خەلق تورى خەۋىرى لەگلەك تورى تەرجىمىسى .
ھازىرقى زامان شەھەر كىشىلىرى خىزمەت ۋە ئۆگىنىش ئالدىراشچىلىقى سەۋەبىدىن ،ۋە قاتناش قىستاڭچىلىقى تۈپەيلى كېچىكىپ قېلىشتىن ئەنسىرەپ ئەتىگەنلىك ناشتا قىلىشقا ئىمكان بولمايدۇ .بەزىلەر ئالدىراشچىلىقتىن كېيىن ئۆيگە قايتىپ كەلگەندە بەكلا كەچ بۇلۇپ كېتىدۇ ،شۇ سەۋەبتىن كەچلىك تاماق ۋاقتىمۇ بەك كېيىنگە سۈرۈلۈپ كېتىدۇ .ئەتىگىنى بەكلا بالدۇر تۇرغانلىقتىن ناشتىلىقنى بالدۇر يەۋالىدۇ ياكى يېمەيدۇ .
ئادەم ئۇخلاۋاتقاندا ،بەدەندىكى نۇرغۇن ئەزالار دەم ئېلىش پۇرسىتىگە ئىگە بولالايدۇ ،ئەلۋەتتە ئاشقازانمۇ شۇنىڭ ئىچىدە . ئەگەر كەچلىك تاماقنى بەك كېيىن يېگەندە ،ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بۇ يېمەكلىكنى ئاشقازاندا ساقلاپ قالىدۇ ۋە ئادەم سەھەردە ئۇيقۇدىن ئويغانغاندىن كېيىن ،ئاندىن ئاستا -ئاستا ھەزىم قىلىشقا باشلايدۇ .
ئەگەر ناشتىلىقنى بەك بالدۇر يەۋالغاندا ،دەم ئېلىش ھالىتىدىن چىقىپ بۇلالمىغان ئاشقازاننىڭ دەم ئېلىشىغا تەسىر يەتكۈزۈپ قويىدۇ -دە ،ھەزىم قىلىش سىستېمىسى بىر مەزگىللىك چارچاش باسقۇچىغا كىرىپ پ قالىدۇ .بۇنىڭلىق بىلەن نورمال تۇرمۇش رېتىمى بۇزۇلۇپ كېتىدۇ . شۇنىڭ ئۈچۈن ،ئەتىگەن سائەت 7:00ئەتراپىدا ئويغانغاندىن كېيىن ،20~30مىنوت ئىچىدە ناشتىلىق يېيىش ياخشى بۇلۇپ ، بۇ ۋاقىت ئادەمنىڭ ناشتىلىق يېيىشىگە ئەڭ ما كېلىدۇ .
بۇنىڭدىن سىمرىت ،سەھەردىكى ناشتا بىلەن چۈشلۈك تاماقنىڭ ئارىلىقى 4~5سائەتكىچە بۇلىشى كېرەك .بۇ نۇقتىدىن قارىغاندىمۇ ،ناشتىلىقنى سەھەر سائەت 7~8 گىچە يېيىش ئەڭ مۇۋاپىق ھېسابلىنىدۇ .
ئادەم بىر كېچىلىك ئۇخلاپ دەم ئېلىشنى باشتىن كەچۈرگەندىن كېيىن ،چوڭ مىقداردىكى سۇنى خورىتىپ بولغان بولىدۇ .سەھەردە ئورنىدىن تۇرغاندىن كېيىن ،ئادەم سۇ كەمچىل بۇلۇش ھالىتىدە بولىدۇ ،شۇنىڭ ئۈچۈن ئەتىگەنلىك ناشتا يېيىشتىن بۇرۇن بىر ئىستاكان سۇ ئىچىش (يەنى 500~800لېتىرغىچە ) ،شۇ ئارقىلىق سۇ تۇلۇقلاش ئېلىپ بېرىش كېرەك . بۇنداق قىلغاندا ھەزىم قىلىش سىستېمىسىنى ياخشىلاپ ،ئۈچەينى راۋانلاشتۇرىدۇ .
لەگلەك تورى ئۈندىدار سالونىنى قۇشىۋېلىڭ ،ئىزدەش نۇمۇرى ــــــــ LEGLEK
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved