مالايسىيا ئىچكى ئىشلار مىنىستىرلىكى 16- دېكابر مالايسىيانىڭ كېلەر يىلى 1- ئاينىڭ 2- كۈنىدىن باشلاپ، جۇڭگو قاتارلىق يەتتە دۆلەتكە ئېلېكترونلۇق ۋىزا بىجىرىش سىياسىتى يۈرگىزىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
بەزى تاراتقۇلارنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يەتتە دۆلەت جۇڭگو، ھىندىستان، بىرما، نىپال، سىرىلانكا، ئامېرىكا ۋە كانادا قاتارلىق دۆلەتلەرنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.
مالايسىيا ساياھەتنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىدارىسىنىڭ سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، گەرچە مالايسىيا ئاۋىئاتىسىيەسىنىڭ MH370 بەلگىلىك يولۇچىلار ئايروپىلانى يۈتۈپ كېتىش ۋەقەسىنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىغان بولسىمۇ، مالايسىيا 2014- يىلى 1 مىليون 610 مىڭ ئادەم قېتىم جۇڭگولۇق ساياھەتچىنى كۈتىۋالغان. مالايسىيا ساياھەت بىرلەشمىسىنىڭ باشلىقىنىڭ ئېيتىشىچە، ئېلېكترونلۇق ۋىزا بېجىرىش سىياسىتى يۈرگۈزۈلگەندىن كېيىن جۇڭگو ۋە ھىندىستانلىق ساياھەتچىلەر ناھايتى چوڭ ئىتىباردىن بەھرىمان بولالايدىكەن.
مالايسىيا ساياھەت مىنىستىرلىكى ئىچكى كابېنتقا ئاكتىپ تەكلىپ سۇنۇپ، جۇڭگولۇق ساياھەتچىلەرگە ۋىزا كەچۈرۈم قىلىشنى ئەمەلگە ئاشۇرغان. مالايسىيا ساياھەت مىنىستىرلىكى مۇشۇ يىل 11- ئايدا، 12- ئاينىڭ 1- كۈنىدىن باشلاپ ئىككىدىن ئارتۇق كىشىدىن تەشكىللەنگەن كوللىكتىپ ساياھەت قىلغان جۇڭگولۇق ساياھەتچىدىن ۋىزا كەچۈرۈم قىلىنىدىغانلىقىنى، بۇ ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئەتىيازلىق ساياھەت پەسىلىدە تېخىمۇ كۆپ جۇڭگولۇق ساياھەتچىنى كۈتىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved