جاھان ئاگېنتلىقى 18-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىرنىڭ شەرقىييە ۋىلايىتىدە قۇراللىق ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 1 ساقچى ئۆلدى ۋە 2 ساقچى يارىلاندى. ساقچى دائىرلىدىن ئېرىشكەن ئۇچۇرغا قارىغاندا، شەرقىييە ۋىلايىتى بىلبىس رايۇنىدا نامەلۇم كىشىلەر چارلاش ۋەزىپىسى ئىجرا قىلىۋاتقان ساقچىلارغا قۇرالىق ھۇجۇم قىلىپ، ساقچىلاردىن ئەھمەد سەئىد مۇھەممەد ھاياتىدىن ئايرىلدى، ئابدۇلئەزىز ئەبۇ تالىب بىلەن ھۇسام مۇھەممەد يارىلاندى. ھۇجۇم قىلغۇچىلار ۋەقە مەيدانىغا موتوسىكلىت بىلەن كەلگەن بولۇپ ھۇجۇم قىلغاندىن كېينلا قېچىپ كەتكەن. مىسىردا ئارمىيە ھاكىمىيەتنى ئاغدۇرۇپ تاشلىغاندىن كېيىن بىر قانچە رايۇنلاردا پات-پات زوراۋانلىق ۋەقەلىرى يۈز بەرمەكتە.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved