ئاسىيا تېخنىكا تورى 11-فېۋرال خەۋىرى: لەگلەك تورى تەرجىمىسى
ئالىبابا شىركىتىنىڭ بۈگۈنكى باياناتىدا دېيىلىشىچە، مەملىكەت تور سودىسى ماگناتى ئالى ئېكسپرەس (AliExpress) نىڭ برازىلىيە ۋە رۇسىيىدىن كېيىن نۆۋەتتە ھىندۇنېزىيە بازىرىغا رەسمىي كىرگەنلىكىنى جاكارلىدى.
ھىندۇنېزىيىلىكلەر ئالى ئېكسپرېسنىڭ ھىندۇنېزىيىدىكى يەرلىكلەشكەن id.aliexpress.com تورى ئارقىلىق جۇڭگونىڭ ۋە ئۆز دۆلىتىنىڭ شۇنداقلا خەلقئارادىكى باشقا دۆلەتلەرنىڭ ماللىرىنى بىۋاسىتە سېتىۋالالايدۇ. بۇ يەرلىك تور سودا بازىرىدا بارلىق مەھسۇلات چۈشەندۈرۈلۈشلىرى ھىندۇنېزىيە تىلىغا تەرجىمە قىلىنغان بولۇپ، ئىستېمالچىلار يەنە ھىندۇنېزىيىنىڭ ئۆتكەن يىلقى يىللىق سودا سوممىسى 520 مىليۇن ئامېرىكا دوللىرىغا يەتكەن توردا پۇل تۆلەش سىستېمىسى Doku ئارقىلىق پۇل تۆلەش مەشغۇلاتى ئېلىپ بارالايدۇ.
مال يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئالىبابا شىركىتى ھىندۇنېزىيە SingPost ۋە Indo Post شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىق ئورنىتىدىغانلىقىنى، ۋە بۇ ھەمكارلىق نەتىجىسىدە پۈتۈن ھىندۇنېزىيىدە ئىككى ھەپتە ئىچىدە مال يەتكۈزۈشكە كاپالەت قىلىدىغانلىقىنى ئېيتتى. ئۆتكەن يىلى ئاۋغۇستتا ئالىبابا 250 مىليۇن دوللار مەبلەغ سېلىپ SingPost قا ياردەم بەرگەن ئىدى، بۇ ياردەمنىڭ رولى بىلەن ئالىبابا شىركىتى ھىندۇنېزىيىدىكى شېرىكلىرى بىلەن بىرلىكتە ئىككى ھەپتە ئىچىدە مال يەتكۈزۈشكە كاپالەتلىك قىلىش نىشانى ئۈچۈن تىرىشىدىكەن.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved