بىنغازى شەھىرىدە راكىتا ھۇجۇمى يۈز بېرىپ 8 كىشى ئۆلدى

جاھان ئاگېنتلىقى 14-ماي خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: لىۋىيەدە ئىككى ھۆكۈمەت، ئىككى پارلامېت ۋە ئىككى ئارمىيە شەكىللەنگەن بولۇپ، لىۋىيەنىڭ بىنغازى شەھىرىدىكى بىر ئولتۇراق رايۇنى راكىتا ھۇجۇمىغا ئۇچراپ 8 كىشى ئۆلدى، ئۆلگەنلەردىن 7 سى كىچىك بالا ئىكەن. بۇ ھۇجۇمنى ھازىرغا قەدەر ھېچقانداق تەرەپ ئۈستىگە ئالمىدى. لىۋىيەنىڭ ئەڭ چوڭ شەھىرى بولغان بىنغازى بىر يىلدىن بۇيان توبرۇك ھۆكۈمىتى ۋە گېنىرال ھافتەرنىڭ قۇراللىق قىسىملىرى بىلەن مىللى قۇرۇلتايغا قاراشلىق قۇراللىق قىسىملارنىڭ ئارىسىدىكى توقۇنۇش سەھنىسىگە ئايلاندى. ئاپرېل ئېيىدا «ئەنسار شەرىئە» ۋە «ئىنقىلابىي ئەترەت» قۇراللىقلىرى بىلەن توبرۇك رايۇنلۇق ۋەكىللەر مەجلىسى ھۆكۈمىتى ئارمىيسىى ئارىىسدا قاتتىق توقۇنۇش يۈز بېرىپ، توقۇنۇشتا 16 ئەسكەر ئۆلگەن ۋە 50 ئەسكەر يارىلانغان.
لىۋىيەدە 2011-يىلى پرېزىدېنت مۇئەممەر قەززافى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن سىياسىي جەھەتتە قالايمىقانچلىق يۈز بېرىپ،25-ئىيۇندىكى سايلامدىن كېيىن لىۋىيە سىياسىي سەھنىسىدە زور ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى، نەتىجىدە لىۋىيەدە ئىككى ئارمىيە، ئىككى پارلامېنت ۋە ئىككى ھۆكۈمەت شەكىللەندى.
قەززافى ئاغدۇرۇلغاندىن كېيىن لىۋىيە ئارمىيسىدە تەشكىللىك ھەربىي تۈزۈم يۇقالدى ۋە سىياسىي ساھەدە تۈرلۈك سىياسىي تارماقلارغا ئىگە بولغان بىر بىرىدىن مۇستەقىل قۇراللىق تەشكىلاتلار ھۆكۈمران بولۇشقا باشلىدى.
پىنسىيگە چىققان گېنىرال خەلىفە ھافتەرنىڭ زىنتان رايۇنىغا مەركەزلەشكەن قۇراللىق قىسىملىرى ھەربىي ئۆزگىرىش قىلىشقا ئۇرۇنغان بولسىمۇ، بۇ ئۇرۇنۇش ترابلۇس ۋە مىسراتادىكى قۇراللىق گۇرۇپپىلار تەرىپىدىن چەكلىمىگە ئۇچرىغان ئىدى. بۇ ۋەقەلەردىن كېيىن لىۋىيەدە ئىككى پارلامېنت ئۆز ئالدىغا پائالىيەت ئېلىپ بېرىشقا باشلىدى، مىللى قۇرۇلتاينىڭ قوللىشىدىكى «لىۋىيە شەپىقى» قۇراللىق بىرلەشمە قىسىملىرى بىلەن توبرۇك ۋەكىللەر مەجلىسىنىڭ قوللىشىدىكى گېنىرال ھافتەرنىڭ «غۇرۇر ھەرىكىتى» قۇراللىق قىسىملىرى ئارىسىدا توقۇنۇش داۋاملىشىۋاتىدۇ.



15-05-2015
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
14-05-2016
ئامېرىكا «ۋاشىنگتون پوچتا گېزىتى» نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىران 12-ماي بايانات ئېلان قىلىپ، بىر يىلدا بىر قېتىم بولىدىغان مەككىدىكى ھەج قىلىشقا قاتنىشىشنى ۋاقتىنچە توختاتقانلىقىنى جاكارلىغان. خەۋەردە دېيىلى...
