن 18 مىڭ كىشى گېرمانىيە درېستېندىكى «ياۋروپا ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ غەربنى ئىسلاملاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش» نامايىشىغا قاتناشتى، بۇ نامايىش گېرمانىيە جەمىيىتىدە قارشى ئىنكاس قوزغىدى، بۇ نامايىش ئۆتكەن يلى 10-ئاينىڭ ئاخىرىدا باشلانغان، ھەر دۈيشەنبە كۈنى كەچتە دېرستېندا ئۆتكۈزۈلدى، ھازىرغا قەدەر 11 قېتىم ئۆتكۈزۈلدى. نامايىش قىلىشتىكى ئاساسلىق تەلەپ گېرمانىيەنىڭ مۇساپىرلار سىياسىتى ۋە غەربنى ئىسلاملاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇش بولۇپ، دەسلەپتە نەچچە يۈز كىشىلا قاتناشقان ئىدى. نۆۋەتتە، نامايىشنى تەشكىللىگۈچىلەر ئىجتىمائىي ئالاقە تورىنىڭ باش بېتىدىكى مۇراجئەتنامىسىنى 100 مىڭ كىشى چېكىپ كۆرۈپ «ياقتۇرىدىغانلىقىنى» بىلدۈردى. درېستېندىن باشقا، بۇ نامايىش يەنە بېرلىن، كولون قاتارلىق گېرمانىيەدىكى بىر قانچە شەھەرگە كېڭەيدى.
قاتناشقۇچىلارنىڭ كۆپىيىشىگە ئەگىشىپ، تېخىمۇ داغدۇغا پەيدا قىلىشقا باشلىدى، سىرتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قېقىش نامايىشى گېرمانىيەنىڭ جامائەت پىكىرى ساھەسىدە ئوڭچىل كۈچلەرنىڭ سىرتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قېقىش كۈچىنىڭ باش كۆتۈرۈپ چىقىشىنى كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى، گېرمانىيەدە بىر قانچە ھۆكۈمەت ئەمەلدارى بۇ ھەقتە ئىپادە بىلدۈرگەن ئىدى. گېرمانىيە زۇڭلىسى مېركېل 2015-يىلىدىكى يېڭى يىللىق نۇتۇقىدا گېرمانىيە ئاممىسىنىڭ سىرتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قېقىش نامايىشىغا ئەگەشمەسلىكىنى مۇراجئەت قىلغان ئىدى ھەمدە بۇ كىشىلەرنىڭ قەلبى بىر تەرەپلىمىلىك قاراشقا، سوغۇق مۇئامىلىگە ھەتتا ئۆچمەنلىككە تولغان دېدى.
گېرمانىيەدە چىقىدىغان «رەسىملىك گېزىتتە» تۆنۈگۈن گېرمانىيەدىكى 50 نەپەر جەمئىيەتتىكى داڭلىق شەخسنىڭ سىرتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قېقىش نامايىشىغا بولغان ئەكس ساداسى ئېلان قىلىنغان بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە گېرمانىيەنىڭ سابىق زۇڭلىسى سىمىت ۋە شىرودېرمۇ بار ئىدى. سىمىت مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نامايىشتا بىر تەرەپلىمىلىك قاراش، ئۆچمەنلىك ۋە كەڭ قورساق بولماسلىق مۇراجئەت قىلىنغان. ئەمما گېرمانىيە ئۇنداق ئەمەس. گېرمانىيە مۇساپىرلارنى ۋە پاناھلىق ئىلتىماس قىلغۇچىلارنى چەتكە قاقماسلىقى كېرەك. گېرمانىيە دۇنياغا ئېچىۋېتىلگەن ۋە كەڭ قورساق مۇئامىلە تۇتىشى كېرەك. شىرودېر ھەققانىيەتچى كىشىلەرنىڭ سىرتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قېقىشىغا قارشى تۇرۇشىنى مۇراجئەت قىلدى. بۇنىڭدىن باشقا، گېرمانىيەنىڭ مالىيە مىنىستىرى، دىپلوماتىيە مىنىستىرى، ئىقتىساد مىنىستىرى قاتارلىق ھۆكۈمەتنىڭ كۆپلىگەن ئەمەلدارلىرىمۇ سىرتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قېقىشقا ئاشكارا قارشى تۇردى.
5-يانۋار كەچتە، گېرمانىيەنىڭ كولون چېركاۋىدا، بېرلىن براندېنبۇرگتا چىراق ئۆچۈرۈش ئۇسۇلىدا سىرتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قېقىش نامايىشىغا ئۈنتىنسىز ئېتىراز بىلدۈرۈلدى.
ئەسلى پىلاندىكى كولوندا ئۆتكۈزۈلمەكچى بولغان نامايىش مەجبۇرىي بىكار قىلىندى. خانبۇرگ، ميۇنخېن، شتۇتگارت قاتارلىق شەھەرلەردە سىرتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قېقىش نامايىشى ئۆتكۈزۈلدى. يەنە ئامما ئۆزلىگىدىن توردا سىرتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قېقىش نامايىشىغا قارشى تۇرۇش ئىمزاسىنى يىغدى. ھانوفېردىن كەلگەن كائار لونبورت توردا«رەڭدار گېرمانىيەنى قوللايمىز» دېگەن ئىمزانى قوزغاپ، سىرتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قېقىشقا قارشى تۇردى. ھازىرغا قەدەر بۇ تەشەببۇستا 320 مىڭ كىشىنىڭ ئىمزاسى يىغىلدى. لونبورتنىڭ نىشانى 1 مىليون قوللىغۇچىنىڭ ئىمزاسىنى يىغىش. خەۋەرگە قارىغاندا، «ياۋروپا ۋەتەنپەرۋەرلىرىنىڭ غەربنى ئىسلاملاشتۇرۇشقا قارشى تۇرۇشى» دېگەن بۇ سۆز گېرمانىيەنىڭ يىللىق ئەڭ قارشى ئېلىنمايدىغان سۆز قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن.
گەرچە بۇ خىل ئوڭچىل بولغان سىرتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قېقىشنى قوللىغۇچىلار گېرمانىيەدە ئاساسىي ئېقىمدىكى كىشىلەر بولمىسىمۇ، ئەمما كىشىنى ئەندىشىگە سالىدىغىنى سىرتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قېقىش نامايىشىغا قاتناشقانلارنىڭ ھەممىسى گېرمانىيە يېڭى ناتسېست تەشكىلاتىنىڭ ئەزالىرى ئەمەس، ئۇنىڭ ئىچىدە يەنە نۇرغۇن ئوتتۇرا بۇرژۇئازىيەلەرمۇ بار. ياۋروغا قارشى تۇرۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان ئوڭچىل پارتىيە بولغان گېرمانىيە تاللاش پارتىيىسىمۇ سىرتتىن كەلگەنلەرنى چەتكە قېقىش نامايىشىنى تەشكىللىگۈچىلەر بىلەن ئۇچراشقان. بۇ پارتىيىنىڭ رەئىسى بوئېند رۇك مېركىلنىڭ يېڭى يىلدا قىلغان سۆزىنى تەنقىدلەپ، ئۇ: «بىزگە سىرتتىن كەلگەنلەرگە ئۆچمەنلىك قىلدى دېگەن بەلگىنى چاپلاپ، تەلىۋىمىزنى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىمىدى» دېدى.
گېرمانىيە ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتى كۆچمەنلەرنىڭ تىرىشچانلىقىدىن ئايرىلالمايدۇ، بۇنىڭ ئىچىدە تۈركىيەلىكلەرنىڭ پۇشتىدىن بولغان كۆچمەنلەر گېرمانىيەدىكى ئەڭ چوڭ كۆچمەنلەر كوللېكتىۋى. كۆچمەنلەر بىلەن جەمئىيەتنىڭ بىرلىشىشى ئىزچىل ھالدا گېرمانىيە جەمئىيىتى دۇچ كېلىۋاتقان مەسىلە ۋە خىرس ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گېرمانىيە ھۆكۈمىتى بىر يۈرۈش تەدبىرلەرنى قوللىنىپ، چەتئەلدىن كۆچمەنلەرنى جەلپ قىلىپ، جەمئىيەتنىڭ سىغىمچانلىقى ۋە بىرلىشىشىنى ئىلگىرى سۈردى. ئەمما ھەر دۈيشەنبە كۈنى يۈز بېرىۋاتقان درېسدېندىكى نامايىش گېرمانىيەنىڭ بۇ جەھەتتە يەنىمۇ كۆپرەك تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى كېرەكلىكىنى، گېرمانىيە جەمئىيىتىدە بۇ تېمىغا بولغان مۇزاكىرىنىڭ يەنىلا داۋاملىشىدىغانلىقىنى چۈشەندۈرىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved