كۇردلار ئىراق ۋەزىيىتىدىن پايدىلىنىپ مۇستەقىللىق ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرماقچى

سۈرەت مەزمۇن بىلەن مۇناسىۋەتسىز 

 

ئىراق ۋەزىيىتىدە تۇيۇقسىز ئۆزگىرىش بولۇشىغا ئەگىشىپ، ئىراقتىكى كۇردلار بۇ پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ ئۆزىنىڭ ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۈچۈن مۇستەقىللىق تەلەپ قىلىشغا باشلىدى.


«ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي قۇراللىق كۈچلىرىنىڭ بىر قانچە كۈندىن بۇيانقى ھۇجۇمى ئىراققا ئېغىر زەخمە يەتكۈزدى، ياۋروپا ئامېرىكا تاراتقۇلىرى ھەتتا ئىراق يولۇقۇۋاتقان بۆلۈنۈش ۋەزىيىتىدىن ئەندىشە قىلىشقا باشلىدى. ئۆلمەكنىڭ ئۈستىگە تەپمەك دېگەندەك، ئىراقتىكى كۇردلار ئۇرۇش مالىمانچىلىقىدىن پايدىلىنىپ مۇستەقىل بولۇش سىگنالىنى بەردى. كۇرد رەھبەرلىرى ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كۇردىستانلىقلارنىڭ ئۆزىنىڭ تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەشنى قارار قىلغانلىقىنى قايتا-قايتا تەكىتلىدى.


ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىدا يېقىندا مۇنداق دېيىلدى: ئىراقنىڭ شىمالىدىكى كۇرد ئاپتونوم رايونىنىڭ رەھبىرى، كۇرد دېموكراتلار پارتىيەسىنىڭ رەئىسى مەسئۇد بارزانىي ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ مەخسۇس زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا، كوردلار توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايوندا رەسمىي مۇستەقىللىق ئۈستىدە ئىزدىنىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئامېرىكا تاراتقۇلىرى مۇنداق دەپ ھېسابلىغان: بۇ ئۇنىڭ ئېلان قىلغان ئەڭ كۈچلۈك بولغان مۇستەقىللىق توغرىسىدىكى سۆزى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
بارزانىي، نۆۋەتتىكى ئىراق ۋەزىيىتى توغرىسىدا توختالغاندا مۇنداق دېدى: ئىراق پارچىلانماقتا. فېدېراتسىيە ۋە مەركىزىي ھۆكۈمەت كونترول قىلىش كۈچىنى يوقۇتۇپ قويدى، ئارمىيە ۋە ساقچى تارماقلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بارلىق ئىشلار پارچىلىنىش ھالىتىگە كىرىپ قالدى. بارزانىي مۇنداق دېدى: ئىراقتىكى قالايمىقانچىلىقنى بىز كەلتۈرۈپ چىقارمىدۇق، بىز ئېنىقسىز ئامىللارنىڭ قۇربانىغا ئايلىنىشنى خالىمايمىز. بۇ كۇردلارنىڭ ئۆز تەقدىرىنى ئۆزى بەلگىلەيدىغان ۋاقتى يېتىپ كەلگەنلىكىنى كۆرسىتىدۇ.


ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى مۇنداق دېدى: ئىراقتىكى كۇردلار گەرچە ئاپتونومىيەنى ئىشقا ئاشۇرغىنىغا 20 يىلدىن كۆپرەك ۋاقىت بولغان بولسىمۇ، بىراق مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسى يەنىلا كۈچلۈك، بۇنى ئىلگىرى ئاشكارا بىلدۈرمىگەن. يېقىنقى كۈنلەردىن بۇيان، سۈننى مەزھىپىدىكى ئەسەبىي ئۇنسۇرلار قوزغىغان ئۇرۇش ئوتى كۇرد ئاپتونومىيە رايونىنىڭ چېگرىسىگە يېقىنلىشىپ، مەلۇم دەرىجىدە كۇردلارنى پوزىتسىيە بىلدۈرۈشكە مەجبۇرلىدى. بارزانىي مۇنداق دېدى: ھازىر بىز بىر يىپ يېڭى ئىراقتا، بىز بىلمەيدىغان دۆلەتتە تۇرۇۋاتىمىز. بۇندىن ئون نەچچە كۈن ئىلگىرى، بۇ يەر تېخى بۇنداق ئەمەس ئىدى. يېقىندا ئىراقتا يۈز بەرگەن بىر قاتار ۋەقەلەر، كۇردلارنىڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، ئۆزىنىڭ كەلگۈسىنى بەلگىلىمەكچى بولغانلىقىنى تولۇق ئىسپاتلىدى.


رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى ئىراق كۇرد ئاپتونوم رايونىنىڭ مەركىزى ئېربىلدا، بارزانىي بىلەن كۆرۈشكەن، كېررىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مەقسىتى كۇرد رەھبەرلىرىنى ئىراقتا يېقىندا قۇرۇلىدىغان يېڭى ھۆكۈمەتتە مۇھىم رول ئويناشقا، ئالدىراپ ئىراقنىڭ سىياسىي مۇساپىسىدىن چېكىنىپ، مۇستەقىل بولۇش ئويىدا بولماسلىققا كۆندۈرۈشتىن ئىبارەت. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ بىر يۇقىرى دەرىجىلىك ئەمەلدارى مۇنداق دېدى: كېررىنىڭ بۇ قېتىمقى زىيارىتى ئىنتايىن مۇھىم بولۇپ، بىر تەرەپتىن كۇرد رەھبەرلىرى بىلەن پىكىر ئالماشتۇرسا، يەنە بىر تەرەپتىن ئۇلارنى ئىراق ھۆكۈمىتىنى تەشكىللەش جەريانىدا پائال رول ئويناپ، ئەرەبلەرنىڭ مەنپەئەتىگە ۋەكىللىك قىلىدىغان ھەمدە كۇردلارنىڭ مەنپەئەتىگىمۇ ۋەكىللىك قىلىدىغان زۇڭتۇڭنى سايلاپ چىقىشنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشدىن ئىبارەت. بۇ ئەمەلدار يەنە مۇنداق دېدى: ئەگەر كۇردلار ئىراقنىڭ سىياسىي مۇساپىسىدىن چېكىنىپ چىقىدىغان بولسا، ناھايىتى كۆپ پاسسىپ تەسىر پەيدا قىلىدۇ. ئامېرىكا دۆلەت ئىشلىرى مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى مۇنداق دېدى: كېررىنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرىنىڭ مەقسىتى بارزانىينى مەملىكەت ئىچىنىڭ بىرلىكىنى قوللاشقا كۆندۈرۈپ، ئىراقنى پارچىلىنىشدىن ساقلاشدىن ئىبارەت.


ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورى مۇنداق دېدى: بارزانىي ئامېرىكىنى كۇردلارنىڭ ھەقىقى دوستى دەپ قارايدۇ. ئامېرىكا كۇردلارنى يېقىن ئىتتىپاقدىشى دەپ قارىسىمۇ، ئەمما ئۇلارنىڭ مۇستەقىل بولۇشىغا قارشى تۇرۇپ كەلدى. بارزانىي ئىراق ھۆكۈمىتىدىكى مەزھەپلەر مۇناسىۋىتى ئۈستىدە توختالغاندا مۇنداق دېدى: ناۋادا سۈننى مەزھىپىدىكىلەر بىلەن شىئە مەزھىپىدىكىلەر بىر بىرنى چۈشىنىپ، كاپالەتكە ئىگە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتالىسا، ئۇنداقدا ئىككى تەرەپتە تىنچ يارىشىش ئېھتىماللىقى پەيدا بولىدۇ. ئەمما بارزانىي «نۆۋەتتىكى ۋەزىيەت ئىنتايىن مۇرەككەپ، بۇنداق ۋەزىيەتنى كەلتۈرۈپ چىقارغان كىشى چوقۇم تەختتىن چۈشۈشى كېرەك» دەپ ئالدىنقى شەرت قويدى. بارزانىي ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىنىڭ مۇخبىرنىڭ «جەزمەن تەختتىن چۈشۈشكە تېگىشلىك كىشى مالىكمۇ ئەمەسمۇ؟» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە ئوچۇق قىلىپ مۇنداق دېدى: ئەلۋەتتە شۇ. ئۇ ھوقۇقىنى قالايمىقان ئىشلىتىپ، دۆلەتكە ئەمەس پەقەت ئۆزىگىلا ئىشلەيدىغان ئارمىيەگە رەھبەرلىك قىلدى، بۇنداق قىلىشنىڭ نەتىجىسىنى ھەممەيلەن كۆردى.


ئامېرىكا سىملىق تېلېۋىزىيە ئاخبارات تورىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە: ئىراق نۆۋەتتە خەتەرلىك پەيتكە بېرىپ يەتكەن، كۇردلارنىڭ ھەربىي ئىشلار قۇراللىق كۈچلىرى بولغان ئەركىنلىك جەڭچىلىرى « ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي قۇراللىق تەشكىلاتى بىلەن بولغان ئۇرۇشتا ئىپادىلىگەن باتۇرلۇقى، ئۇرۇش قىلىش ئىقتىدارى، ھۆكۈمەت ئارمىيەسىنىڭكىدىن تۆۋەن بولمىغان، يېقىندا ئىلىپ بېرىلغان ئۇرۇشتا، كۇرد قۇراللىق كۈچلىرى ئىراقنىڭ ئاساسلىق نېفىت شەھىرى جىركوكنى كونترول قىلىش ھوقۇقىغا ئېرىشىپ، مۇستەقىل بولۇش ئارزۇسىنى يەنىمۇ كۈچەيتكەن.


بارزانىي مۇخبىرنىڭ «مالىك كۇردلاردىن ياردەم تەلەپ قىلامدۇ يوق» دېگەن سوئالىغا جاۋاب بەرگەندە، «ئۇ بىزدىن ياردەم بېرىش جەھەتتە تەلەپ قىلمىدى. ئۇ ھەتتا بىزنىڭ تەشەببۇسكارلىق بىلەن بەرگەن بىر تۈرلۈك ياردىمىمىزنى رەت قىلدى» دېگەن. ئۇ مۇنداق دېگەن: بۇندىن بىر قانچە ئاي ئىلگىرى، كۇرد تەرەپ ئەسەبىي تەشكىلاتنىڭ تەھدىت يەتكۈزىدىغانلىقىنى ھېس قىلىپ، مالىكقا ئاگاھلاندۇرۇش بەرگەن ئىدۇق، بىراق ئۇ بىزنىڭ ئاگاھلاندۇرۇشىمىزغا پىسەنت قىلمىدى. بارزانىي مۇنداق دېدى: ئەسەبىي ئۇنسۇرلار بىر دۆلەتنى ئاستىن-ئۈستىن قىلىۋېتەلەيدۇ، ئۇلار بۇنىڭدا ئۆزلىرىنىڭ تولۇق بايلىقى ۋە قاتتىق تەشكىلىگە تايانغاندىن سىرت، يەنە ئۆزلىرىنىڭ مالىك ھۆكۈمىتىگە بولغان كۈچلۈك نارازىلىقىدىن پايدىلاندى.


ئەنگلىيەدە چىقىدىغان كۈندىلىك پوچتا گېزىتىنىڭ يېقىندا خەۋەر قىلىشىچە: «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى» ئەسەبىي قوراللىق تەشكىلاتى ئىفراد دەرياسى بويى رايونىنى ئىگىلىگەن بولۇپ، ئىراقنىڭ چوڭ تىپتىكى سۇ ئېلېكتر ئىستانسىسى قۇرۇلۇشى بولغان خەدىس تۇغىنىغا يېقىنلاشقان. ھۆكۈمەتكە قارشى قۇراللىق كۈچلەر ئەگەر بۇ تۇغاننى ئىگىلەيدىغان بولسا، ئۇنىڭ تۆۋەن ئېقىمىدىكى باغداد ۋە ئۇنىڭ ئەتراپىدىكى رايونلارنىڭ توكى ئومۇميۈزلۈك ئۈزۈلىدۇ ۋە كەلكۈننىڭ تەھدىتىگە ئۇچرايدۇ. ئىراقتىكى ئۇقۇمۇشلۇق ئەربابلار يەر شارى گېزىتى مۇخبىرىغا تۇغان سۈيىنىڭ باغدادنى بېسىپ كېتىشى توغرىسىدىكى خەۋىرىنىڭ ھۆكۈمەت تەرەپتىن تېخى ئىسپاتلانمىغانلىقىنى، بىراق تۇغاننىڭ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، ئىراق ھۆكۈمىتىنىڭ ئىككى مىڭدىن كۆپرەك ئەسكەرنى ياردەم بېرىش ئۈچۈن تۇغان رايونىغا ئەۋەتكەنلىكىنى ئېيتتى.



خەتكۈچلەر:
30-06-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
11-06-2016
جۇڭگو خەۋەر تورىنىڭ 6-ئاينىڭ 10-كۈنىدىكى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى،     ئامېرىكىنىڭ قاتاردا تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى دانا سىچېل (Dana Schell) شۇ جاي ۋاقتى 9-چىسلا ئامېرىكا ئەسكىرىنىڭ قاتارنى ھاقارەتلەش قى...
11-06-2016
جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى 10-ئىيۇن بېيجىڭ خەۋىرى:    ئارگېنتىنا دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى 9-ئىيۇن ئاخبارات ئېلان قىلىپ، مالۋىناس تاقىم ئاراللىرىغا بولغان ئىگىلىك ھوقۇقىنى قايتا تەكىتلىدى ھەمدە ئەنگلىيەنىڭ بۇ ئارالنىڭ تەۋە...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، ئامېرىكا تېكساس شىتاتى، ئامېرىكا ساقچىلىرى داللاستىكى love field ئايرودرومىدا قولىدا تاش كۆتۈرۈۋالغان ئەرگە كەينى-كەينىدىن توققۇز پاي ئوق ئېتىپ يەرگە يېقىتىپ، نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ...
11-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 6-ئاينىڭ 10-كۈنى، پاكىستان ھەيدەرئاباد، شۇ كۈنى پاكىستاننىڭ نۇرغۇن جايلىرىدا ئامېرىكىغا قارشى كۈچ كۆرسىتىش نامايىشى پارتلىغان بولۇپ، پاكىستان پۇقرالىرى ئامېرىكا دۆلەت بايرىقىنى كۆيدۈرۈپ، ئامېرىكىنىڭ پاكىستاندا ...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     شۇ جاي ۋاقتى 6- ئاينىڭ 10- كۈنى پاكىستاننىڭ سېند ئۆلكىسىنىڭ كاراچى شەھىرىدىكى بىر مەسچىتنىڭ چوڭ سايۋىنى ئۆرۈلۈپ چۈشۈپ، بەش ئادەمنىڭ قازا قىلىشى ۋە ...
11-06-2016
پايدىلىنىش ئۇچۇرلىرى تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ئامېرىكا تاراتقۇلىرىنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ يىللاردا مېكسىكا ئارقىلىق ئامېرىكىنىڭ كالىفورنىيە شىتاتىغا كىرىدىغان جۇڭگولۇق قانۇنسىز كۆچمەنلەر شىد...
11-06-2016
شىنخۇا تورى 11- ئىيۇن خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     رۇسىيە دىپلوماتىيە مىنىستىرى زاخاروۋا شۇ جاي ۋاقتى 10- ئىيۇن مۇنداق دېگەن: رۇسىيە ئۈچىنچى بىر تەرەپنىڭ جەنۇبىي دېڭىز مەسىلىسىگە قول تىقىشىنىڭ ۋەزىي...
10-06-2016
    شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 6-ئاينىڭ 9-كۈنى، كامبودژا فنوم پېن، شۇ جايدىكى كەنت ئاھالىلىرى يۈزىگە چىرايلىق ھەم قېنىق پەرداز قىلىپ، جىن-شاياتۇنلارنى قوغلاش مۇراسىمىغا قاتناشتى ھەم ئاغرىق-سىلاقتىن يىراق تۇرۇشىنى شۇنداقلا مول-ھوسۇل...
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
Powered by Leglek