كىم جۇڭئۇن خەلقئارا جەمئىيەتتىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلدى

جۇڭگو خەۋەر تورى 18-مارت خەۋىرى: نۇر تورى تەرجىمىسى:

   بۇ يىلنىڭ بېشىدىلا جۇڭگونىڭ قوشنىسى بىلەن چاۋشيەن توختىماستىن «دۇنيانى ھەيران قالدۇرغۇدەك چوڭ ئىشلار قىلىۋەتتى». 1-ئاينىڭ 6-كۈنى، چاۋشيەن ۋودورود بومبىسىنى سىناق قىلىپ پارتلاتقانلىقىنى جاكارلاپ، پۈتۈن دۇنيانى چۆچۈتتى. 2-ئاينىڭ 27-كۈنى بولسا چاۋشيەن يەنە «نۇرلۇق يۇلتۇز 4-نومۇر» ناملىق سۈنئىي ھەمراھنى قويۇپ بېرىپ، «يۈرەك كېسىلى بولۇپ قالاي دېگەن» دۆلەتلەرنىڭ يەنە «يۈرىكىنى مۇجىدى». شۇنى ئېنىقكى، بۇلار دەل يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنىڭ يامانلىشىشىنىڭ باشلىنىشى.

  بۇ قېتىملىق يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنىڭ جىددىيىلىشىش جەريانىدا، ئامېرىكا ئەكسىچە تېخىمۇ ئوچۇق ئاشكارا ھەيۋە قىلىشقا باشلىدى. ئامېرىكا باشچىلىقىدىكى «ھالقىلىق قارار» ۋە «تاز قارا» ناملىق ئامېرىكا-كورىيە بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرىغا جەمئىي تەخمىنەن 15 مىڭ ئامېرىكا ئەسكىرى ۋە 290 مىڭ كورىيە ئەسكىرى قاتناشتى، ھەمدە يەنە يادرو سۇ ئاستى كېمىسى، F-22 بەلگىلىك ئۇرۇش ئايروپىلانى قاتارلىق ھەرخىل تىپتىكى ئىستراتېگىيەلىك ھۇجۇم قىلىش قوراللىرىنى ئىشقا سالدى. ئۇنىڭدىن باشقا، بۇ قېتىملىق بىرلەشمە ھەربىي مانېۋىرى يەنە چاۋشيەنگە قارتا «كاللا كېسىش» ھەرىكىتىنى ئېلىپ بېرىش توغرىسىدا مۇزاكىرىلەشتى. بۇنىڭغا قارتا، چاۋشيەننىڭ ئىنكاسى تېخىمۇ قاتتىق بولۇپ، چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالىي رەھبىرى كىم جۇڭئۇن يادرو ئوق بېشىنى پارتلىتىپ سىناق قىلىشنى تېزرەك ئېلىپ بېرىش ۋە تېزدىن يادرو ئوق بېشىنى ئېلىپ يۈرەلەيدىغان باشقۇرۇلىدىغان بومبا ياساپ چىقىپ، بۇ ئارقىلىق چاۋشيەننىڭ يادرو قورال بىلەن ھۇجۇم قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلدى. چاۋشيەن يەنە يادرو ھۇجۇمى قوزغاپ، ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ مۇشۇ ئاينىڭ 7-كۈنى ئېلىپ بارغان ئىككى قېتىملىق ھەربىي بىرلەشمە مانېۋىرىغا تاقابىل تۇرىدىغانلىقى توغرىسىدا تەھدىت سالدى.

 مۇشۇنداق «قويۇق ئۇرۇش پۇرىقى» پۇراپ تۇرىدىغان مۇرەككەپ ۋەزىيەت ئاستىدا، چاۋشيەننىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا تۇرۇشلۇق ۋەكىلى ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە مەكتۇپ يوللاپ، «چاۋشيەننىڭ قارىشىچە، بۇ قېتىم ئامېرىكا بىلەن كورىيە ئېلىپ بارغان تارىختىن بۇيانقى مىسلىسىز چوڭ تىپتىكى ھەربىي مانېۋىرنىڭ مەقسىتى  بولسا چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرىنى ئاغدۇرۇپ تاشلاش. چاۋشيەن ھۆكۈمىتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىنىڭ ئامېرىكا-كورېيە ئېلىپ بارغان ھەربىي مانېۋىرىنى قاراپ چىقىش توغرىسىدا جىددىي يىغىن ئېچىشىنى ئۆتۈنىدۇ.» دېدى. ئەزەلدىن ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان چاۋشيەن نېمە ئۈچۈن توساتتىنلا «جىددىي قۇتقۇزۇش سىگنالى» تارقىتىدۇ؟

   چاۋشيەن ئۆتكەن مەزگىللەردە ئىزچىل تۈردە «ئۇرۇش گىردابىدا يۈرۈش» سىياسىتىنى يۈرگۈزۈپ، ھەرقانداق ۋاقىتتا ئۇرۇش قىلىشتىن باش تارتمايدىغان مەيدانىنى ئىپادىلەپ، قارشى تەرەپنى يول قويۇشقا قىستىماقچى بولغان. ئۇلارنىڭ بۇ قېتىم يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىشنى ئۇچۇش ئاشكارا ئېلان قىلىشىمۇ خەلقئارا جەمئىيەتكە چاۋشيەننىڭ يادرو دۆلەتلىك ئورنىنى ئېتىراپ قىلغۇزۇش ئۈچۈن. لېكىن كىم جۇڭئۇن بۇ قېتىم «چوتنى خاتا سوقۇپ قويدى». ب د ت نىڭ خەۋپسىزلىك كېڭىشى چاۋشيەن مەسىلىسى توغرىسىدا 2270-نومۇرلۇق قارارىنى بىردەك ماقۇللۇقتىن ئۆتكۈزۈپ، چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغانلىقىنى ھەمدە باشقۇرۇلىدىغان بومبا تېخنىكىسىنى ئىشلىتىپ سۈنئىي ھەمراھ قويۇپ بەرگەنلىكىنى ئەيىبلىدى، ۋە شۇنىڭ بىلەن بىرگە چاۋشيەننى جازالاش توغرىسىدا بىر قاتار بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى. شۇنىڭ بىلەن بىرگە، ئامېرىكا بىلەن كورېيە ئايرىم-ئايرىم ھالدا چاۋشيەننىڭ قاتناش،  كان ساھەسى، ئېنېرگىيە ۋە پۇل-مۇئامىلە كەسپى ۋە ھەمدە چاۋشيەننىڭ ئالى دەرىجىلىك رەھبەرلىرى قاتارلىقلارغا ئېمبارگو يۈرگۈزدى. تېخىمۇ يامان بولغىنى شۇكى ب د ت نىڭ كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتى خەلقئارا تەكشۈرۈش كومىتېتى 17-مارت چاۋشيەننىڭ كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسى توغرىسىدىكى دوكلاتنى ئېلان قىلىپ، چاۋشيەن ھۆكۈمىتىنى قاتتىق تەنقىدلىدى، ھەمدە خەلقئارا سوت مەھكىمىسىگە «ئىنسانىيەتكە قەست قىلىش جىنايىتى» بىلەن چاۋشيەننىڭ ئەڭ ئالى رەھبىرى كىم جۇڭئۇن ئۈستىدىن شىكايەت قىلدى. بۇلارنىڭ شۇنى كۆرۈۋېلىشقا بولىدۇكى، چاۋشيەننىڭ «ئۇرۇشنى دەستەك قىلىپ، قارشى تەرەپنى ۋاز كېچىشكە قىستاش» سىياسىتى ئۈنۈمىنى كۆرسەتمەيلا قالماستىن، يەنە تېخى كىم جۇڭئۇننىڭ خەلقئارادىكى نام ئابرۇيىنىمۇ يەر بىلەن يەكسان قىلدى. ئۇنىڭدىن باشقا، چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بېرىپ جۇڭگونىڭمۇ غەزىپىنى قوزغاپ قويدى.

   چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى قىلىش مەسىلىسىگە نىسبەتەن، ئەمەلىيەتتە جۇڭگونىڭ بەكرەك ئوغىسى قاينىدى. چاۋشيەن يادرو سىنىقى ئېلىپ بارغان جاي بىلەن جۇڭگونىڭ چېگىرسى ئاران تۆت كىلومېتىر كېلىدىغان بولۇپ، شەرقىي قىسمى رۇسىيە چېگىرسى بىلەن 38 كىلومېتىر كېلىدۇ. چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى ئەگەر مەغلۇب بولسا، بۇنىڭ ئاقىۋىتىنى تەسەۋۋۇر قىلىش ئىنتايىن قىيىن  بولۇپ، زور كۆلەمدىكى يەر زېمىنلار ئىنسانلارنىڭ ئولتۇراقلىشىشىغا ماس كەلمەيدىغان ھالەتكە چۈشۈپ قالىدۇ، بۇ ۋاقىتتا چاۋشيەننىڭ مىللىتىنىڭلا پۇت دەسسەپ تۇرىدىغان يېرى قالمايدىغان بولۇپ، ھەتتا جۇڭگونىڭ شەرقىي شىمالى رايونىمۇ گىياھ ئۆسمەيدىغان قاقاس جايغا ئايلىنىپ قالىدۇ. چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقى مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان تەقدىردىمۇ ئامېرىكا كورىيەدە «سائاد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇشىغا باھانە تېپىپ بېرىدۇ. سائاد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنىڭ قاپلاش دائىرىسى يېرىم ئارالنىڭ مۇداپىئە كۆرۈش ئېھتىياجىدىن خېلى بەكلا ئېشىپ كېتىدىغان بولۇپ، ئۇ ھەتتا ئاسىيا قىتئەسىنىڭ مەركىزى رايونلىرىغىچە سىڭىپ كېرەلەيدۇ. ئەگەر بۇ رايوننىڭ ئىستراتېگىيەلىك تەڭپۇڭلۇقى بۇزۇپ تاشلانسا، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان باشقا دۆلەتلەرنىڭ بىخەتەرلىك مەنپەئەتىگە بىۋاسىتە زىيان يەتكۈزىدۇ. چۈنكى سائاد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسى نەزەرىيە جەھەتتىن جۇڭگونىڭ ھەرقانداق يادرو ئوق بېشىنى توسۇپ قالالايدۇ، بۇ ئامېرىكىنى ئالدى بىلەن زەربە بەرسىمۇ قارشى تەرەپنىڭ ئۆچ ئېلىشىدىن قورقمايدىغان «كاپالەتنامە» بىلەن تەمىنلەيدۇ.

   ئەمەلىيەتتە چاۋشيەن بۇنى بىلمەي قالمايدىغان بولۇپ، ئۇلار ئامېرىكىنىڭ كورىيەگە جىددىي «سائاد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرۇش غەرزىنىڭ بارلىقىدىن پايدىلىنىپ «بىر چالمىدا ئىككى پاختەك تۇتماقچى»، يەنى جۇڭگو بىلەن كورىيەنىڭ مۇناسىۋىتىنى يامانلاشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ قارشىلىشىشىنى تېخىمۇ ئەۋجىگە چىقارماقچى، ۋە بۇ ئارقىلىق يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تېخىمۇ چوڭ ئىستراتېگىيەلىك بوشلۇق ۋە ۋاقىتقا ئېرىشمەكچى. ئەمەلىيەتتە تەپسىلىي قارايدىغان بولساق، چاۋشيەن ئامېرىكىنىڭ كورىيەدە «سائاد» ناملىق باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى سىستېمىسىنى ئورۇنلاشتۇرماقچى بولغانلىقىغا قارتا ئاساسى جەھەتتىن «قۇلىقىنى ئېتىۋېلىپ» ئاڭلىمىغان قىياپەتكە كېرىۋالدى.

 چاۋشيەن يادرو مەسىلىسىگە قارتا، جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل ھالدا يېرىم ئارالنىڭ تىنچ ۋە مۇقىملىقىنى بارلىق كۈچى بىلەن قوغداپ كېلىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ مۇراجىئەت قىلغان ئالتە تەرەپ يىغىنى يېرىم ئارال ۋەزىيىتىنى ھەل قىلىشتىكى ئۈنۈملۈك ئۇسۇل دەپ قارىلىپ كېلىۋاتىدۇ. گەرچە ئامېرىكا، كورىيە ۋە ياپونىيە قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ جۇڭگو ۋە رۇسىيە بىلەن يېرىم ئارال مەسىلىسىدە ئىزچىل بەزى ئىختىلاپلار ساقلىنىپ كەلگەن بولسىمۇ لېكىن چاۋشيەننى يادرو قورالىدىن ۋاز كەچتۈرۈش جەھەتتە نۇرغۇنلىغان ئورتاقلىقلار بار، چاۋشيەننىڭ چوڭ دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئىختىلاپلاردىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ يادرو قورالىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش بوشلۇقى بارغانسېرى كىچىكلەپ بېرىۋاتىدۇ.

  ئامېرىكا بىلەن كورىيەنىڭ ھەربىي ئىشلار جەھەتتىن بارغانسېرى بېسىم قىلىشىغا ئەگىشىپ ۋە ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ چاۋشيەننى جازالاش توغرىسىدىكى قارارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىجرا قىلىنىشى قاتارلىقلار بىلەن چاۋشيەن بارغانسېرى ئۆزىنى «يالغۇز» ۋە «ئىگە-چاقىسىز» ھېس قىلىۋاتىدۇ. بۇنداق ھەممە تەرەپتىن خىرىسقا ئۇچراپ تۇرغاندا، چاۋشيەننىڭ ب د ت دىن جىددىي ياردەم تەلەپ قىلىشى، بەلكىم چاۋشيەننىڭ راستتىنلا بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنىڭ كەملەپ كەتكەنلىكىدىن دېرەك بېرىشى مۇمكىن.



خەتكۈچلەر:
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
10-05-2016
    جاڭ چۈنشيەن جاڭ ۋېنشيۇڭ ۋە ئۇنىڭ ھەمراھلىرى بىلەن كۆرۈشتى     ياۋ تۇڭ خەۋىرى: ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتكومنىڭ شۇجىسى جاڭ چۈنش...
10-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورى 9-ماي خەۋىرى، 8-ماي سائەت 4:00 لەر ئەتراپىدا، فۇجيەن سەنمىڭ شەھىرى تەييۈ ناھىيىسىنىڭ كەيشەن يېزىسىدا لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بېرىپ، چىتەن سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ خىزمەت بىناسىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ كې...
10-05-2016
    تەڭرىتاغ تورى خەۋىرى: 7-ماي، مۇخبىر قابا ناھىيە بازىرىنىڭ غەربىدىن 30 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدا ئۇزۇنلۇقى 20 كىلومېتىر، كەڭلىكى 0.5 كىلومېتىردىن 2 كىلومېتىرغىچە بولغان دائىرىدە بىر قەدىمىي دەل-دەرەخلىقنى بايقىغان. شۇ جا...
09-05-2016
     2016-يىلى 8-ماي چۈشتىن كېيىن سائەت 15:00 لەر ئەتراپىدا، شەندۇڭ ئۆلكىسى ساۋشيەن ناھىيىسىدىكى مەلۇم كېرەكسىز بۇيۇملارنى يىغىۋېلىش ئورنىغا ئوت كەتكەن، ساۋشيەن ناھىيىلىك 110 قوماندانلىق مەركىزى دېلو مەلۇم قىلىش تېلېف...
09-05-2016
    جۇڭگو خەۋەر تورى 9-ماي خەۋىرى، 8-ماي سائەت 4:00 لەر ئەتراپىدا، فۇجيەن سەنمىڭ شەھىرى تەييۈ ناھىيىسىنىڭ كەيشەن يېزىسىدا لاتقا-شېغىللىق ئېقىن ئاپىتى يۈز بېرىپ، چىتەن سۇ ئېلىكتىر ئىستانسىسىنىڭ خىزمەت بىناسىنىڭ ئولتۇرۇشۇپ ك...
09-05-2016
    جاۋابكار چىڭ فامىلىلىك، ئىلگىرى باشقىلارنىڭ تونۇشتۇرۇشى ئارقىلىق ۋېي فامىلىلىك قىز بىلەن تونۇشقان، ئىككەيلەن چىقىشىپ قالغانلىقتىن مۇھەببەتلەشكەن. كېيىنچە ئىككەيلەن كىچىك ئىشلار تۈپەيلى زىددىيەتلىشىپ، ئاقىۋەتتە ئايرىلىپ...
09-05-2016
    يېقىندا، شەندۇڭ ئۆلكىسى تېڭجوۋ شەھەرلىك تەپتىش مەھكىمىسى پەن پەن فامىلىلىك بىلەن ما فامىلىلىك ئىككەيلەننىڭ ئۆز قىزىنى سېتىۋېتىش دېلوسىغا قاراپ چىققاندىن كېيىن، قانۇن بويىچە تېڭجوۋ شەھەرلىك خەلق ئىشلىرى ئىدارىسىغا «پەن ...
09-05-2016
    لوپنۇر ناھىيەلىك پارتكوم، ناھىيەلىك خەلق ھۆكۈمىتى باش بولۇپ ئۇيۇشتۇرغان 2016-يىللىق لوپنۇر . شىنجاڭ 4-نۆۋەتلىك لوپنۇرلۇقلار ئۆرپ-ئادەت كاۋاپ بايرىمى 30-ئاپرېل لوپنۇر ناھىيەسى داشى مەنزىرە كوچىسىدا باشلاندى. بۇ نۆۋەتلىك...
09-05-2016
    شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، تېلېگراممىسى. گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى كېچياڭنىڭ رىياسەتچىلىكىدە 4 – ماي گوۋۇيۈەننىڭ دائىمىي يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئەلئارا سېلىنما توغرىسىدىكى سىياسەتنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش ئەھۋالىنى...
09-05-2016
 ئەنگىلىيە <كۈندىلىك پوچتا گېزىتى> نىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئانىلار بايرىمى ھارپىسىدا، يۈزدىن ئارتۇق شياڭگاڭلىق ئانا مىترو بېكىتىدە <2016-يىللىق ئانىلار بايرىمى ئانا سۈتى بىلەن بالا ئېمىتىش> پائالىيىتى ئۆتكۈزۈپ، كىشىلەرگە...
Powered by Leglek