«ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» (ھەقسىز نەشرى) يۇمشاق دېتالى 2015-يىلى 4-ئاينىڭ 19-كۈنى (يەكشەنبە) چۈشتىن بۇرۇن 10:00 دا ئالىم ئەھەت بىلوگى (www.alimahat.com) دا تارقىتىلىدۇ. بۇ يۇمشاق دېتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلار ئۈچۈن تۆۋەندىكى چۈشەندۈرۈشلەرنى ئەستايىدىل ئوقۇشۇڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى
(كومپيۇتېر ياردىمىدە تەرجىمە قىلىش دېتالى)
قىسقىچە چۈشەندۈرۈش
«ئۇيغۇرسوفت تەرجىمە ياردەمچىسى» كومپيۇتېر ياردىمىدىكى ئادەملىك تەرجىمە قىلىش يۇمشاق دېتالى بولۇپ، تەرجىمىدە تەكرار ئۇچرايدىغان ئاتالغۇ ۋە جۈملىلەرنى بىر قېتىم تەرجىمە قىلسىڭىز، سىستېما ئاپتوماتىك خاتىرىلەپ ئەستە قالدۇرىدۇ. كېيىن ئوخشاش ئاتالغۇ ياكى قۇرۇلمىسى ئوخشايدىغان جۈملە ئۇچراتسىڭىز، ئىلگىرىكى تەرجىمىنى ئەسكەرتىدۇ، قايتا تەرجىمە قىلىشنىڭ ھاجىتى بولمىغاچقا تەرجىمىدە ئاتالغۇ بىردەكلىكى، جۈملە قۇرۇلمىسىدىكى ئىزچىللىقنى ساقلاپ، ۋاقتىڭىز ۋە زېھنىڭىزنى تىجەپ قالالايسىز، تەرجىمە تاماملانغاندا تەرجىمە نەتىجىسىنى ئەسلىدىكى بىلەن ئوخشاش شەكىلدە چىقىرالايسىز. بۇ دېتالغا يەنە لۇغەت، ئىملا تەكشۈرۈش، دائىم ئۇچرايدىغان ئىملا خاتالىقى ۋە تىنىش بەلگە خاتالىقىنى ئاپتوماتىك تۈزىتىش ئىقتىدارى قوشۇلغان بولۇپ، تەرجىمە جەريانىدىكى بارلىق ئىش-ھالقىلىرىنى مۇشۇ بىر يۇمشاق دېتالدىلا تاماملاشقا بولىدۇ.
يۇمشاق دېتال تەلىپى:
مەشغۇلات سىستېمىسى: Windows XP/Windows 7/8/8.1
ئىچكى ساقلىغۇچ: 512 MB ۋە ئۇنىڭدىن چوڭ
ئېكران ئېنىقلىقى: 1024*768
يۇمشاق دېتالنىڭ ئارايۈزى:
ئىشلىتىش ئۇسۇلى
ئاساسىي مەشغۇلات كۆزنىكىدە تېكىست رامكىسى، جۈملە رايونى، تەرجىمە رايونى (ئاتالغۇ، ئەسلىي جۈملە، تەرجىمە جۈملە ۋە تەۋسىيە جۈملە) بولۇپ، تەرجىمە قىلماقچى بولغان تېكىستنى تەھرىرلەش رامكىسى (1-رايون)غا چاپلىسىڭىز، ئابزاس ۋە جۈملىلەرگە پارچىلايدۇ (2-رايون)، نۆۋەتتە تاللانغان جۈملە ئىچىدە مۇھىم ئاتالغۇلارنى ئىزدەپ (3-رايون سول تەرەپتىكى) ئاتالغۇ رايونىدا كۆرسىتىدۇ.
نۆۋەتتىكى جۈملىنىڭ تەرجىمىسىنى ئاستىدىكى (سېرىق رەڭلىك) تەھرىرلەش رايونىغا يازسىڭىز بولىدۇ. ئەگەر سول تەرەپتىكى مەلۇم بىر ئاتالغۇنىڭ تەرجىمىسىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، شۇ ئاتالغۇنى قوش چەكسىڭىز ياكى شۇ ئاتالغۇنى تاللاپ، تەرجىمە رايونى قورالبالدىقىدىكى «بىر ئاتالغۇنى ئەكىرىش»نى (يەنى 2-كۇنۇپكىنى) باسسىڭىز بولىدۇ، ئەگەر ھەممىنى ئىشلەتمەكچى بولسىڭىز، «ھەممە ئاتالغۇنى ئەكىرىش»نى (يەنى 3-كۇنۇپكىنى) باسسىڭىز بولىدۇ.
باشقا سۆزلەرنىڭ لۇغەت مەنىسىنى بىلمەكچى بولسىڭىز، مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسىنى بىلەن تەھرىرلەش رايونىدىكى خەنزۇچە سۆز ياكى سۆز بىرىكمىلىرى بوياپ قۇيۇپ بەرسىڭىز، ئۇيغۇرسوفت تور لۇغىتى (http://www.udict.cn)گە ئۇلاپ تەرجىمىسىنى كۆرسىتىپ بېرىدۇ. ئەگەر لۇغەتتىكى بەزى تەرجىمىلەرنى پايدىلانماقچى بولسىڭىز، يەنە مائۇسنىڭ سول كۇنۇپكىسى بىلەن شۇ دائىرىنى بوياپ قويۇپ بەرسىڭىز، تەرجىمە رامكىسىدىكى نۇربەلگىسى تۇرۇۋاتقان ئورۇنغا كۆچۈرۈلىدۇ، قايتا كىرگۈزمىسىڭىزمۇ بولىدۇ.
تەرجىمىسى مۇقىملاشقان سۆز-ئىبارىلەرنى ئاتالغۇ قىلىپ ساقلاپ قويماقچى بولسىڭىز، ئۈستىدىن خەنزۇچىسىنى تاللايسىز، ئاندىن ئاستىدىن تەرجىمىسىنى تاللاپ، قورالبالداقتىكى «قوشۇش» كۇنۇپكىسىنى باسسىڭىزلا بولىدۇ.
كېيىنكى جۈملىدە سىز قوشقان ئاتالغۇ ئۇچراپ قالسا، تەرجىمىسىنى چىقىرىپ بېرىدۇ. ئاتالغۇ جەھەتتە بىردەكلىكنى ساقلىيالايسىز، ئەمما تۇرغۇن سۆزلەردىن باشقا سۆزلەرنى ئاتالغۇ قىلىپ قوشماڭ، ھازىرچە سىناق نەشرىدە ئۆزىڭىز قوشقان ئاتالغۇلارنى تەھرىرلەش ئىقتىدارى تەمىنلەنمىدى.
ئۇنىڭدا يەنە ئىملا تەكشۈرۈش، دائىم ئۇچرايدىغان ئىملا خاتالىقىنى ئاپتوماتىك توغرىلاش، ئۇيغۇرچە خەت يېزىۋاتقاندا ئىملا توغرىلاش، تىنىش بەلگە بىلەن بوشلۇقنىڭ مۇناسىۋىتىنى تەكشۈرۈش ۋە ئاپتوماتىك توغرىلاش قاتارلىق ئىقتىدارلار تولۇق سەپلەنگەن.
ئەگەر سىزدە قوش تىللىق تەرجىمە ماتېرىياللىرى بولۇپ، جۈملە ئامبىرىمىزغا قوشۇپ، باشقىلارنىڭمۇ ئىشلىرىنى ئاسانلاشتۇرماقچى بولسىڭىز، بىز خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز.
بۇ يۇمشاق دېتال ئالدىنقى ھەپتە تۇخۇمىدىن چىققان بولۇپ، ھازىر كاتەكتە چۈجە ھالىتىدە تۇرۇۋاتىدۇ، بەلكىم دەسلەپتە سىزگە كۆپ پايدىسى تەگمەسلىكى مۇمكىن، كۆپچىلىكنىڭ قوللاپ سۈپەتلىك دان ۋە پاكىزە سۇ بېرىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ساغلام چوڭ بولۇپ كاتەكتىن رەسمىي چىققاندا كۆپچىلىككە پايدىسى تېگىدىغان بولسۇن، بۇ بىزنىڭ ئۈمىدىمىز.
شۇنداقلا يەنە بۇ يۇمشاق دېتالنى ياخشىلاش ھەققىدە قىممەتلىك تەكلىپ-پىكىر بېرىشنى ۋە بىزگە ماتېرىيال بىلەن تەمىنلەشنى ئويلىسىڭىز، تۆۋەندىكى ئادرېسقا ئەۋەتسىڭىز بولىدۇ، بىز خۇشاللىق بىلەن قوبۇل قىلىمىز. رەھمەت!
team@uighursot.com
چۈشۈرۈش ئۇچۇن ئالىم ئەھەت بلوگىغا مەرھەممەت قىلىڭ
ئاخىرىدا بۇ يۇمشاق دېتالدىن ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمىز.
ئۇيغۇرسوفت شىركىتى يۇمشاق دېتال ئېچىش گۇرۇپپىسى
2015.4.18
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved