جۇڭگو تاشقى ئىشلار مىنىسترلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇاچۈنيىڭ
26 – يانۋار بېيجىڭدىن كەلگەن تېلېگرامما: تاشقى ئىشلار مىنىسترلىقىنىڭ باياناتچىسى خۇاچۈنيىڭ 26 - چىسلا ئېچىلغان مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا مۇنداق دېگەن، يېرىم ئارالنى (چاۋشيەننى دېمەكچى) يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسى يالغۇز جۇڭگو تەرەپنىڭلا ئىشى ئەمەس، بۇنىڭغا مۇناسىۋەتلىك ھەرقايسى تەرەپلەر تەڭ كۈچ چىقىرىشى كېرەك.
مۇخبىرلار مۇنداق سوئال قويغان، بىر نەچچە كۈندىن بۇيان ئاتالمىش ئامېرىكا ھۆكۈمەت خادىملىرى تاراتقۇلار ئارقىلىق توختىماي سۆز قىلىۋاتىدۇ، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسى توغرىلىق جۇڭگوغا چېتىلىدىغان بىر قىسىم گەپ سۆزلەر بولىۋاتىدۇ. جۇڭگو تەرەپ بۇ ئىشقا قانداق قارايدىكىن؟
خۇاچۈنيىڭ مۇنداق دېدى، بۇنىڭ ئىچىدە نۇرغۇن گەپ سۆزلەر ئېنىقلا قائىدىگە ئۇيغۇن ئەمەس، تەكلىپ خاراكتىرىمۇ يوق. يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش، يېرىم ئارالنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش ھەممەيلەننىڭ مەنپەئىتىگە پايدىلىق. يېرىم ئارالغا قوشنا دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن جۇڭگو تەرەپ بۇ ئىش ئۈچۈن كۆپ ئەجىر قىلدى، مۇھىم رولىنى جارىي قىلدۇردى، بۇنى ھەممەيلەن كۆرۈپ تۇرۇپتىمىز، بۇ رەت قىلغىلى بولمايدىغان پاكىت. بىراق يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش، يېرىم ئارالنىڭ مۇقىملىقىنى قوغداش پەقەت جۇڭگونىڭلا ئىشى ئەمەس، بۇنىڭغا باشقىلارمۇ كۈچ چىقىرىشى، بىر ياقىدىن باش چىقىرىشى كېرەك.
خۇاچۈنيىىڭ مۇنداق تەكىتلىدى، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش مۇساپىسى زور قىيىنچىلىققا دۇچ كەلدى، ئالتە تەرەپ سۆھبىتى ۋاقتىنچە توختاپ قالدى، بۇنىڭدىكى بىر مۇھىم سەۋەب دەل بىر قىسىم ئالاقىدارلار ئۆز مەجبۇرىيىتىنى ياخشى ئادا قىلالمىدى. شۇڭا، بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئۆز زىممىسىدىكى مەسئۇلىيەتنى ئوبدان ئادا قىلىپ، ئۆز رولىنى ياخشى جارىي قىلدۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن بىرلىكتە، يېرىم ئارالنى يادروسىزلاشتۇرۇش مەسىلىسىنى توغرا يولغا باشلىشىنى، باشقا ئەللەرگە سەن ئۇنى قىل، سەن بۇنى قىل دېمەسلىكىنى ئۈمىد قىلىمىز.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 6-كۈنى، گىرېتسىيە ئافىنا، شۇ كۈنى گىرېتسىيە پۇقرالىرى 48 سائەت ئىش تاشلاپ پېنسىيە مائاشى ئىسلاھاتىغا قارشى ئېتىراز بىلدۈردى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved