جۇڭگو 4G تورىنىڭ سۈرئىتى دۇنيادا 31-ئورۇندا تۇرۇپ، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەدىن ئېشىپ كەتتى

       ئەنگلىيە ‹‹كۈندىلىك پوچتا گېزىتى›› نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كۆچمە تور مۇلازىمەت ئانالىز شىركىتى ‹‹ئوچۇق سىگنال›› (OpenSignal) يېقىندا پۈتۈن يەر شارى كۆچمە تور دوكلاتىنى ئېلان قىلغان. دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، جۇڭگونىڭ LTE تورىنىڭ قاپلىنىش نىسبىتى %77 كە، سۈرئىتى 14Mbps قا يەتكەن. يالغۇز سۈرئەت جەھەتتىن ئالغاندا، جۇڭگونىڭ تور سۈرئىتى ئامېرىكىدىن تېز بولغان. 

     LTE تورىنىڭ سۈرئىتى جەھەتتە، جۇڭگو 14Mbps لىق سۈرئەت بىلەن پۈتۈن يەر شارىدا 31-ئورۇندا تۇرۇپ، ياپونىيە (12Mbps)،      رۇسىيە (14Mbps)، ئامېرىكا (10Mbps) قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ ئالدىدا تۇرغان. 

    دۇنيا بويىچە LTE تور سۈرئىتى ئەڭ تېز بولغان ئۈچ دۆلەت ئايرىم-ئايرىم ھالدا سىنگاپور (37Mbps)، يېڭى زېلاندىيە (29Mbps) ۋە ۋېنگىرىيە (28Mbps) بولغان. تور سۈرئىتى ئەڭ ئاستا بولغان ئۈچ دۆلەت بولسا كوستارىكا، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە ئىران بولۇپ، تور سۈرئىتى پەقەت 3Mbps بولغان. 

    ‹‹ئوچۇق سىگنال›› ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، LTE تورىنىڭ تۇنجى قېتىم پەيدا بولۇشى بۇندىن ئالتە يىل بۇرۇنقى ئىش بولسىمۇ، بىراق بۇ خىل تېخنىكىنىڭ تەرەققىياتى ئىنتايىن تېز بولۇپ، كىشىلەرگە ئىزچىل كۈتمىگەن خۇشاللىقلارنى ئېلىپ كەلگەن. پۈتۈن دۇنيادىكى مۇلازىمەت سودىگەرلىرى LTE تورىنىڭ سۈرئىتىنى يۇقىرى كۆتۈرۈش ھەمدە قاپلاش دائىرىسىنى كېڭەيتىش ئۈستىدە ئىزدەنمەكتە ئىكەن. 

تور سۈرئىتى بىلەن تور قاپلاش نىسبىتى ئىككىسى ئىككى ئىش بولۇپ، جۇڭگونىڭ LTE تور قاپلاش نىسبىتى %77 كە يېتىپ، پۈتۈن دۇنيادا 16-ئورۇندا تۇرغان. ھازىرغا قەدەر، پۈتۈن دۇنيادا پەقەت سەككىز دۆلەتنىڭ LTE تور قاپلاش نىسبىتى %80 تىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، كورېيەنىڭ %97، ياپونىيەنىڭ %90 بولۇپ، ئالدىنقى بىرىنچى ۋە ئىككىنچى ئورۇندا تۇرغان. ئامېرىكىنىڭ تور قاپلاش نىسبىتى %81 بولۇپ، 7-ئورۇندا تۇرغان. 

‹‹ئوچۇق سىگنال›› شىركىتى پۈتۈن دۇنيادىكى يانفون تور مۇلازىمەت سودىگەرلىرىنىڭ تور قاپلاش نىسبىتى ۋە تور سۈرئىتىنى ئانالىز قىلىدىغان شىركەت بولۇپ، يانفون ئەپ دېتالى ئارقىلىق پۈتۈن دۇنيادىكى 360 مىڭ ئابۇنىتنىڭ سانلىق مەلۇماتىنى يىغىش ئارقىلىق بۇ قېتىمقى دوكلاتنى يېزىپ چىققان. 

دوكلاتتا ئېيتىلىشىچە، بىر قىسىم دۆلەتلەر، مەسىلەن: كورېيە ۋە سىنگاپور، تېخنىكا ۋە مۇقىملىق جەھەتتىن ناھايىتى ئىلغار بولغان تور قۇرۇپ چىققان، باشقا دۆلەتلەر بولسا پەقەت يولنىڭ يېرىمىنى ماڭغان. چوڭ دۆلەتلەر ئىچىدە، پەقەت ئامېرىكا ۋە ياپونىيەلا چوڭ كۆلەملىك 4G ئاساسى ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى غەلىبىلىك ئېلىپ بارغان، باشقا دۆلەتلەر بولسا ئۇنداق قىلالمىغان. بىراق سۈرئەت جەھەتتە، دۇنيادىكى باشقا 4G مۇلازىمىتى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، ئامېرىكا ۋە ياپونىيەنىڭ LTE تورىنىڭ سۈرئىتى نىسبەتەن ئارقىدا قالغان.



خەتكۈچلەر:
06-02-2016
يازغۇچى: كاككۇك
مەنبە: نۇر تورى
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
16-03-2016
گوگىل سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى قورشاۋ شاھماتتا ئىنساننى يەڭدى گوگىل شېركىتى ئاچقان سۈنئىي ئەقىل پىروگىراممىسى مۇتلەق ئۈستۈنلۈك بىلەن قورشاھ شاھماتتىن ئىبارەت جوڭگۇنىڭ قەدىمكى ئويۇنىدا دۇنيا چېمپىيونىنى 4 تە بىر نەتى...
06-02-2016
        ئامېرىكا ئاخبارات تور پونكىتى breitbart نىڭ 4-فېۋالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەرەت قاچىسى» تەتقىق قىلىپ ياساۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىۋاستە ئولتۇرۇشقا ۋە زوڭ...
06-02-2016
       يانفون ساھەسىنىڭ كەسكىن رىقابەت مۇھىتىدە، يانفون زاۋۇتى ياخشى سېتىش مىقدارى ياراتماقچى بولسا قاتتىق دىتال سەپلىمىسى بىر مەسىلە بولىدۇ، پاسونى يەنە بىر مەسىلە بولىدۇ، يېقىندا بىر تورداش سۈزۈك Lumia ئەقلىيفونى (N...
06-02-2016
       تېخنىكا بىلوگى TechCrunch نىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، بازار تەكشۈرۈش شىركىتى Canalys ئەڭ يېڭى ئېلان قىلغان دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالما يېڭى Apple Watch ئارقىلىق 2015-يىللىق ئەقلىي ئىقتىدارلىق سائەت بازىرىغا ي...
06-02-2016
       بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.   ...
05-02-2016
           پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
05-02-2016
       Sanrio ياپونىيىنىڭ داڭلىق مەدەنىيەت ماركىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن Hello Kitty,My Melody,mmy Kitty قاتارلىق دۇنياغا داڭلىق نۇرغۇن كارتون ئوبرازلىرىنى ياراتقان. يېقىندا ياپونىيىدىكى OLA شىركىتى Sanrio شىركىتىنىڭ ھوق...
05-02-2016
        ئالما شىركىتىنىڭ جاكارلىشىچە، بۇ شىركەت يېڭىدىن يولغا قويغان كۆچمە ھەق تۆلەش مۇلازىمىتى Apple Pay ھازىرغىچە ئىككى مىليوندىن كۆپرەك پارچە سېتىش دۇكىنى بىلەن ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورناتقان، Crate & Barr...
05-02-2016
      بۇلتۇر يىل ئاخىرى، Mozilla شىركىتى Firefox OS سىستېمىسى قاچىلانغان يانفونلىرىنى سېتىشنى توختىتىدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ئەينى ۋاقىتتا، كەسپى ساھەدىكىلەر Firefox OS مەشغۇلات سىستېمىسىنىڭ ئۆمرى ئاخىرلىشىش گردابىغا بېرىپ...
05-02-2016
         ماكلارېن يېقىندا P1 GTR نىڭ سېخىنىڭ بىر قىسىم سۈرەتلىرىنى ئېلان قىلدى، بارلىق ياساپ بولغان مەھسۇلاتلارنىڭ ھەممىسى رەتلىك تىزىلغان. بۇ ماكلارېن يېڭى قۇرغان ئالاھىدە بۆلۈم.      ...
Powered by Leglek