ئەنگلىيە «كۈندىلىك پوچتا گېزىتى»نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستانىدىكى بىر دوختۇرخانىغا ھاياتى قىل ئۈستىدە قالغان ئالاھىدە بىمار كەلگەن. بىر ئوغۇل بوۋاق قول سائەتنى يۈتىۋالغاندىن كېيىن نەپەس ئېلىشى قىيىنلىشىپ، پۈتۈن بەدىنى كۆكىرىپ كەتكەن، ھاياتى ئېغىر خەۋپ ئىچىدە قالغان. ئاتا-ئانسىى ۋاقتىدا بايقىغاندىن كېيىن ئۇنى دەرھال دوختۇرخانىغا ئېلىپ بارغان.
ئۇلار دوختۇرخانىغا بارغاندا بوۋاقنىڭ ئەھۋالىنى ئىنتايىن خەتەرلىك بولۇپ، دوختۇرلار ۋاقىت بىلەن بەسلىشىپ ئامال قىلىپ قىزىلئۆڭگەچتىكى سائەتنى دەرھال ئېلىپ تاشلىغان. بىرەيلەن ئوپېراتسىيە جەريانىدىكى 20 سىكۇنتنى سىنغا ئېلىپ تورغا چىقارغان، قسقىغىنا تۆت كۈن ئىچىدە بۇ قىسقا فىلىم 12 مىڭ قېتىم قويۇلغان.
ۋىدىئودىن كۆرۋىلىشقا بولىدۇكى، دوختۇر ئاۋۋال ئوپېراتسىيە قايچىسى بىلەن بالىنىڭ كېكىردىكىنى ئاچقان ئاندىن قولى بىلەن ئاستا كېكىردەكتىن سائەتنى ئالغان. بۇ جەرياندا بوۋاق بەلكىم بەك قورقۇپ كەتكەنلىكىدىن ناھايىتى جىمجىت بولۇپ كەتكەن، ئوپېراتسىيە بالىنىڭ يۆتىلىشى ۋە قىقىراپ يىغلىشى بىلەن ئاخىرلاشقان. بوۋاقنىڭ ياڭراق يىغا ئاۋازى ئۇنىڭ بەدىنىنىڭ چوڭ تەسىرگە ئۇچرىمىغانلىقى ئۆپكە قاتارلىق ئەزالىرىنىڭ نورماللىقىنى بىلدۈرىدۇ.
![]() |
يۇقىرىقى سۈرەتلەر: بىرىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
تۆۋەندىكى سۈرەتلەر: ئىككىنچى دۇنيا ئۇرۇشىدىكى گېرمانىيە ئارمىيەسى
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved