فرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ باش شتابى 1-ئۆكتەبىر ئاخبارات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېدى: فرانسىيە ئىراقتىكى ھەربىي ھەرىكەتدىكى ئورۇنلاشتۇرۇشلارنى كۈچەيتىش ئۈچۈن، پارس قولتۇقى رايونىغا 3 كۈرەشچى ئايروپىلان بىلەن بىر ھاۋادىن موداپىئەلىنىدىغان مۇھاپىزەتچى پاراخوت ئەۋەتىشنى قارار قىلدى.
ئاخباراتدا مۇنداق دېيىلدى: فرانسىيەنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستاندا تۇرۇشلۇق ھەربىي بازىسىدىكى كۈرەشچى ئايروپىلانلىرىنىڭ سانى 9 غا كۆپەيتىلدى، فرانسىيەنىڭ ئىراقتا رازۋېدكا ۋە ھاۋا ھۇجۇمى ۋەزىپىسىنى ئىجرا قىلىۋاتقان ئايروپىلانلىرى بۇ بازىدىن ئۇچىدۇ. ئاخباراتتا مۇنداق دېيىلدى: فرانسىيە ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي كۈچنى كۆپەيتىشدىن مەقسەت ئىراق ئارمىيەسىنى قوللاشنى كۈچەيتىشتىن ئىبارەت. فرانسىيەنىڭ ھەربىي پاراخوتلىرى بىلەن كۈرەشچى ئايروپىلانلىرى ئىتتىپاقداش دۆلەتلەر بىلەن زىچ ماسلىشىپ، ئالاقىدار ھاۋا بوشلۇقىنى كونترول قىلىشقا قاتنىشىدۇ.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved