دېرىزە تۈۋىدە بالىسىنى بەزلىگەن ئانا بوۋىقىدىن ئايرىلىپ قالدى

    1-ئاينىڭ 13-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، لىڭشەن ناھىيەسى شياڭگۈي ئولتۇراق رايونىدا بىر قېتىملىق تاسادىپىي ۋەقە يۈز بېرىپ، سەككىز ئايلىق ئوغۇل بوۋاق 13-قەۋەتتىن چۈشۈپ كېتىپ قازا قىلدى. ساقچىلار تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بوۋاقنىڭ ئانىسى دېرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ بالىنى بەزلەش جەريانىدا بالا قولىدىن چۈشۈپ كېتىپ يۇقىرىقى ۋەقەنىڭ كېلىپ چىققانلىقىنى ئېنىقلىدى.

   مۇشۇ ئولتۇراق رايوندا ئولتۇرۇشلۇق ئاھالىنىڭ مۇخبىرغا ئېيتىشىچە، بۇ ئىش بىرىنچى بىنادا يۈز بەرگەن، ئۇ بۇ ئىشنىڭ خەۋىرىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن چىقىپ قارىغاندا، بوۋاقنىڭ ئۈچىنچى قەۋەتتىكى بالكوندا ياتقانلىقىنى، بالىنىڭ ئۈستىگە ئاق رەخت يېپىلغانلىقى، ئەتراپنى ساقچىلارنىڭ تەكشۈرۈۋاتقانلىقىنى كۆرگەن ئىكەن. بالىنىڭ دادىسى سىرتتىن ئالدىراش قايتىپ كېلىپ، كۆز ياشلىرى تاراملاپ ئاققان ھالدا ئولتۇراق رايوندىكى چىملىقتا ئولتۇرۇپ قالغان ئىكەن.

     ئىگىلىنىشىچە، بوۋاقنىڭ ئۆيىدىكىلەر 13-قەۋەتتە ئولتۇرۇدىكەن. شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9:00 دا، ئەر ئۆيدىن چىقىپ كەتكەندىن كېيىن، ئۆيىدە ئايالى بىلەن بالىسى قالغان ئىكەن. بوۋاق تۇيۇقسىز ئوغرىلىقتىن ساقلىنىش تورى ئورنىتىلمىغان دېرىزىدىن يەرگە چۈشۈپ كەتكەن ئىكەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، شۇ يەردىكى كىشىلەر ساقچىغا تېلېفون ئۇرۇپ ياردەم سورىغان ئىكەن. 20 مىنۇتتىن كېيىن، بالىنىڭ دادىسى سىرتتىن قايتىپ كەلگەن.

   13-چېسلا چۈشتىن كېيىن، لىڭشەن ناھىيەلىك جامائەت خەۋپسىزلىكى ئىدارىسىنىڭ مۇخبىرغا ئۇقتۇرۇش قىلىشىچە، تەكشۈرۈش ئارقىلىق، بۇ قېتىمقى بىنادىن چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى تاسادىپىي يۈز بەرگەن ئىكەن. بوۋاقنىڭ ئانىسى دېرىزە تۈۋىدە تۇرۇپ بالىنى بەزلەش جەريانىدا بالا قولىدىن چىقىپ كېتىپ 13-قەۋەتنىڭ دېرىزىسىدىن چىقىپ كېتىپ مۇشۇ بىنانىڭ ئۈچىنچى قەۋىتىدىكى بالكونغا چۈشكەن، بوۋاق نەق مەيداندا قازا قىلغان ئىكەن.

     ساقچىلار ئاتا-ئانىلارنى بالىغا قارىغان ۋاقىتتا چوقۇم ئېھتىياتچان بولۇپ، ئامال بار خەتەرلىك ئورۇنلارغا بارماسلىق، تۇيۇقسىز خەتەر يۈز بېرىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش توغرىسىدا ئەسكەرتىدۇ.



خەتكۈچلەر:
14-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
20-05-2016
   يېقىندا جۇڭگو ‹‹4 – ماي›› ياشلار مېدالىنى تارقىتىش، مۇكاپاتلاش يىغىنى بېيجىڭدا ئېچىلدى. خوتەن ‹‹بالىم›› خەلقئارا سودا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش لىدىرى ئوبۇلھەسەن ئوبۇلقاسىم ئاپتونوم رايونىمىزدىن بۇ شەرەپكە ئېرىشكەن ئىككى مۇنەۋۋە...
20-05-2016
    لى ليەنجيې «ئەجدىھا جاھاننىڭ ئۇ چېتىدە» دېگەن فىلىمىدە ئايال باش پېرسوناژ لى جىغا بىر كۆرۈپ ئاشىق بولغان. 1999-يىلى لى جى بىلەن لى ليەنجيې 10 يىلغا يېقىن مۇھەببەت سەپىرىنى ئاخىرلاشتۇرۇپ توي قىلغان.  &...
20-05-2016
فەن بىڭبىڭ 20-ماي مىكرو بلوگىغا ئۆزىنىڭ ئەڭ يېڭى سۈرەتلىرىنى چىقاردى.
20-05-2016
    يېڭى بىر ئەۋلاد بېنىز E دەرىجىلىك ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، پۈتۈنلەي يېڭى E دەرىجىلىكنىڭ جەمەت ئىچىدىكى باشقا تۇغۇندى ماشىنا تىپىمۇ ئەۋلاد يېڭىلاشنى كۈتىۋالدى. بۇنىڭدىن ئىلگىرى ساياھەت نۇسخىسى، ئۈستى ئوچۇق نۇسخىنىڭ يول ...
19-05-2016
ئىسىم-فامىلىسى: ماھىرە ئەمەت تۇغۇلغان ۋاقتى: 1987-يىلى-5-ئاينىڭ 24-كۈنى مىللىتى: ئۇيغۇر خىزمەت ئورنى: شىنجاڭ سەنئەت يۇرتى ناخشا-ئۇسسۇل ئۆمىكى ئېگىزلىكى: 1.73 ئېغىرلىقى: 54كىلوگرام تۇغۇلغان جايى: ئۈرۈمچ...
19-05-2016
     جاڭ بوجى 18 ياش ۋاقتىدا ئېلان ئىشلەش ئۈچۈن شياڭگاڭغا قايتىپ كەلگەن بولۇپ، كېيىن «كومىدىيە شاھى» فىلىمى ۋە «يۇلتۇزلارغا نىدا» ناملىق MTV نى ئىشلەپ داڭق چىقارغان. ئۇ ئۆزىنىڭ تاماشا چەمبىرىكىگە كىرمىگەن بولسا سېستىر...
18-05-2016
ئىسىم-فامىلىسى: ئابلاجان ئاۋۇت ئايۇپ يۇرتى: گۇما-سانجۇ ئېگىزلىكى: 1.76 مېتىر ئېغىرلىقى: 56 كىلوگىرام قىزىقىشى: سەنئەت ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان پەسىل: باھار ۋە ياز ئەڭ ياخشى كۆرىدىغان تەنتەربىيە پائالىيىتى: ...
18-05-2016
شۇ جاي ۋاقتى 2016-يىلى 17-ماي، نورۋېگىيەنىڭ ئوسلو، نورۋېگىيە پادىشاھى ھەرار Ⅴ خانىش Sonja، قىزى مېتتې- مارىت مەلىكە، شاھزادە خاكونلار نورۋېگىيە دۆلەت بايرىمى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتناشقان بولۇپ، شاھزادە خاكون توختىماي بۇرنىنى كولاش، ئ...
18-05-2016
   شياڭگاڭ تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتىنىڭ سابىق ئىشتات باشلىقى، كىنو چولپىنى ئارنولد شىۋاسشىنگېر ئۆيىدىكى بالا باققۇچى ئايال بىلەن غەيرىي مۇناسىۋەتتە بولۇپ، پەرزەنتلىك بولغان. بۇ ئىش ئايالى م...
18-05-2016
     چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ئامېرىكا جۇمھۇرىيەتچىلار پارتىيەسىنىڭ سايلام نامزاتى ترۇمپ ئائىلسىنىڭ مال-مۈلكىنىڭ 10 مىليارد دوللاردىن ئاشىدىغانلىقىنى جاكارلىغان بولۇپ، بۇ سان تاشقى دۇنيانىڭ ئىلگىرىكى مۆ...
Powered by Leglek