14-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 13- ماي رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇنۇلارنى بىلدۈرگەن: ئامېرىكا شەرقىي ياۋروپاغا باشقۇرۇلىدىغان بومبىغا قارشى تۇرۇش سىستېمىسى ئورناتتى، رۇسىيە ئامېرىكا بىلەن ھەربىي ھازىرلىقلا مۇسابىقىسىگە چۈشمەيدۇ، ئەمما ئۆزىنىڭ قورال-ياراغنى ئۆ...
14-05-2016
ب د ت دۇنيا ئاشلىق پىلان مەھكىمىسى 12-ماي ئېلان قىلغان ئەڭ يېڭى دوكلاتتا دېيىلىشىچە، ئېغىر قۇرغاقچىلىق ئالدىنقى يىلى ئافرىقىنىڭ جەنۇبىدا ئاشلىق كېيىمىپ كېتىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىپ، بۇ رايوندا تەخمىنەن 32 مىليون كىشى ئاشلىق بىخەتەرلىك تەھدىت...
14-05-2016
چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى ئاشلىق پىلان مەھكىمىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئېلىئونېز ھادىسى ئافرىقا قىتئەسىنىڭ جەنۇبىي قىسىمىدىكى قورغاقچلىق ئاپىتىنى تېخىمۇ ئېغىرلاشتۇرۇپ، ئېغىر دەرىجىدىكى ئاشلىق كەمچىللىك ...
14-05-2016
   5-ئاينىڭ 12-كۈنى، خەلقئارا چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش باشلىقلار يىغىنى لوندوندا ئۆتكۈزۈلدى، جۇڭگو مەمۇرىي تەپتىش مىنىستىرلىقىنىڭ مىنىستىرى خۇاڭ شۇشيەن (سولدا) يىغىنغا قاتناشتى. ئەنگلىيە باش ۋەزىرى كامېرون يىغ...
14-05-2016
       ھىندىستان ۋاقىت گېزىتىنىڭ 5- ئاينىڭ 13- كۈنىدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، پاكىستان زۇڭلىسىنىڭ بىخەتەرلىك ۋە تاشقى ئىشلار مەسلىھەتچىسى ئاچىز مۇنداق دېگەن: ئۈچ ئايدىن بۇيان پاكىستان-ئامېرىكا ئوتتۇرسىدا كۆپ قېتىم ئاراز...
13-05-2016
         ئەنگلىيە «مۇستەقىللىق گېزىتى»نىڭ 5-ئاينىڭ 12-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، ئىراننىڭ رايونلۇق پارلامېنت ئەزاسى سايلىمىدا غەلىبە قىلغان ئايال سىياسىي ئەربابىنىڭ ئاممىۋى سورۇندا ياغلىق...
13-05-2016
         دېزۇلتى چوڭ سايلامدا غەلبە قىلىپ فىلىپپىن زۇڭتۇڭى بولغاندىن كېيىن، دۋاۋ شەھىرىدىكى يەرلىك سايلام نەتىجىسىمۇ 11- ماي رەسمىي ئېلان قىلىندى، بۇ سايلامدا دېزۇلتىنىڭ قىزى ۋە ئوغلى ئايرىم-ئايرىم...
13-05-2016
        شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 12-ماي ، ئۇكرائىنانىڭ كيېۋ، ئۇكرائىنا پارلامېنتى باش تەپتىشنى سايلاۋاتقاندا، ئۇكرائىنا رادىكاللار پارتىيەسىنىڭ پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن پوروشېنكو ئىتتىپاقى پارلامېنت ئەزال...
13-05-2016
       11- ماي برازىلىيە ئالىي پالاتاسى ئالاھىدە قىزىپ كەتتى، جەمئىي 81 پالاتا ئەزاسى ئىچىدىكى 78 پالاتا ئەزاسى زۇڭتۇڭ روسىفنى ئەيىبلەش توغرىسىدىكى بېلەت تاشلاش پائالىيىتىگە قاتناشتى. نەتىجىدە 55 ئاۋازنىڭ قوللىشى، 22 ...
Powered by Leglek