يېقىندا ئارقىمۇ ئارقىدىن يۈز بەرگەن ‹‹ئايروپىلاندا جېدەل چىقىرىش›› ۋەقەسى ئېلىمىزدە قىزغىن مۇنازىرە قوزغىدى. ئامېرىكىدا نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكىپ قېلىش ياكى ئۇچۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرىدىغان ئەھۋاللار كۆپ كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. نىسپىي مۇكەممەل ۋە مۇۋاپىق بولغان قانۇن – نىزام مېخانىزمىدا، كۆپ ساندىكى ئامېرىكىلىقلار ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىققاندا دۇچ كەلگەن مەسىلىلەرگە ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئامېرىكا زېمىنى كەڭ، دۇنيا بويىچە سودا ئاۋىياتسىيەسى ئەڭ تەرەققىي قىلغان دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئىنتايىن زور سودا ئاۋىياتسىيە تورىغا ئىگە.
دۆلەت ئىچىدىكى ھاۋا لىنىيەسىدىلا كۈندە 10 مىڭدىن ئارتۇق نۆۋەتچى ئايروپىلان قاتنايدۇ. ئامېرىكا ئاۋىياتسىيەسى 100 يىلدىن ئارتۇق تەرەققىيات ئارقىلىق تىجارەت، باشقۇرۇش، قانۇن – نىزام مېخانىزمى قاتارلىق جەھەتلەردە خېلىلا پىشىپ يېتىلگەن. بىراق، بۇنىڭلىق بىلەن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ دەل ۋاقتىدا ئۇچۇش – قونۇشىغا تولۇق كاپالەتلىك قىلغىلى بولمايدۇ. ئەكسىچە، ئامېرىكىدا نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكىپ قېلىش ياكى ئۇچۇشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش ئەھۋاللىرى خېلى كۆپ كۆرۈلىدۇ. ئامېرىكا ئېلان قىلغان ئاۋىياتسىيەگە دائىر سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل 1 – ئايدا بىر ھەپتە ئىچىدىلا، ئامېرىكا بويىچە نۆۋەتچى ئايروپىلان 51 مىڭ 853 قېتىم كېچىككەن، نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى 5672 قېتىم ئەمەلدىن قالدۇرۇلغان.
مەسىلە چىقسا قانداق قىلىش كېرەك؟ بىز ئالدى بىلەن ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ مۇناسىۋەتلىك قانۇن – نىزاملىرى ۋە ئادەتتىكى ئۇسۇللىرىنى چۈشىنىپ باقايلى. ئامېرىكىدا ھاۋا رايى، قاتناشنى ئىدارە قىلىش ياكى مېخانىكىلىق مەسىلىلەر سەۋەبىدىن نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكىپ قالسا ياكى ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلسا باشقۇرۇش تارماقلىرى ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ يولۇچىلارغا قانداق تۆلەم بېرىشى توغرىسىدا قاتتىق بەلگىلىمە چىقارغىنى يوق. بىراق ئەگەر نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشى بىكار قىلىنسا، كۆپ ساندىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى يولۇچىلارغا كېيىنكى نۆۋەتتە ئەڭ بۇرۇن ئۇچىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ بېلىتىنى ھەقسىز زاكاز قىلىپ بېرىدۇ.
ئامېرىكىنىڭ كۆپ ساندىكى ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ كېچىكىپ قېلىشى توغرىسىدا بېكىتكەن پىرىنسىپى ئاساسەن بىردەك بولىدۇ، يەنى، ئامال قىلىپ يولۇچىلارنىڭ ئاساسىي تەلىپىنى قاندۇرىدۇ. ئەگەر بىخەتەرلىك مەسىلىسى ياكى ئاۋىياتسىيە باشقۇرۇش مەركىزىنىڭ بۇيرۇقىدىن باشقا سەۋەبتىن ئايروپىلاننىڭ توختىتىش مەيدانىدا توختىغان ۋاقتى ئۈچ سائەتكە يەتكەن بولسا ياكى ئۇنىڭدىن ئېشىپ كەتسە، قوشما ئىشتات قانۇنىدىكى بەلگىلىمىگە ئاساسەن، دۆلەت ئىچىدە قاتنايدىغان ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلاندىن چۈشۈشىگە چوقۇم رۇخسەت قىلىشى كېرەك.
ئەگەر ئاۋىياتسىيە شىركەتلىرى يۇقىرىقى تەلەپ ۋە بەلگىلىمىلەرگە خىلاپلىق قىلسا، يولۇچىلار تىرانسىپورت مىنىستىرلىقىغا ئەرز قىلىشقا ھوقۇقلۇق. بەلگىلىمىگە خىلاپلىق قىلغان ئاۋىياتسىيە شىركىتىگە ئېغىر جەرىمانە قويۇلىدۇ.
يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلاندا جېدەل قىلىشى ئامېرىكىدا كۆپ كۆرۈلىدۇ. بۇنداق ۋەقەلەر يۈز بەرگەندە كۆپ ھاللاردا جېدەل چىقارغۇچى قولغا ئېلىنىدۇ. ئادەتتىكى يولۇچىلار نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكىپ قالسا ياكى ئۇچۇشى ئەمەلدىن قالدۇرۇلغاندا ئادەتتە ئۇنىڭغا ئاقىلانىلىك بىلەن مۇئامىلە قىلىدۇ.
ئىككى يىل ئىلگىرى بىر خىزمەتدىشىم مۇنداق بىر ئىشقا ئۇچرىغان. ئەينى چاغدا، ئۇ ۋاشىنگتوندىن ئامېرىكا قوشما ئىشتات ئاۋىياتسىيە شىركىتىنىڭ نۆۋەتچى ئايروپىلانىدا ئولتۇرۇپ، ئامېرىكىنىڭ غەربىي رايونىغا بارماقچى بولۇپ خيۇستوندا باشقا ئايروپىلانغا ئالماشماقچى بولغان. لېكىن ھاۋا رايى سەۋەبلىك، خيۇستونغا بارىدىغان نۆۋەتچى ئايروپىلان كېچىكىپ قالغان. ئۇ خيۇستونغا يېتىپ بارغاندا، ئالماشماقچى بولغان نۆۋەتچى ئايروپىلان پىلان بويىچە ئۇچۇپ بولغان.
بۇ چاغدا كەچ بولۇپ قالغاچقا، ئاۋىياتسىيە شىركىتى يولۇچىلارنى ئەتىسى ئەتىگەندە كېيىنكى نۆۋەتچى ئايروپىلانغا ئورۇنلاشتۇرىدىغانلىقىنى ھەم شۇ كېچىلىك ياتاق ۋە قاتناشنى ئورۇنلاشتۇرۇپ بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇرغاندىن باشقا ھېچقانداق تۆلەم بەرمىگەن. يولۇچىلار بۇنىڭدىن ئاغرىنمىغان ۋە دەۋا قىلمىغان، ھېچكىم جېدەل چىقارمىغان، كۆپچىلىك تىنچ ھالدا مېھمانخانىغا كىرىپ كەتكەن.
خىزمەتدىشىم سەپەرداش بولغان بىر ئايالدىن: نېمە ئۈچۈن ئۇلار بىلەن دەۋالىشىدىغان ئادەم چىقمايدۇ؟ دەپ سورىغاندا، ئۇ ئايال: ئاممىۋى سورۇندا جېدەللەشكەنلەر تەربىيە كۆرمىگەن، دەپ قارىلىدۇ. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئايروپىلان ھاۋا رايى سەۋەبلىك كېچىككەن تۇرسا، بۇ كۆپچىلىكنىڭ بىخەتەرلىكى ئۈچۈن، جاھاندا بىخەتەرلىكتىنمۇ مۇھىم ئىش بارمۇ؟ دەپ جاۋاب بەرگەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved