نېفىت باھاسىنىڭ چۈشىشى ۋە سەئۇدىلىقلار تۇرمۇشىدىكى ئۆزگىرىشلەر

     ھاساد ئائىلىسىدىكىلەرنىڭ تۇرمۇشى يېقىندىن بۇيان سەل قىيىنلاشتى. دادىسى مۇھەممەت يەنە بىر قوشۇمچە خىزمەت تېپىشقا تەييارلاندى. توك ھەققى خىراجىتىنى ئازايتىش ئۈچۈن، ئائىلىدىكى ئۈچ بالىغا چىراقنى ئۆچۈرۈش جېكىلەندى.

    مانا بۇ 2016- يىلدىكى سەئۇدى ئەرەبىستان. ئىلگىرى مالىيەنى قىسقارتىش تەدبىرلىرىنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان ياۋروپا ۋە ئامېرىكىغا نىسبەتەن، بۇ خىل ھېكايە ناتونۇش بولماسلىقى مۇمكىن. ئەمما راھەت- پاراغەتلىك ئىستىمالغا ئادەتلىنىپ كەتكەن سەئۇدى ئەرەبىستانغا نىسبەتەن، ئىقتىسادچىل بولۇشتەك تۇرمۇش ئانچە ئاسانغا توختىمايدۇ. نېفىت- ئامېرىكا دوللىرى بۇ دۆلەت ئۈچۈن بايلىق ئېلىپ كېلىپ، كىشىلەرنىڭ ئوتتۇرىچە كىرىمىنى 1980- يىلنىڭ ئاخىرلىرىدىن بۇيان 3 ھەسسە ئاشۇرغان. ھالبۇكى بۈگۈنكى كۈندە، نېفىت ۋە ئېنىرگىيە تولۇقلىمىسى مىسلى كۆرۈلمىگەن دەرىجىدە كېمىيىپ، ئاز كۆرۈلىدىغان جىددىي ھالەتنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.

    «نۇرغۇن ئىشلار ئۆزگىرىپ تۇرىدۇ» دېدى 30 ياشلىق ئاساد. ئۇ رىيادتىكى بىر ئۇنىۋېرسىتىتتا سودا- سانائەت باشقۇرۇش كەسپىنىڭ ئوقۇتقۇچىسى بولۇپ، خۇسۇسىي تەربىيىلەش دەرىسىلىك تولۇقلىمىسى ئارقىلىق بىر ئاز كىرىم قىلىشقا تەييارلانماقتا، «ئەمما نۇرغۇن ياشلار تېخى ئېسىگە كېلىپ بولمىدى». ئۇلار بۇ ئۇچۇرنى تېخى قوبۇل قىلىپ بولالمىدى ھەم قانداق قىلىشىنى بىلمەيدۇ.

    نېفىت باھاسىنىڭ ھەر بىر تۇڭىنىڭ 30 دوللار ئەتراپىدا تۆۋەنلىشىگە ئەگىشىپ، سەئۇدى ئەرەبىستاندىن ئىبارەت بۇ دەرىجىدىن تاشقىرى كونسېرۋاتىپ ئىسلام پادىشاھلىقىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۆزگىرىش ئالامەتلىرى كۆرۈلمەكتە، مەسىلەن، بۇ دۆلەتنى قۇرۇپ چىققان خان جەمەتى مونوپۇل قىلىۋالغان نېفىت ئىشلەپچىقىرىش شىركىتىنى سېتىشنى ئويلاشماقتا، ھالبۇكى ئادەتتىكى ئائىلىلەر ۋە شىركەتلەر بەس- بەستە يۆنىلىشىنى تەڭشەپ، يېڭى ئىقتىسادقا ماسلىشىشقا باشلىدى.


    ياش گۈللەندۈرگۈچىلەر

    15 ياشتىن 34 ياش ئارىلىقىدىكى كىشىلەر توپى 21 مىليون نوپۇسقا ئىگە سەئۇدى ئەرەبىستاندا 40% تىن يۇقىرى نىسبەتنى تەشكىل قىلغان، ئۇلار ھازىر بۇ بىر مەيدان ئىقتىسادى ئىسلاھاتنىڭ ئالدىنقى سېپىدە تۇرماقتا. بۇ ياشلار ئەمدى ئۆتمۈشتە كىشىلەر ئۈچۈن ئادەتكە ئايلانغان ھەقسىز داۋالىنىشتىن بەھرىمان بولالمايدۇ شۇنداقلا ھەر بىر لىترى 20 سېنت بولغان نېفىت ۋە ئادەتكە ئايلانغان مائاش قوشۇپ بېرىش قاتارلىقلار بىلەن خوشلىشىدۇ.

    ھەتتاكى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ سىمۋولى، ئىسلام دىنىي ئەقىدىلىرىدە چىڭ تۇرىدىغان دىنىي ساقچىلارمۇ يېڭى ئۆزگىرىشكە يۈزلىنىشى مۇمكىن، يەنى ھۆكۈمەت ئۇلارنى بۇرۇنقىدەك ئۆز مەيلىگە قويۇۋەتمەسلىكى مۇمكىن. ئالدىنقى ئايدا، ھۆكۈمەت تەرەپنىڭ مەسلىھەت بېرىش تەشكىلاتى «سەئۇدى ئەرەبىستان مەسلىھەت كېڭىشى» مەزكۇر دۆلەت گۈزەل ئەخلاقنى ئومۇملاشتۇرۇش ۋە رەزىللىكنىڭ ئالدىنى ئېلىش كومىتېتىنى بىر قاتار مەنئىي قىلىش بۇيرۇقلىرىنى تۈزۈپ، دىنىي ساقچىلارنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىشنىڭ ئالدىنى ئېلىشقا دەۋەت قىلغان. سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ دىنىي ساقچىلىرى ماشىنىدا بايقالغان توي قىلمىغان ئاشىق- مەشۇقلارنى قولغا ئالسا ياكى ئاشىق- مەشۇقلار كۈنىدە قولغا گۈل ئېلىۋالغان كىشىلەرنى قولغا ئالسا بولىدۇ.

    20 يىل بۇرۇن، 42 ياشلىق مەبلەغ سېلىش بانكىرى كلۇد ئالدۇكخېل (ئايال) ئىشخانا لېفىتىغا كىرگەندە، ھەر كۈنى ئاياللارنىڭ بىنادا خىزمەت قىلىشقا بولمايدىغان ئۇقتۇرۇلۇپ تۇراتتى. كلۇدنىڭ چۈشەندۈرۈشىچە، ئەينى ۋاقىتتا كىشىلەر دائىم ئۇنىڭ تېلېفونىنى قويۇۋېتەتتى، چۈنكى ئۇلار ئۆزىنى خاتا ئۇرۇپ قالغان ئوخشايمىز دەپ قالاتتى. ئەمما ھازىر، ئىشلاردا ئالامشۇمۇل ئۆزگىرىشلەر يۈز بەردى. بارغانسېرى كۆپلىگەن ئاياللار خىزمەت مەيدانىغا كىرىشكە باشلىدى، ئالدىنقى ئايدىن باشلاپ، سەئۇدى ئەرەبىستان ئاياللىرى تۇنجى قېتىم يەرلىك سايلامغا قاتناشتى. بىراق، يەنىلا ئاياللارنىڭ ماشىنا ھەيدىشى چەكلىنىدۇ.

    سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ قارشى ئېلىشى

    ئەنگىلىيە مەسلىھەتچىلىك شىركىتى ئۇل يەرشارى خاراكتېرلىك شېرىكچىلىكىنىڭ قۇرغۇچىسى چانېم نۇسەيبى مۇنداق دېدى، سەئۇدى ئەرەبىستان زامانىۋىلىشىش ۋە ئۆزگىرىش جەريانىدا، ئىجتىمائىي ئالاقە ۋاستىلىرىنى پىششىق بىلىدىغان بىر ئەۋلاد ياشلار تېخىمۇ كۆپ پىكىر قىلىش ھوقۇقىغا ئىگە بولۇشنى ئۈمىد قىلماقتا.

    چانېم مۇنداق دېدى، سەئۇدى ئەرەبىستان ياشلىرى ئالدىنقى بىر ئەۋلاد كىشىلەر قانائەت قىلغان ئىشلاردىن قانائەتلىنىپ قالمايدۇ، ئەكسىچە دۆلەت نېمە سەۋەب بىلەن ئۇلارنىڭ مالىيە مەنبەسىنى ئازايتىۋېتىشتىن قەتئىينەزەر، ئۇلار باشقا ئۇسۇللار ئارقىلىق تولۇقلىۋېلىشنى ئۈمىد قىلىدۇ.

     سىز رىياد ئايرودرومىغا قەدەم باسقان دەقىقىدىن باشلاپ، ئوخشىمىغان بىر خىل ئۆزگىرىشنى بايقايسىز. ئۆتمۈشتە ئادەمنى زېرىكتۈرىدىغان قاراڭغۇ ئايروپىلان ساقلاش چوڭ زالى ھازىر كەڭ ئازادە، يورۇق بولۇپ ئۆزگەرتىلگەن، چوڭ زالدىكى تېلېۋېزوردا كارتونلار قويۇلىدۇ. يولۇچىلارنى كۈتۈۋالىدىغىنى ئەنئەنىۋىي ئاق رەڭلىك نىمچە كىيىۋالغان ياش خىزمەتچىلەر، ئۇلار تەبەسسۇم بىلەن :«سەئۇدى ئەرەبىستانغا كەلگىنىڭىزنى قارشى ئالىمىز» دەپ ئەھۋال سورايدۇ. ياشقا چوڭ كەلگەن ئاياللار ياكى بالىسىنى ئەگەشتۈرۋالغان ئانىلار ئازادە راھەت ئورۇندۇقلاردىن بەھرىمان بولالايدۇ، ئەر تۇغقانلىرى بولسا پاسپورت تەكشۈرۈش كۆزنىكىدە تەرتىپلىك ھالدا ئۆچرەتتە تۇرۇشىدۇ.

    ئۆزىنى رەسىمگە تارتىش

    رىياد شەھەر مەركىزىدە، تاماقلىنىش ئەمدى تۈرمىدە ياتقانغا ئوخشىمايدۇ، ئۆتمۈشتە رېستۇرانلار ئاياللانىڭ تاماق يېگەن ۋاقىتتا ئەرلەر بىلەن ئۇچرىشىپ قالماسلىقى ئۈچۈن، رېستۇرانلاردا ئاز بولمىغان چىمىلداقلارنى تىزىپ قوياتتى، ھازىر بۇلارنىڭ ھەممىسى ئېلىۋېتىلدى.

    10 يىلنىڭ ئالدىدا، كۆپ ساندىكى رېستۇرانلارنىڭ ئىشىك ئالدىغا ئەسكەرتىش چاپلاپ، ئاياللارنىڭ ئەرلەر ھەمراھ بولمىغان ئەھۋال ئاستىدا رېستۇرانغا كىرىشى چەكلىنەتتى. ئاياللارنىڭ ياغلىق ئارتماسلىقنى، كىشىلەر تەسەۋۋۇر قىلالمايتتى. ئالدىنقى ئايدا مۇخبىر رىيادقا يېتىپ بارغان ۋاقىتتا، ياش ئەرەب ئاياللىرىنىڭ ياغلىقىنى ئېلىۋېتىپ، سېرىق- قوڭۇر رەڭ چاچلىرىنى ئوينىغاچ ئۆزلىرىنى رەسىمگە تارتىۋاتقانلىقىنى، ئەر مۇلازىملارنىڭمۇ ئەجەبلەنمىگەنلىكىنى ئۇچراتتى.

    ئەرەب ئاياللىرىنىڭ ئاممىۋى سورۇنلارغا چىققاندا ئۇزۇن نىمچە كىيىشتە، پەقەتلا ئۆزگەرمەس قارا رەڭلا ئەمەس، بەلكى بارغانسىرى رەڭگارەك نەقىش، ئەتراپىدا بېزىكى ۋە يالتىرىقى بار رەختلەردىن كىيىشكە باشلىدى.

بۇ يىل 23 ياشقا كىرگەن مونا ئادەم كۈچى بايلىقى مىنىستىرلىقىدا خىزمەت قىلىدۇ، ئۇ رېستۇراندا دوستلىرى بىلەن بىرلىكتە يېرىم سائەت ۋاقىت سەرپ قىلىپ Snapchat (رەسىمدىن بەھرلىنىش ئەپ دېتالى) قا رەسىم چىقاردى ھەمدە «تېخىمۇ ئەركىن بولدۇق، بىزنىڭ ئاتا- ئانىمىز بىزدەك تەلەيلىك ئەمەس» دېدى ئۇ.

    يېڭى ھاياتلىق ئىراسى

   بۇ ياشلارنىڭ ئاتا- ئانىلىرى باشتىن كەچۈرگىنى سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بىر پۈتۈن گەۋدىسىنى تېز يۈكسەلدۈرگەن ئىقتىسادنىڭ ئۇچقاندەك ئۆرلىشىدۇر.

    1990- يىلى 1- قېتىملىق پارس قولتۇقى ئۇرۇشى مەزگىلىدە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان دۆلەت ئىچكى ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى پەقەت 12000 ئامېرىكا دوللىرى ئىدى، 2014- يىلىغا كەلگەندە بۇ سانلىق قىممەت ئۇچقاندەك ئۆرلەپ 52000 ئامېرىكا دوللىرىغا يەتتى. ھەتتا ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 80- يىللىرىدىن 90- يىللارنىڭ ئاخىرىدىكى پەس يىللاردىمۇ، نېفىت ئىشلەپچىقىرىش تەننەرخى بىر قەدەر تۆۋەن، نوپۇسىمۇ بىر قەدەر ئاز بولغانلىق سەۋەبىدىن، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ بايلىقىنىڭ كۆپىيىش سۈرئىتى ھەتتا تېخىمۇ تېز بولغان.

     گەرچە ئاز بولمىغان سەئۇدى ئەرەبىستانلىقلار بۇ ئۆزگىرىشلەرنى ياقتۇرسىمۇ، ئەمما تېخىمۇ جاھىل كىشىلەر بۇنىڭغا قارىتا چەكلىمە قويۇشنى تەلەپ قىلماقتا.

     سىز بۇ خىل توقۇنۇشنى رېستۇرانلاردا يۈز بەرگىنىنى كۆرەلەيسىز. ئۆزىنى مەھكەم ئورۇۋالغان ئىككى ئايال كىشى مۇلازىملاردىن قائىدىگە رىئايە قىلىشىنى تەلەپ قىلىپ، ئاممىۋى سورۇنلاردا مۇزىكا قويۇشنى چەكلىدى. مۇلازىملار ئۇلارنىڭ دېگىنى بويىچە قىلدى، ئەمما بۇ ئىككى ئايال چىقىپ كېتىشى بىلەنلا، مىسىرنىڭ مۇھەببەت ناخشىسى رېستۇراننى بىر ئالدى.

    داۋىد باتتېر بولسا ئەنگلىيە خان جەمەتى خەلقئارا ئىشلار تەتقىقات ئورنىنىڭ كاندىدات تەتقىقاتچىسى. ئۇنىڭ قارىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ جەمئىيەتنى تېخىمۇ ئېچىۋەتكەنلىكىنىڭ يەنە بىر تەرىپى «جەمئىيەتتىكى مۇتەئەسسىپ كۈچلەرنىڭ بۇنىڭغا قارىتا قانداق ئىنكاس قايتۇرۇشى» دا.

    «بۇ مۇقەررەر ھالدا كەلگۈسى سىياسىي قارشىلىشىشنىڭ يوشۇرۇن ساھەسى بولۇپ قالىدۇ».

    ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىش

    سىياسىي جەھەتتىن قارىغاندا، ئەرەب پادىشاھلىقى يەنىلا باستۇرۇش ئەندىزىسىنى ساقلاپ تۇرماقتا. ئالدىنقى ھەپتە، داڭلىق كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسى سامار باداۋى جىددەدە ۋاقىتلىق قاماپ قويۇلدى. ئۇنىڭ ئىنىسى رايف باداۋى 10 يىللىق مۇددەتلىك قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى، سەۋەبى ئىسلام دىنىغا ھاقارەت قىلغان. دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى يۈزلىگەن- مىڭلىغان يازغۇچىلار پەلەستىنلىك شائىر ئاشراف فايېدنىڭ ئەسەرلىرىنى ئوقۇيدۇ، ئەمما بۇ يازغۇچىلار دىنغا ئاسىيلىق قىلىش جىنايەت نامى بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدۇ.

    بۇ يىل 2- يانۋار، سەئۇدى ئەرەبىستان 1980- يىلدىن بۇيانقى ئەڭ چوڭ كۆلەملىك ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلىپ، 47 ئادەمگە ئۆلۈم جازاسىنى ئىجرا قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە شىئە مەزھىپىدىكى دىنىي زات نىمىرمۇ بار. ئىرانلىق نامايىشچىلار سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ تېھراندىكى ئەلچىخانىسىغا ھۇجۇم قىلغاندىن كېيىن، بۇ دىنىي زاتقا چىقىرىلغان ھۆكۈم سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھلىقى بىلەن ئىراننىڭ ئالاقىسىنى ئۈزۈل- كېسىل ئۈزۈپ تاشلىدى. بۇنىڭ ئارقىسىدا 18 ئايدىن بۇيان ماي باھاسىنىڭ تۆۋەنلىشى ئېلىپ كەلگەن ئىقتىسادىي ئەمەلىيەت بار.

    سەئۇدى ئەرەبىستان دۇنيادىكى ئەڭ چوڭ  نېفىت قازغۇچى بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئۆزى ماي باھاسىنىڭ خاراب بولۇشىنىڭ ئاساسلىق سەۋەبچىلىرىدىن بىرى. سەئۇدى ئەرەبىستان ئالدىنقى ئايدا دۆلەت ئىچىدىكى يېقىلغۇ، توك ۋە سۇ ئىشلىتىش باھاسىنى ئۆستۈردى، بۇ مەيدان يېقىنقى زامان تارىختىكى ئەڭ چوڭ ئىقتىسادى تەدبىر كەسكىن ئۆزگىرىشىدە، سەئۇدى ئەرەبىستان بۇ يىللىق چىقىمنى كېمەيتىشنى ھەمدە تەدرىجى ھالدا بىر قىسىم دۆلەت كارخانىلىرىنى خۇسۇسىيلاشتۇرۇشنى ئۈمىد قىلدى.

    سەئۇدى ئەرەبىستان ئارامسو نېفىت شىركىتىنى سېتىش

    ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدىكى «ئىقتىسادى تەتقىقاتچى» ژۇرنىلى ئېلان قىلغان بىر پارچە مەخسۇس زىيارەتتە سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ مۇئاۋىن ۋەلىئەھدى مۇھەممەد، مەزكۇر دۆلەتنىڭ  بۇ دۆلەتتىكى نېفىت ماگناتى سەئۇدى ئەرەبىستان ئارامسو شىركىتىنىڭ بارلىق ياكى بىر قىسىم پېيىنى سېتىشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئۇ يەنە بىلدۈرۈپ، سەئۇدى ئەرەبىستاننى نېفىتقا بېقىنىش تىپىدىكى ئىقتىسادتىن ئۆزگەرتىشكە باشلاش داۋامىدا، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى يارىتىش ئىنتايىن مۇھىم، سەئەدى ئەرەبىستان، پۇقرالىرىنى ئىلگىرىكى چەتئەل پۇقرالىرى كۆپ ئىشلەپ ئاز ئالىدىغان خىزمەت ئورۇنلىرىغا ئورۇنلاشتۇرۇشنى چەتكە قاقمايدۇ.

    مۇھەممەت يەنە مۇنۇلارنى بىلدۈردى، خۇسۇسىي ئىگىلىكتىكى شىركەتلەر جەھەتتە، بىزدە ناھايىتى زور پۇرسەت بار بولۇپ ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا بىزدە 10 مىليون چەتئەل پۇقرالىرى ئىگىلەپ تۇرغان خىزمەت ئورنى بار، مەن ھەر ۋاقىت تاللاش قارارى چىقارسام بولىدۇ.

    بۇ يىل 30 ياشنىڭ قارىسىنى ئالغان شاھزادە مۇھەممەد ئىزچىل سودا ساھەسىدىكى رەھبەر، مىنىستىر دەرىجىلىك ئەمەلدار ۋە ياش سەئۇدى ئەرەبىستان پۇقرالىرىنى قوبۇل قىلىپ، ئۆزى تۇرۇشلۇق ياش توپىدىكىلەر يۈزلىنىش ئالدىدا تۇرغان مەسىلىلەرنى ئورتاق ھەل قىلىۋاتىدۇ. خالىد ئەلكۇدايىر بۇ يىل 32 ياش، ئۇ بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر يىغىنغا قاتنىشىپ، ئۆزىنىڭ ناھايىتى خاتىرجەملىك ھېس قىلغانلىقىنى ئېيتتى.

    خالىدنىڭ خىزمىتى ئاياللار ئۈچۈن خىزمەت تېپىپ بېرىدىغان شىركەتنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ، ئۇ مۇنداق دېدى، «مەن ئازراقمۇ ئەنسىرىمەيمەن»، ئۆزىمىزنىڭ كارخانىسىنى قۇرىدىغان پەيت يېتىپ كەلدى. بىز يەڭلىرىمىزنى تۈرۈۋېتىپ بىر مەيدان تىرىشىشىقا مۇھتاج.

      سۇس رەڭدارلىق

    ماداۋى ئەل لىسسا بۇ يىل 30 ياش، ئۇنىڭ قارىشىچە، ھازىرقى بىر ئەۋلاد سەئۇدى ئەرەبىستان ياشلىرى ئىجتىمائىي ئالاقە تورىغا تايىنىپ تۇرۇپ ئۆزىنىڭ تىجارىتىنى قىلالايدۇ. ماداۋىنىڭ ئۆزىنىڭ شىركىتى جەمئىيەت ۋە ئىقتىسادنىڭ ئۆزگىرىشىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرەلەيدۇ: ئۇ توردا نىمچە ساتىدۇ، ئەمما ھەرگىزمۇ ئەنئەنىۋە قارا رەڭلىك نۇسخسىدىكىسى ئەمەس.

    ماداۋىنىڭ ئېيتىشىچە، ئۇنىڭ نىشانى «ئەرەب نىمچىسىنىڭ كىشىلەرگە بەرگەن بىمەنە تەسىراتىنى ئۆزگەرتىش، نىمچىنى باشقىلارنىڭ كىيگۈسى كېلىدىغان كىيىم- كېچەككە ئايلاندۇرۇش» ئىكەن.

    خاساد بىر ئۇنىۋېرستىتنىڭ لىكتورى، ئۇمۇ ھازىرقى ھالەتكە قارىتا ئۈمىدۋار پوزىتىسىيەدە ئىكەن. ئەمما شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، ئۇ بىر قىسىم خىراجەتلەرنى كېمەيتىشى كېرەك. تۇنجى نىشانى بولسا ئۆيىنىڭ توك پۇلى خىراجىتىنى يېرىم دېگۈدەك كېمەيتىش، يەنى ھەر ئايدا 400 رىيال (تەخمىنەن 107 ئامېرىكا دوللىرىغا) ئازايتىش. بالىلارمۇ بۇ ئۆزگىرىشنى بايقىدى، چوقۇم ئۆزىنىڭ ھەسسىسىنى قوشىدۇ دېدى ئۇ.

    ئايالىم بالىلارنىڭ ئۆزىنى ساراڭ قىلىپ قوياي دەپ قالغانلىقىنى، ھەتتا ئۇ ئۆيدە بولسىمۇ، ئۇلارنىڭ چىراقنى ئۆچۈرۈۋېتىدىغانلىقىنى ئېيتىپ بەردى. خالىدى مۇنداق بىلدۈردى، مەن بۇنىڭ ئۈنۈمى بولغانلىقىدىن ئىنتايىن خۇشال. مەن بالىلارنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن پۇل خەجلىشىنى ئۈمىد قىلىمەن. نېفىت ھامان بىر كۈنى ئىشلىتىلىپ تۈگەيدۇ.



خەتكۈچلەر:
20-01-2016
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
30-05-2016
شىنخۇا تورى 23- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     سەئۇدى ئەرەبىستان دۆلەتلىك نېفىت شىركىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى يىللىق دوكلات ئېلان قىلىپ مۇنداق دېگەن: 2015- يىلى سەئۇدى ئەرەبسىتان ئاسىيا قىتئەسىدىكى دۆلەتلە...
30-05-2016
     شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 28-كۈنى، دۇنيانىڭ ھەر قايسى جايلىرىدىكى كىشىلەر كوچىلارغا چىقىپ، <ئاتلانتىك ئوكيان ھالقىغان سودا ۋە مەبلەغ سېلىش شېرىكلىك مۇناسىۋەت كېلىشىمى> (TTIP) شۇنداقلا ھۆكۈمەتنىڭ مالىي...
28-05-2016
    شۇ جاي ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئامېرىكا پىرېزىدېنتى ئوباما تىك ئۇچارغا ئولتۇرۇپ ياپونىيە خىروشىما تىنچلىق باغچىسىغا يېتىپ بېرىپ، تىنچلىق باغچىسىنى زىيارەت قىلدى ۋە گۈل چەمبىرەك تەقدىم قىلدى.
28-05-2016
    رۇسىيە NTV تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئەنگلىيە، گېرمانىيە، ئىتالىيە، كانادا، ئامېرىكا، فرانسىيە ۋە ياپونىيەنى ئۆز ئىچىگە ئالغان يەتتە دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ باشلىقلىرى پەقەت رۇسىيە مىنسكى كېلىشىمىنى تولۇق ئىجرا قى...
28-05-2016
   شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن گىرېتسىيەدە زىيارەتتە بولدى.
28-05-2016
      شۇ يەر ۋاقتى 27-ماي، ئامېرىكا كالفورنىيە شىتاتى سانتىياگو، جۇمھۇرىيەتچىلەر پارتىيەسىنىڭ زۇڭتۇڭ نامزاتى ترامپ سانتىياگودا سايلام يىغىلىشى ئۆتكۈزگەن بولۇپ، شۇ جايدىكى خەلق ئاممىسى قولىدا تاختىلارنى كۆت...
28-05-2016
شىنخۇا تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     چاۋشيەن مەركىزى ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، چاۋشيەن خەلق ئارمىيەسىنىڭ ئەڭ ئالىي قوماندانى مۇنداق دېگەن: شۇ كۈنى كورىيە ئارمىيەسى چاۋشيەننى...
28-05-2016
يەر شارى تورى 28- ماي خەۋىرى: باغداش تورىدىن: ئابلىمىت تەرجىمىسى     ۋېيتنام تاراتقۇلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ۋېيتنام ھۆكۈمىتى نەچچە كۈن ئىلگىرى 22 دۆلەت ۋە رايوندا تۇرۇشلۇق 80 دىن ئارتۇق ۋېيتناملىقىنى نەنشا تاقىم ئارى...
28-05-2016
ۋاڭيى تورى خەۋىرى، نۇر تورى تەرجىمىسى:     فىرانسىيە ئاخبارات ئاگېنىتلىقىنىڭ 27-ماي ئېيتىشىچە، جەنۇبىي ئوسېتىيەنىڭ رەھبىرى تىبىلوۋ ۋە پارلامېنىت رەئىسى بىبىلوۋ 26-ماي جەنۇبىي ئوسېتىيە 2017-يىلى رۇسىيەگە قوشۇلۇشقا ئوم...
27-05-2016
     5-ئاينىڭ 26-كۈنى، گىرېتسىيە بىلەن ماكېدونىيەنىڭ چېگرىسىدىكى كىچىك كەنت ئىدومېنى. مۇساپىرلار بۇ يەردىن ئايرىلىش ئۈچۈن ئاپتوبۇسنىڭ كېلىشىنى كۈتمەكتە. 24-مايدىن باشلاپ، گىرېتسىيە ساقچى تەرەپ، رەسمىي ھالدا گىرېتسىيە-...
Powered by Leglek