نۆۋەتتە ئاز بولمىغان ئىنتېرنېت ساھەسىدىكى گىگانت كارخانىلار دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى تېخىمۇ كۆپلىگەن ئادەملەر ئۈچۈن تورغا چىقىش شارائىتى يارىتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە، بۇنىڭ ئىچىدە، گۇگېل شىركىتى ئېلىپ بېرىۋاتقان Project Loon تۈرى يەنى گاز شارى ئارقىلىق ھاۋا بوشلۇقىدىن سىمسىز تور تارقىتىش تۈرى ياخشى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەن بولۇپ، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن باشلاپ، پۈتۈن ئامېرىكىدىكى 50 ئىشتات تەۋەسىدە سىمسىز تور سىگنالى تارقىتىشنى رەسمىي سىناق قىلىدىكەن.
Project Loon تۈرى 2013-يىلى 6-ئايدا رەسمىي تۈردە سىرتقا قارىتا ئېچىۋېتىلگەندىن بۇيان، ھاۋا بوشلۇقىدا لەيلەپ تۇرالايدىغان گاز شارى ئارقىلىق سىمسىز تور تارقىتىش پونكىتى قۇرۇپ، يەرشارىنى ئايلىنىپ ئۇچىدىغان گاز شارى بەلبىغىنى قۇرۇپ چىقىشنى پىلانلىغان، بۇ ئارقىلىق ھاۋا بوشلۇقىدا ناھايىتى چوڭ سىمسىز تور تارقىتىش تورى قۇرۇپ چىقىپ، كەلگۈسىدە دۇنيانىڭ چەت-ياقىلىرىدا ياشايدىغان ئادەملەرنىڭ سىمسىز توردىن بەھرىمان بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرىدىكەن. ئەگەر سىگنال بىلەن قاپلانغان رايوندا تەبئىي ئاپەت يۈز بېرىپ قالسا، ئۇنداقتا بۇ خىل گاز شارى يەنە ئاپەتكە ئۇچرىغان رايوندىكى تور ئالاقىسىنىڭ راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش رولىنىمۇ ئوينىيالايدىكەن.
نۆۋەتتە Project Loon تۈرى ئاللىقاچان يېڭى زىلاندىيە، بىرازىلىيە، ئامېرىكا كالىفورنىيە ئىشتاتى قاتارلىق جايلاردا سىناق قىلىنىپ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغان. گۇگېل Google X تۈر گۇرۇپپىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئۇلار كېلەر يىلى ئامېرىكا چىگرىسى ئىچىدە ئىككى يىلغا سوزۇلىدىغان سىناق تەرىقىسىدىكى مۇلازىمەتنى باشلايدىكەن، ئۇلار ھازىر ئامېرىكا فىدراتسىيە ئالاقە كومىتېتى (FCC) غا ئىلتىماس ماتىرىيالىنى تاپشۇرغان
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved