توررىس لىۋىرپول كۇلۇبىغا قايتىشى مۇمكىن

پۇتبول تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى

 

2011-يىلى توررىس لىۋىرپول كۇلۇبىدىن بەش مىلىيۇن پوند سىتىرلىڭ باھا بىلەن چېلسىي كۇلۇبىغا يۆتكىلىپ لىۋىرپول كۇلۇبى مەستانىلىرىنىڭ كۆڭلىنى يېرىم قىلغاندى.

 

بىراق سىتامپۇرد كۆۋرۈكى ( چېلسىي كۇلۇبىنىڭ توپ مەيدانى) گە يۆتكەلگەن توررىس ئۆزىنىڭ لىۋىرپول كۇلۇبىدىكى قالتىس ئىپادىسىنى نامايەن قىلالمىدى. مەيلى سانلىق مەلۇمات جەھەتتىكى ئىپادىسى بولسۇن ياكى مەيداندىكى ئىپادىسق بولسۇن ھېچقايسىسى كۇلۇب ۋە توپ مەستانىلىرىنىڭ كۈتكەن يېرىدىن چىقالمىدى. غەربى لوندوندىكى توررىس بارغانسېرى چېكىنىپ كېتىۋاتقان ئىدى.

 

ئۈچ يېرىم يىللىق ۋاقىتنى بىكارغا ئۆتكۈزۈۋەتكەندىن كېيىن، چېلسى كۇلۇبىنىڭ مەشقاۋۇلى مۇرىنھۇ توررىسىنى ئا س مىلان كۇلۇبىغا ئارىيەت بىرىپ تۇردى. توررىسىنىڭ ئىجارە ۋاقتى توشقان چاغ دەل توررىسنىڭ چېلسى كۇلۇبى بىلەن بولغان توختامىنىڭ ئاخىرلاشقان ۋاقتى. بۇنىڭدىن قارىغاندا سىتامپۇرد كۆۋرۈكىدە توررىسقا تەۋە ئورۇن قالمىغانىدى.

 

توررىسىنىڭ ئىتالىيەدىكى ئىپادىسىمۇ ئوخشاشلا ئادەمنى ئۈمىدسىزلەندۈرىدۇ. ئۇنىڭ بۇنداق ئىپادىسى ئۇنىڭ كونا كوماندىسى لىۋىرپول كۇلۇبىغا قايتىش ئېھتىماللىقىنى يۇقىرى كۆتۈردى.

 

لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇمچىسى سىتۇرىچ نىڭ يارىسى ساقايمىغاچقا لىۋىرپول كۇلۇبىنىڭ ھۇجۇم سېپىدە تاللىشى كۆپ ئەمەس. توپ مەستانىلىرىمۇ بۇ نۇقتىنى تونۇپ يەتكەن ھەمدە توررىسنىڭ لىۋىرپول كۇلۇبىغا قايتىپ كېلىشىگە قوشۇلىدىكەن.

 

لىۋىرپولدا ئېلىپ بېرىلغان بىر قېتىملىق ئەل رايى تەكشۈرۈش نەتىجىسىڭ كۆرسىتىشىچە، 74% توپ مەستانىسى توررىسنىڭ لىۋىرپول كۇلۇبىغا قايتىپ كېلىشىنى قوللايدىكەن. بۇنىڭدىن قارىغاندا توررىسنىڭ لىۋىرپول كۇلۇبىغا قايتىپ كېلىش ئېھتىماللىقى تېخمۇ يۇقىرى بولىدىكەن.



خەتكۈچلەر:
15-12-2014
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: پۇتبول تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
01-05-2016
    4-ئاينىڭ 30-كۈنى، لاتۋىيە پايتەختى رىگادىكى ئېسپىلاندىن مەيدانى، رېستۇران مۇلازىملىرى لىققىدە مېنىرال سۇ قاچىلانغان ئېگىز ئىستاكان ۋە پەتنۇسلارنى كۆتۈرۈپ يۈگۈرۈش مۇسابىقىسىگە قاتناشماقتا. شۇ كۈنى لاتۋىيە پايتەختى رىگادا...
01-05-2016
    «مىيۇنخېن كەچلىك گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گېرمانىيە زەردارى بايرىن مېيۇنخېن ئۆز مەيدانىدا مۇددەتتىن بۇرۇن چېمپىيونلۇققا ئېرىشەلمەيلا قالماستىن، رىبېرىنىڭ مادرىد ئاتلېتكا بىلەن ئوينىلىدىغان مۇسابىقىگە قاتنىشالمايدىغانل...
01-05-2016
    ئىسپانىيە بىرلەشمىسىنىڭ 36-ئايلانمىسىدا، ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا بېلنىڭ كىرگۈزگەن كاللا توپىسىغا تايىنىپ 1-0 نەتىجىدە غەلىبە قىلدى، شۇنداقلا بىرلەشمە چېمپىيونلىقىنى تالىشىۋاتقان رەقىبلىرىنىڭ بىسى...
01-05-2016
    4-ئاينىڭ 30-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى كەچ 8:00 دا، 2015-2016-پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 32-ئايلانمىسىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد مېھمان مەيداندا خانلىق جەمئىيەت بى...
01-05-2016
    5-ئاينىڭ 1-كۈنى ئۈرۈمچى ۋاقتى سەھەر 00:30 دا، 2015-2016-پەسىللىك ئىسپانىيە بىرلەشمىسى 36-ئايلانمىدىكى بىر مەيدان مۇسابىقە ئوينالدى، بۇ مەيدان مۇسابىقىدە ئىسپانىيە زەردارى بارسېلونا مېھمان مەيداندا خانلىق بېتىس بىلەن مۇس...
30-04-2016
     بېيجىڭ ۋاقتى 29-ئاپرېل، شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىنىڭ ئورگان تورى خەۋىرى، 28-ئاپرېل چۈشتىن كېيىن شىنجاڭ ئەرلەر ۋاسكېتبول كوماندىسىدىكى مەشقاۋۇل، ئەزالار، كۇلۇب خادىملىرى مۇئاۋىن كۇلۇب باشلىقى خې چاڭجياڭنىڭ ...
30-04-2016
     رونالدونىڭ يارىلىنىش ئەھۋالى زادى قانداق؟ ھەرقايسى تاراتقۇلارنىڭ بۇنىڭغا بەرگەن جاۋابىمۇ ئوخشاش ئەمەس، «ماركا گېزىتى» نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، رونالدونىڭ مۇسكۇلى يىرتىلىپ زەخمىلەنگەن. بىراق «Cope» تېلېۋىزىيە ئىستانىسىن...
30-04-2016
   چۆچەك داۋاملاشماقتا، لېيچېستېر شەھىرى كۇلۇب تارىخىدىكى تۇنجى ئېنگلاند ئالىي بىرلەشمىسى چېمپىيونلۇقىغا ئېرىشىش ئالدىدا تۇرۇۋاتىدۇ. شۇڭا شەھەرلىك ھۆكۈمەت ئۆز شەھىرىنىڭ قەھرىمانلىرىغا مەدەت بېرىش ئۈچۈن، لېيچېستېر شەھىرىدىكى...
30-04-2016
     مادرىد ئاتلېتكا ئورگان تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يوتىسى يارلىنىش سەۋەبىدىن مۇسابىقىگە قاتنىشالمىغان ئۇراگۋايلىق ئوتتۇرا مەيدان توپچىسى گودىن بۈگۈن كوماندىدىكىلەر بىلەن مەشىققە قاتناشقان، «ئا س گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلشى...
30-04-2016
ئىسپانىيە ئاخبارات ۋاستىسى «ماركا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق يېرىم ھەلقىلغۇچ مۇسابىقىسىنىڭ ئىككىنچى ئايلانمىسىدا، ئىسپانىيە زەردارى خانلىق مادرىد ئۆز مەيدانى بېرنابېئۇدا كۆك ھىلال ئاي قوشۇنى مانچېستىر شەھىرىنى كۈتىۋ...
Powered by Leglek