دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىمىزنىڭ باياناتچىسى خۇا چۈنيىڭ تۆنۈگۈن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن چاۋشيەننىڭ يادرو سىنىقىدىن كېيىنكى يېڭى ۋەزىيەتكە بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى خالايدۇ، چاۋشيەننى لەۋزىدە تۇرۇش ھەمدە يادروسىزلاشتۇرۇش ۋەدىسىگە ۋاپا قىلىشىقا دەۋەت قىلىدۇ. باشقا ھەر قايسى تەرەپلەر سوغۇققانلىق بىلەن ئىش كۆرۈپ زىددىيەتنىڭ كەسىكىنلىشىپ كېتىپ ۋەزىيەتنى ئېغىرلاشتۇرۋېتىشتىن ساقلىنىشى كېرەك.
خۇا چۈنيىڭ قەرەللىك مۇخبىرلار يىغىنىدا سوئالغا جاۋاپ بېرىپ دىپلوماتىيە مىنىستىرى ۋاڭ يى 7-يانۋار كەچتە كېلىشۋالغىنى بويىچە ئامېرىكىنىڭ دۆلەت ئىشلىرى كاتىپى كېررى بىلەن تېلىفونلاشقان كونكىرت ئەھۋالنى تونۇشتۇردى. خەۋەرگە قارىغاندا، كېررى مەن ۋاڭ يى بىلەن تېلىفونلاشقاندا ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ چاۋشيەننىڭ يادرو مەسىلىسىنى بىر تەرەپ قىلىش چارىسىغا ئەمەل قىلىدىغانلىقىنى، ئەمما ئەمدى ئىلگىرىكى ئادەت بويىچە ئىش كۆرۈشكە بولمايدىغانلىقىنى دېدىم، دېگەن.
خۇا چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: ۋاڭ يى تېلىفونلاشقاندا جۇڭگونىڭ مەيدانىنى ئومۇميۈزلۈك شەرھىلىدى. ۋاڭ يى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: چاۋشيەننىڭ ياۋرو سىنىقىدىن كېيىن شەكىللەنگەن يېڭى ۋەزىيەتكە جۇڭگو خەلقئارا يادرو قوراللىرىنى كېڭەيتمەسلىك سېستىمىسىنى قوغداشنى چىقىش قىلىپ، ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن بىرلىكتە تاقابىل تۇرۇشنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. خۇاڭ چۈنيىڭ مۇنداق دېدى: جۇڭگونىڭ ئاساسىي مەيدانى-قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىنەزەر، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش نىشانىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تىرىشىشتا چىڭ تۇرۇش، يېرىم ئارالنىڭ تىنچىلىقى ۋە مۇقىملىقىنى قوغداش ئۈچۈن تىرىشىشتا چىڭ تۇرۇش.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved