يېقىندا «زاپاس ئۆيلەرنى سېتىۋېتىش» مەسىلىسى ھەممىنىڭ دىققىتىنى تارتتى، ئۆي-مۈلۈك مۇتەخەسسىسلىرى، باشقۇرۇش تارماقلىرى ۋە كارخانىلارنىڭ مەسئۇللىرى بۇ مەسىلە ھەققىدە بەس-بەستە مۇنازىرەلەشتى. ئۇنداقتا ئۆي باھاسى يەنە قانچىلىك چۈشىدۇ؟ ئۆي باھاسىنىڭ خېلى چۈشۈش ئېھتىماللىقى بارمۇ؟
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ كاپالىتى ۋە باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى چىڭ: كېلەر يىلى ئۈرۈمچىنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا «زاپاس ئۆيلەرنى سېتىۋېتىش» باش يۆلىنىش بولىدۇ، «مۇۋاپىق ئۆي ئىستېمالى ئېھتىياجىنى قوللاش» رىتىمى ئۆزگەرمەيدۇ، دېدى.
سانلىق مەلۇماتلارغا قارىغاندا، ئۈرۈمچىنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا باھانىڭ تۆۋەنلەش بوشلۇقى تارىيىۋېتىپتۇ. دۆلەتلىك ئىستاتىستىكا ئىدارىسى ئېلان قىلغان «پۈتۈن مەملىكەتتىكى 70 شەھەرنىڭ 11-ئايدىكى ئۆي باھاسىنىڭ ئۆزگىرىش ئەھۋالى»غا قارىغاندا، 11-ئايدا ئۈرۈمچىدىكى يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆيلەرنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.2 ئاشقان، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.4 چۈشكەن، نىمكەش ئۆيلەرنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتى %0.3 ئاشقان، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %2.8 چۈشكەن.
بۇ ئۈرۈمچىدە يېڭىدىن سېلىنغان تاۋار ئۆي باھاسىنىڭ سېلىشتۇرما نىسبىتىنىڭ 19 ئايدىن بۇيان تۇنجى قېتىم ئېشىشى، بەلكى ئېشىش نىسبىتى ئانچە چوڭ بولمىسىمۇ، ئەمما ئۈرۈمچى ئۆي-مۈلۈك بازىرىنىڭ ئىشەنچىسىنى ئاشۇردى.
شىنجاڭ دېباڭ ئۆي-مۈلۈك چەكلىك شىركىتىنىڭ سېتىش دىرېكتورى يۈ چاۋنىڭ ھېسابلىشىچە، كېلەر يىلى ئۈرۈمچىدە ئۆي باھاسى ئىككى قۇتۇپقا ئارىلىدىكەن، شەھەر ئەتراپىدا ئۆي باھاسى چۈشۈشى، شەھەر مەركىزىدە پەيدىن-پەي ئېشىشى مۇمكىنكەن، ئەمما باھا بەك چۈشۈپ كەتمەيدىكەن.
ئاشكارا ئۆي سېتىش بازىرى تەتقىقاتخانىسىنىڭ باشلىقى فاڭ جاڭجېنىڭ ھېسابلىشىچە، بۇ يىل ئۈرۈمچى ئۆي-مۈلۈك بازىرى سەل بوشاپ قالغان بولسىمۇ، لېكىن سىياسەت جەھەتتە ئېتىبار بېرىش ۋە بازاردىكى نۇرغۇنلىغان خۇش خەۋەرلەرنىڭ تەسىرىدە، كېلەر يىلى ئۆي باھاسىدا تەڭشىلىش بولىدىكەن، ئەممە تەڭشىلىش چەكلىك ئىكەن.
ئۆي-مۈلۈك سودىگەرلىرى ئۆي باھاسىنىڭ چۈشۈشىنى خالامدۇ؟
ئۆي-مۈلۈكنى ئېدىتلاش ۋە نەزەر تاشلاش باشلىقلار يىغىنىدىن ئىگىلىنىشچە، ئۆي باھاسى بىرىنچىدىن زېمىن باھاسى، ئىككىنچىدىن كەسىپ بېجى، ئۈچىنچىدىن تەننەرخ، تۆتىنچىدىن مۇۋاپىق پايدىدىن شەكىللىنىدىكەن. جايلاردا كېيىنكى ئۈچ تۈرنىڭ پەرقى چوڭ ئەمەس ئىكەن، ئاساسلىق زېمىننىڭ باھاسىدا پەرق چوڭ ئىكەن.
بىر قىسىم ئۆي-مۈلۈك كارخانىلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ئاشكارىلاپ: باھا ئاساسلىق قوللىنىدىغان ۋاسىتە، «زاپاس ئۆيلەرنى سېتىۋېتىش» جەھەتتە قىيىنچىلىق چوڭ بولغان بىر قىسىم تۈرلەردە بىز باھانى تۆۋەنلەتكۈدەك بولسا تۆۋەنلەتتۇق، يەنە بىر قىسىم تۈرلەردە باھانى تۆۋەنلەتسەكمۇ ساتالمايمىز، ياكى تۆۋەنلەتسەك بەك زىيان تارتىپ كېتىمىز، دېدى.
شىنجاڭ گۇاڭخۇي ئۆي-مۈلۈك گۇرۇھىنىڭ باش ئىنژېنېرى ۋاڭ بىن مۇنداق دەپ ھېسابلىدى: ئۈرۈمچىنىڭ ئۆي-مۈلۈك بازىرىدا «زاپاس ئۆيلەرنى سېتىۋېتىش» بېسىمى ئانچە چوڭ ئەمەس، چۈنكى ئۆي سېلىش ۋاقتى قىسقا، قىشتا نەچچە ئاي ئىش توختايدۇ. بولۇپمۇ ئۆي جەھەتتە زاپاس خېلى مۇۋاپىق، بىراق مەھسۇلاتلارنى تۈرگە ئايرىش ئېنىق ئەمەس، ئامما ھەقىقىي ياخشى كۆرىدىغان ئۆيلەر ناھايىتى ئاز. بىز كېلەركى قەدەمدە مەھەللىلەرنىڭ سۈپىتىنى ئاشۇرىمىز.
![]() |
ئۈرۈمچى شەھىرىدە 1 – يانۋاردىن باشلاپ، تۇرالغۇ جامائەت فوندى ئارقىلىق ئۆي سېتىۋالغانلار تۇرالغۇ جامائەت فوندى يېڭى قەرز ئۆسۈم نىسبىتى بويىچە قەرز قايتۇرىدۇ.
ئۈرۈمچى شەھەرلىك تۇرالغۇ جامائ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved