قورساقنى سىلاپ بېرىش، قورساق بوشلۇقىدىكى قان ئايلىنىشنى تېزلىتىپ، ئاشقازان بىلەن ئۈچەينىڭ ھەرىكىتىنى كۈچەيتىدۇ. قورساق سىلاش بىر خىل يېقىملىق غىدىقلاش ھېسابلىنىدۇ. غىدىقلىنىش چوڭ مېڭە ئارقىلىق سۇيۇقلۇقنى تەڭشەش ۋە مۇسكۇل ئىچكى مۇھىتىنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشقا ياردەم بېرىدۇ. ئۇخلاشتىن بۇرۇن، قورساقنى سىلاپ بەرسە، نېرۋىنى تىنىچلاندۇرۇپ، خىيالدىن خالىي قىلىپ، ئۇيقۇ كەلتۈرىدۇ. قان تومۇر قېتىشىش، يۇقىرى قان بېسىم، مېڭە قان تومۇر كېسەللىكلىرىگە گىرىپتار بولغۇچىلار قورسىقىنى سىلاپ بەرسە، قان ئايلىنىش راۋانلىشىدۇ.
قورساقنى سىلاش ئۇسۇلى مۇنداق: ئالدى بىلەن ئورۇندۇقتا ئولتۇرۇپ ياكى كارىۋاتتا يېتىپ، ئاندىن ئىككى قولنىڭ ئالقىنىنى سال قىزىغىچە بىر-بىرىگە سۈركەش (ياز كۈنلىرى بۇ ھەرىكەتنى ئىشلىمىسىمۇ بولىدۇ )، ئاخىرىدا ئىككى ئالقاننى قورساققا قويۇپ، كىندىكنى مەركەز قىلغان ھالدا يۇقىرىدىن–تۆۋەنگە قارىتىپ، سائەت ئىستىرىلكىسىنىڭ يۆنىلىشى بويىچە يېنىك سىلاش لازىم. كارىۋاتتا يېتىۋالماي ئۆي ئىچىدە مېڭىپ يۈرۈپ سىلاپ بەرسىمۇ بولىدۇ. قورساقنى سىلاشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرسا، بەدەننى قۇۋۋەتلەندۈرۈپ، روھىي كەيپىياتنى نورماللاشتۇرۇشتا بەلگىلىك ئۈنۈمى بولىدۇ.
![]() |
بالىلار نېمە سەۋەبتىن ‹‹ياغاچ قۇلاق›› بولۇپ قالىدۇ
مەريەمگۈل ئىمىت
بىر قىسىم ئاتا–ئانىلار بالىلىرىنى ‹‹گەپ ئاڭلىمايدىغان›› بولۇپ قالدى دەپ قاقشاپلا يۈرىدۇ. بەزى ئاتا–ئانىلار ئەتىدى...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved