جاھان ئاگېنتلىقى 26-مارت خەۋىرى؛ لەگلەك تورى تەرجىمىسى: مىسىر ھۆكۈمىتى، سەئۇد ئەرەبىستان رەھبەرلىكىدە يەمەندە شىئە ھۇسىي ھەرىكىتىگە قارشى باشلانغان ھەرىكەتكە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە 4 جەڭ پاراخوتىنى ئەدەن قولتۇقىغا ئەۋەتتى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئىقتىسادى قوللىشى ئاستىدىكى مىسىر سىيسى ھۆكۈمىتى، يەمەندىكى شىئە ھۇسىي قۇراللىقلىرىغا قارشى ھەرىكەتكە ياردەم بېرىش مەقسىتىدە 4 ئۇرۇش پاراخوتىنى يەمەننىڭ ئەدەن قولتۇقىغا ئەۋەتتى.
سۇۋەيىش قانىلى خادىملىرى رېيتىر ئاگېنتلىقىغا سۆز قىلىپ، ئۇرۇش پاراخۇتلىرىنىڭ سۇۋەيىش قانىلىدىن ئۆتۈپ ئەدەن قولتۇقىغا قاراپ يولغا چىققانلىقىنى ئېيتتى. مىسىر ھۆكۈمىتى، يەمەندىكى شىئە قۇراللىقلىرىغا قارشى ھەرىكەتكە ياردەم بەرگەن 10 دۆلەتنىڭ بىرى.
ھەربىي دائىرلەرنىڭ ئېيتىشىچە، بۇ قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدا، سەئۇدى ئەرەبىستان-يەمەن چېگرىسىدىكى ھۇسىيلەرگە تەۋە بىر قىسىم ھەربىي نوقتىلار ۋە شەرق قىسمىدىكى قۇرال-ياراغ ئامبارلىرى ھۇجۇم نىشانى قىلىنغان.
سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىكى، ھۇسىيلەرگە قارشى ھەرىكەتنىڭ مەقسەت قىلىنغان نىشانغا يەتكەنگە قەدەر داۋاملىشىدىغانلىقىنى بىلدۈردى. يەمەن ھەرىكىتىگە 100 دانە سەئۇدى ئەرەبىستان ئۇرۇش ئايرۇپىلانى بىلەن بىرگە 85 دانە ياۋرۇپا دۆلەتلىرىگە تەۋە ئۇرۇش ئايرۇپىلانلىرى قاتناشتى.
رېيتىر ئاگېنتلىقىنىڭ سەئۇدى ئەرەبىستان بىخەتەرلىك ئورنىدىن ئېرىشكەن بىر ئۇچۇرىدا، ئىسمىنى ئاشكارىلاشنى خالىمايدىغان بىر خادىم، «بۇ قېتىملىق ھاۋا ھۇجۇمىدىن كېيىن يەمەندە ۋەزىيەت ياخشىلىنىشى ئۈچۈن قۇرۇقلۇق ھەرىكىتىمۇ ئېلىپ بېرىلىشى مۇمكىن» دېدى.
سەئۇدى ئەرەبىستان جەنۇب قىسىمدىكى ئايرۇدروملاردا دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى بارلىق ئۇچۇشنى توختاتتى. يەمەندىمۇ ئۇرۇش سەۋەبلىك چوڭ پورتلارنىڭ ھەممىسى تاقالدى.
سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ ئامېرىكا باش ئەلچىسى ئادىل جۇبەيىر، يەمەندىكى تىنچلىق خىزمىتىنىڭ نەتىجىسىز بولغانلىقى ئۈچۈن، ھەم يەمەن پرېزىدېنتى مەنسۇر ھادىينىڭ مۇداخىلە قىلىش تەكلىپى بىلەن ھەربىي مۇداخىلە قىلغانلىقىنى بىلدۈردى.
ئىران قوللىشى ئاستىدىكى شىئە ئەنسارۇللاھ ھەرىكىتى قۇراللىقلىرى، يەمەن پايتەختى سەنئادىكى ئەلجەزىرە «يېرىم ئارال تېلىۋېزىيسى» ئورنى ۋە بىر قىسىم تېلىۋىزىيە قاناللىرىنى، گېزىت-رادىئو ئورۇنلىرىغا ھۇجۇم قىلىپ كونتروللىقىغا كىرگۈزۋالدى.
سەھىيە خادىملىرىنىڭ ئېيتىشىچە، تۈنۈگۈنكى ھاۋا ھۇجۇمىدا سەنئانىڭ شىمالى رايۇنلىرىدا 25 كىشىنىڭ ئۆلگەن ۋە 40 كىشى يارىلانغان. ھۇسىي شىئە قۇراللىقلىرىغا تەۋە ئەل مەسىرە تېلىۋىزيىسى، پايتەخىت سەنئادىكى بارلىق سەھىيە خادىملىرىنىڭ دەرھال دوختۇرخانىغا كېلىپ قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە ئاتلىنىشنى تەلەپ قىلدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved