خەلقئارا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ چىرىكلىشىش سەتچىلىكىنىڭ داۋاملىق سېسىشىغا ئەگىشىپ، بارغانسېرى كۆپ پارىخورلۇق سەتچىلىكى ئاشكارىلىنىشقا باشلىدى. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، ياپونىيە بىلەن كورىيە 2002-يىللىق دۇنيا پۇتبول مۇسابىقىسىنى ئۆتكۈزۈش ھوقۇقىغا ئېرىشكەندىن كېيىن، ياپونىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە تەخمىنەن بىر مىليون 500 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى مىننەتدارلىق پۇلى بەرگەن.
خەۋەردە مۇنداق دېيىلىدۇ: 2000-يىلى ياپونىيە پۇتبولچىلار جەمئىيىتى جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە بۇ پۇلنى بېرىپ، ئۇلارنىڭ دۇنيا لوڭقىسى پۇتبول مۇسابىقىسىدا ياپونىيەنى قوللاپ ئاۋاز بەرگەنلىكىگە رەھمەت ئېيتقان. يۈزەكى جەھەتتىن بۇ پۇل جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىگە ئەزا ھەر قايسى تەشكىلاتلارغا تارقىتىپ بېرىلگەن.
جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىدە 15 يىل خىزمەت قىلغان بىر خادىم مۇنداق دېدى: بۇ پۇللارنىڭ بىر مىليون 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ رەئىسى لىئاۋزىنىڭ شەخسىي ھېساباتىغا كىرگەن. ئۇندىن باشقا جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ باش كاتىپى دېلۇكا 200 مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئالغان، ئۇندىن باشقا جەنۇبىي ئامېرىكا پۇتبولچىلار بىرلەشمىسىنىڭ يەنە بىر ئەمەلدارى سولانا داننىس يۈز مىڭ ئامېرىكا دوللىرى ئالغان.
![]() |
چىلىنىڭ كوكىمبو چوڭ رايونىدىكى پاراشوت بىلەن سەكرەش ھەۋەسكارى سېباستىيان ئالۋارېز بىر ئۇچقاندەك كېتىۋاتقان يۈك ئاپتوموبىلىدىن پاراشوت بىلەن سەكرىگەن.
|
![]() |
نۇر تورى تەرجىمىسى:
ئىسپانىيەلىك چولپان توررېس يېقىندا تاراتقۇلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا 2012-يىلىدىكى ياۋروپا ئۇزغۇنلۇق ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسىنى ئەسلەپ، ناھايىتى گۈزەل ئەسلىمە، دېگەن.
...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved