چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ھىندىستان ھۆكۈمىتى ئاممىۋى ھاجەتخانا قاتارلىق ئاممىۋى تازلىق ئۆيلىرىنى سېلىش ئۈچۈن دۇنيا بانكىسىدىن قەرز ئىلتىماس قىلغان. دۇنيا بانكىسى 16-دېكابىر قەرزنى تەستىقلىغانلىقىنى ئېيتقان ، دۇنيا بانكىسى شۇنداق بولغاندا ھىندىستان ھۆكۈمىتىگە جەمئىي 1مىليارد 500مىليون قەرزنى بەش يىلغا بۆلۈپ بېردىكەن.
ئەنگىلىيەدە بىر تەشكىلات نويابىردا ئېلان قىلغان بىرپارچە ھۆججەتنى كۆرسىتىشىچە، ھىندىستان دۇنيا بويىچە تازلىق شارائىتى ئەڭ ناچار دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، ئوتتۇرا ھېساپ بىلەن ھەربىر كىۋادىرات كىلومېتىر يەردە 173 ئادەم ئوچۇقچىلىققا تەرەت قىلدىكەن. ب د ت نىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىدا كۆرسىتىلىشىچە، ھىندىستان تەخمىنەن يېرىمىدىن كۆپرەك نوپۇس ھاجەتخانىدا تەرەت قىلالمايدىكەن. بۇنداق ئەھۋاللار يېزىلاردا تېخىمۇ ئېغىر ئىكەن. ھىندىستان ھۆكۈمىتى 2019-يىلىدىن بۇرۇن خالىغان جايغا تەرەت قىلىشتەك ناچار ئادەتنى تۈگىتىشنى پىلانلىغان.
![]() |
شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 10-كۈنى، برازىلىيە سان پاۋلو، برازىلىيە پرېزىدېنتى روسېفنىڭ قوللىغۇچىلىرى 27 ئىشتاتتىكى 14 تاشيولنى قامال قىلىپ، بالون كۆيدۈرۈش ئارقىلىق روسېفنى ئەيىبلەشكە قارشى تۇردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved