مالايسىيا خەلقئارالىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچماقچى

مالايسىيا ھۆكۈمىتى بۈگۈن ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنى ئاچتى، ھەمدە : ‹18-چىسىلادىن باشلاپلا كۆپ دۆلەت بىرلىكتە ھەمكارلىشىپ ئىزدەش خىزمىتىنى يەنىمۇ كېڭەيتكەن ئىدى، ھازىر ھەرقايسى دۆلەت كۈچلىرىدىن تەشكىللەنگەن بۇ ئىزدەش پائالىتى يەنە داۋاملىشىۋاتىدۇ، ئۇلار ئوڭۇشلۇق ھالدا ئىزدەش دائىرسىنى كېڭەيتتى ›دېدى. بۇنىڭدىن سىرىت مالايسىيا ئەنگىلىيە تەمىنلىگەن تەكشۈرۈش دوكىلاتىنى ئاشكارلىدى.

جۇڭشىن تورىنىڭ 3-اينىڭ 21-كۈنىدىكى خەۋىرىدىن قارىغاندا، سىنگاپور ‹بىرلەشمە سەھەر گېزىتى› 30-چىسىلادا يازغان ماقالىسىدە، مالايسىيا قاتناش مىنىستىرلىكىنىڭ ۋەكىلى سۆز قىلىپ، مالايسىيا ھۆكۈمىتى پات ئارىدا، يوقاپ كەتكەن يۇلۇچىلار ئايروپىلانى توغرىسىدا خەلقئارالىق ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئاچىدۇ ۋە ياكى خان جەمەتى دائىمىي كومىتىت يىغىنى ئاچىدۇ دېگەنلىكىنى يازغان.

مالايسىيا ھۆكۈمىتى ئالدىراڭغۇلۇق بىلەن چىقارغان يەكۈنى سەۋەبلىك ئۇچۇق ئاشكارە كەچۈرۈم سورايدىكەن. مالايسىيا خان جەمەتى ھاۋا ئارمىيسى ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، قاتناش مىنىستىرلىكىمۇ، خەلىقئارادىكى تەسىر كۈچكە ئىگە ئاخبارات تەكشۈرۈش گۇرۇپىللىرىنى تەكلىپ قىلىپ ئەكىلىدىكەن، پەقەت مۇشۇ ئىسپات ئاڭلاش يىغىنىدىن كېيىن، بىر ئېنىق يەكۈن چىقىرىلسا، مالايسىيانىڭ كەچۈرۈم سورايدىغان ياكى سورىمايدىغانلىقى ئېنىق بۇلىدىكەن.

مالايسىيانىڭ يوقاپ كەتكەنMH370 يۇلۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلانىغا چىققان يۇلۇچىلارنىڭ ئائىلە تاۋاباتى، يېقىندا يەتتە تۈرلۈك تەلىپىنى ئوتتۇرىغا قويغان بۇلۇپ، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىرسى دەل مالايسىيا ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇچۇق-ئاشكارا كەچۈرۈم سورىشىنى تەلەپ قىلغان، بۇ توغرىسىدا مالايسىيا قاتناش مىنىستىرلىكىنىڭ مەسئۇلى تەكىتلەپ، مالايسىيا ھۆكۈمىتى ھەرگىزمۇ مەغرۇرلىنىپ، ئەسلىنى ئۇنتۇيدىغان دۆلەت ئەمەس، ئەگەر تەكشۈرۈش نەتىجىسى، بىزنىڭ يەكۈنىمىزنىڭ خاتالىقىنى ئىسپاتلىسىا، مالايسىيا شۇ ۋاقىتتا چۇقۇم كەچۈرۈم سورايدۇ، بەزى ئائىلە تاۋاباتلىرى نۇرغۇن تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى، بىراق بۇ بىر نەچچىسى پۈتۈن ئائىلە تاۋاباتلىرىغا ۋەكىللىك قىلالمايدۇ دېدى.

دېگەندەك، تۈنۈگۈن قاتناش مىنىستىرلىكىنىڭ مىنىستىرى ئائىلە تاۋاباتلىر تۇرغان مېھمانخانىغا بېرىپ، ھال سورىغاندا ئۇلار ناھايتى تەمكىن ۋە سوغۇققان بولغان، ھەرگىزمۇ قالايمىقان تەلەپلەرنى ئوتتۇرىغا قويمىغان.

مالايسىيا قاتناش مىنىستىرلىكىنىڭ مەسئۇلى يەنە، پەقەت يوقاپ كەتكەن يۇلۇچىلار ئايروپىلانىنىڭ قالدۇقى ياكى قارا قۇتىسى تېپىلسىلا، مالايسىيا ھۆكۈمىتى شۇ ھامان ئىسپات ئاڭلاش يىغىنى ئېچىپ، ھەممە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى ھازىرلايدىغانلىقىنى، ۋە كەچۈرۈم سورايدىغانلىقىنى، بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى چۇقۇم ئاۋال ئايروپىلانغا مۇناسىۋەتلىك قالدۇق پارچىنىڭ تېپىلىشى ئىكەنلىكىنى ئېيتتى.

 تەھرىر: ئوسمان

لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قوشىۋېلىڭ——ئىزدەش نامى LEGLEK



خەتكۈچلەر:
01-04-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورىنىڭ 15- مايدىكى تېلېگراممىسى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا بىلەن شىمالىي ياۋروپادىكى بەش دۆلەتنىڭ رەھبىرى رۇسىيەنىڭ بالتىق دېڭىزىدىكى ھەربىي ئىشلار كېڭەيمىچىلىكىگە دىققەت...
16-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى: يەمەن بىخەتەرلىك قىسىملىرىنىڭ ئاشكارىلىشىچە، يەمەننىڭ جەنۇبىدىكى خۇدارمۇت ئۆلكىسىدىكى بىر ساقچى ئىدارىسىنىڭ يېقىن ئەتراپىدا 15- ماي ئۆزىنى قوشۇپ پارتلىتىش ھۇجۇمى يۈز بەرگەن. ھۇجۇمدا كەم دېگەندىمۇ 30 ئادەم قازا قىلغان....
16-05-2016
نۇر تورى تەرجىمىسى:    5- ئاينىڭ 11- كۈنى، ئىراقتىكى شىئە مەزھىپىدىكىلەرنىڭ مۇقەددەس شەھىرى بولغان نەجەفتە، باغدادتىكى ئاپتوموبىل بومبا بىلەن ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسىدا قازا قىلغانلارنىڭ ئۇرۇق–تۇغقانلىرى دەپنە مۇراسىمىدا قاتتىق...
15-05-2016
ئەنگىلىيە «مۇھاپىزەتچى» گېزىتىنىڭ 5-ئاينىڭ 14-كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، موسكۋانىڭ غەربىي جەنۇبىدىكى بىر قەبرىستانلىقتا 5-ئاينىڭ 14-كۈنى چوڭ كۆلەملىك توپلىشىپ ئۇرۇشۇش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، نەق مەيداندا ئوق ئاۋازى چىققان، ۋەقەدە ئاز ...
15-05-2016
ۋاڭيى تەنتەربىيەسى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:   2016-يىلى بېجىڭ ۋاقتى 15-مايدا NBA مۇسابىقىسى يوق، لېكىن قەھرىمانلار كوماندىسى بىلەن چاقماق كوماندىسى غەربىي رايون ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى ئۈچۈن جىددىي تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ . ...
15-05-2016
گېرمانىيە فېدېراتسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، 2020-يىلىغا بارغاندا گېرمانىيە فېدېراتسىيەسى مۇساپىرلار مەسىلىسى چىقىمى ئۈچۈن 93 مىليارد ياۋرو تەييارلايدىكەن. گېرمانىيە ھەپتىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،...
15-05-2016
   خەلقئارا لىنىيە تورى تورى 15-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: قىرغىزىستان زۇڭتۇڭى ئاتامبايېۋ 5-ئاينىڭ 14-كۈنى دېيىشىچە، دۆلەت مۇقىملىقىغا بۇزغۇنچىلىق قىلىدىغان ھەرقانداق غەرەز قاتتىق جازالاشقا ئۇچرايدىكەن.   ...
15-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى، ئافغانىستان ھېلماد، شۇ كۈنى شۇ جايدىكى ساقچىلار مەشىق مەركىزى ئەتراپىدا ئۆلۈۋىلىش خاراكتېرلىك پارتلىتىپ ھۇجۇم قىلىش ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ۋەقەدە ئۈچ ساقچى قازا قىلغان، ئۇنىڭدىن &nb...
15-05-2016
يەر شارى تورىنىڭ 15-مايدىكى خەۋىرى: باغداش تورىدىن لوقمان تەرجىمىسى شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 13-كۈنى، ئامېرىكا ۋاشىنگتون، ئامېرىكا پرېزىدېنتى ئوباما بىلەن مىچېل ئاقسارايدا شىمالىي ياۋروپادىكى بەش دۆلەت رەھبەرلىرىنى كۈتۈۋالدى.
15-05-2016
جۇڭگو ئاخبارات تورى 15-ماي خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى: چەتئەل مېدىيەلىرىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، سۇرىيە ئاسسۇرىيە خەلق ئەسكەرلىرىنىڭ دېيىشىچە، شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 14-كۈنى سۇرىيەنىڭ شەرقىي شىمالىدىكى قامىشلى شەھىرىدە تېررورلۇق ...
Powered by Leglek