چەتئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 4- فىۋرالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەر شارى نېفىت باھاسىنىڭ ئۇزۇن مەزگىل نۆۋەتتىكى تۆۋەن سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنلىقىنى، چۈنكى رۇسىيەنىڭ نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتى بىلەن كېلىشىم ھاسىل قىلالمايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.
رۇسىيە مەركىزى بانكىسى تەتقىقات ۋە مۆلچەرلەش بۆلۈمىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، نېفىت باھاسى ھەر باكى 20-40 دوللارلىق سەۋىيەنى ساقلىشى مۇمكىنكەن. رۇسىيە مەركىزى بانكىسى يەنە مۇنداق دېگەن: نېفىت باھاسى چۈشۈپ، رۇبلى پاخاللاشقاچقا، نېفىتقا تايىنىپ قالغان رۇسىيە ئىقتىسادىدا 2016- يىلىنىڭ كېيىنكى يېرىم يىلىدا ئاندىن قايتا ئېشىش كۆرۈلۈشى مۇمكىن، بۇ يىل ساپ كاپىتالنىڭ ئېقىپ چىقىپ كېتىش مىقدارى 30 مىليارد دوللاردىن 45 مىليارد دوللارغىچە تۆۋەنلىشى مۇمكىن. 2015- يىلى 57 مىليارد ساپ كاپىتال سىرتقا ئېقىپ چىقىپ كەتكەن ئىدى.
بۇ يىل 2- ئايدا نېفىت ئېكىسپورت قىلغۇچى دۆلەتلەر تەشكىلاتنىڭ ئەمەلدارى كۆپ ساندىكى ئەزا دۆلەتلەرنىڭ 6- ئايدا ئېچىلىدىغان دائىملىق يىغىندىن ئىلگىرى جىددىي يىغىن چاقىرىشنى قوللىمايدىغانلىقىنى ئېيتقان.
يېقىندىن بۇيان ئوپىكنىڭ جىددىي يېغىن ئېچىشىغا مۇناسىۋەتلىك سادالار سەل كۆپىيىپ قالدى، چۈنكى يېقىندا رۇسىيە ھۆكۈمىتىنىڭ بىر قانچە يۇقىرى دەرىجىلىك رەھبىرى رۇسىيەنىڭ ئوپىك بىلەن نېفىت مەھسۇلات مىقدارىنى تۆۋەنلىتىش توغرىسىدا سۆزلىشىشنى خالايدىغانلىقىنى ئوچۇق-ئاشكارا بىلدۈردى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved