سانائەت ۋە ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىكى بۈگۈن"5G خەۋەرلىشىش تېخنىكسىىنى تەتقىق قىلىش، سىناش تۈرى" نى قوزغىتىش يىغىنى چاقىردى. جۇڭگو ئۇچۇر ۋە خەۋەرلىشىش تەتقىقات ئورنىنىڭ باشلىقى، IMT-2020 5G تۈرىنى ئىلگىرى سۈرۈش گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ساۋ شۇمىننىڭ تونۇشتۇرۇشىچە، ئېلېمىزنىڭ 5G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش ۋە سىناش خىزمىتى 2016-يىلىدىن 2018 -يىلغىچە بولغان ئارىلىقتا ئېلىپ بېرىلىدىكەن، بۇ جەريان ئايرىم ھالدا 5G خەۋەرلىشىشىنىڭ يادرولۇق تېخنىكىسىنى سىناق قىلىش، 5G تېخنىكىسى لاھىيىسىنى تەكشۈرۈپ بېكىتىش ۋە 5G خەۋەرلىشىش سىستېمىسىنى تەكشۈرۈپ دەلىللەش قاتارلىق ئۈچ باسقۇچ بويىچە ئېلىپ بېرىلىدىكەن.
ساۋ شۇمىننىڭ كۆرسىتىشىچە، 5G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسى خەلئقارالىق ئۆلچەم بېكىتىش باسقۇچىغا كىرگەن. نۆۋەتتە ئېلىمىز 5G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش سىناق قىلىش تۈرىنى رەسمىي قوزغاتقان بولۇپ، دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى شىركەتلەرنى بۇ تۈرگە ئورتاق قاتنىشىشقا تەكلىپ قىلىدىكەن، شۇ ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ 2020-يىلىغا بارغاندا 5G خەۋەرلىشىش تورىنى سودا خارەكتىرىدە ئىشلىتىشكە پۇختا ئاساس سالىدىكەن.
شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە دۇنيادىكى ئاساسلىق دۆلەت ۋە رايونلارمۇ بەس-بەستە 5G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش پىلانى ۋە ۋاقىت جەدۋىلىنى تۈزۈپ چىققان. تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئېلىمىزنىڭ 5G خەۋەرلىشىش تېخنىكىسىنى تەتقىق قىلىش تۈرى ھۆكۆمەتنىڭ رەھبەرلىكىدە دۆلەتنىڭ مۇھىم پەن-تېخنىكا تۈرى قاتارىدا ئېلىپ بېرىلىدىكەن، IMT-2020 5G تۈرىنى ئىلگىرى سۈرۈش گۇرۇپپىسى كونكىرت خىزمەتلەرگە مەسئۇل بولىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved