ئامېرىكا ئاخبارات تور پونكىتى breitbart نىڭ 4-فېۋالدىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، گېرمانىيە نۆۋەتتە يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت تەرەت قاچىسى» تەتقىق قىلىپ ياساۋېتىپتۇ. ئۇنىڭ ئۈستىدە بىۋاستە ئولتۇرۇشقا ۋە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇشقىمۇ بولىدىغان بولۇپ، مۇساپىرلارنىڭ تەرەت قاچىسى ئۈستىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرۇپ تەرەت قاچىسىنى بۇزىۋېتىش مەسىلىسنى ھەل قىلغىلى بولىدىكەن.
بۇلتۇر 1.5 مىليون مۇساپىر گېرمانىيەگە يوپۇرۇلۇپ كىرىپ، مۇسۇلمان مەدەنىيىتى بىلەن گېرمانىيە مەدەنىيىتى ئوتتۇرىسىدا كەسكىن توقۇنۇش بولدى، ھاجەتخانا مەدەنىيىتى دەل بۇلارنىڭ ئىچىدىكى بىرى.
ماقالىدە يەنە ھېچنىمىنى يوشۇرماستىن مۇنداق دېيىلگەن: مۇساپىرلار تەرەت قاچىسى ئىشلەتكەندە ئالدى كەينىنى مۇقەددەس جاي مەككىگە توغرىلىمايدۇ. ئەرلەر ۋە ئاياللارنىڭ ھاجەتخانىسى چوقۇم ئايرىۋېتىلىدۇ، ھاجەتخاندىكى يەرنىڭ رەڭگى يېشىل بولسا بولمايدۇ، چۈنكى مۇسۇلمانلار يېشىل رەڭنى ئۇلۇغلايدۇ. بەزى مۇساپىرلار ھەتتا ھاجەتخانىدا ئەزەلدىن تازىلىق قەغىزى ئىشلەتمەستىن سۇ بىلەن قولىدا ئېرىغدايدۇ. شۇڭا، گېرمانىيگە كەلگەن مۇساپىرلارنىڭ بەزىلىرى بىۋاستە تەرەت قاچىسىنىڭ ئۈستىدە زوڭزىيىپ ئولتۇرىدۇ، بەزىلىرى خالىغان يەرگە چوڭ-كىچىك تەرەت قىلىدۇ، يەنە بەزىلىرى ھاجەتخانىدا تازىلىق قەغىزى ئىشلەتمەيدۇ...شۇڭا گېرمانىيەدىكى نۇرغۇن تازىلىق شىركەتلىرى مۇساپىرلار لاگېرىنىڭ تازىلىق خىزمىتىنى ئۈستىگە ئېلىشنى رەت قىلغان.
مۇساپىرلارنىڭ ھاجەتخانىلىرىغا زوڭزىيىپ ئولتۇرماسلىق ئەسكەرتىلگەن بەلگە چاپلانغان. بۇ مەسىلە كەسكىن توقۇنۇش كەلتۈرۈپ چىقاردى. بۇلتۇر گېرمانىيەدىكى بىر كەنت مۇساپىرلارغا تەشۋىقات ۋاراقچىسى تارقىتىپ، ئۇلارغا ھاجەتخانىنى توغرا ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى ئۆگەتكەن، لېكىن ئىرىقچىلىق قىلدى دەپ ئەيىبلەنگەن. ۋاھالەنكى بۇ توقۇنۇش گېرمانىيەنىڭ تازىلىق ئۆيى سايمانلىرىنى ياساش سودىگەرلىرى ئۈچۈن ئېيىتقاندا خېلىلا چوڭ بىر سودا پۇرسىتى. گېرمانىيەدە Enter the Fliegenschmidt دېيىلىدىغان بىر تازىلىق ئۆيى سايمانلىرىنى ياساش سودىگىرى يېقىندا، ئۇلارنىڭ يۆتكىلىشچان «كۆپ مەنبەلىك مەدەنىيەت ھاجەتخانىسى» تەتقىق قىلىپ ياساپ، ھاجەتخانا مەسىلىسىدىن كېلىپ چىققان مەدەنىيەت توقۇنۇشىنى ھەل قىلىدىغانلىقىنى ئېلان قىلدى.
گېرمانىيەدىكى مەملىكەت خاراكتېرلىك گېزىت «فرانكفورت دوكلاتى»دا بۇ كەشپىياتقا شەرەپلىك سىياسىي تاج كىيدۈرۈلۈپ مۇنداق دېيىلدى: بۇ بىر خىل ئومۇمىيۈزلۈك ئەمەلىي قوللىنىشچان، كۆڭۈلدىكىدەك، پۈتۈن دۇنياغا ماس كېلىدىغان ھاجەتخانا بولۇپ، مەدەنىيەتلەرنىڭ بىللە مەۋجۇتلۇقىنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولىدۇ. ۋاھالەنكى رۇسىيەدە بۇ خىل تەرەت قاچىسى ئاللىبۇرۇنلا بار ئىدى.... گەرچە ئاددىيراق بولسىمۇ، لېكىن ئىقتىدارى ئوخشاش، بۇ خىل تەپسىلاتلارغا ئانچە كۆڭۈل بۆلۈپ كەتمەڭ.
بۇ رۇسىيەنىڭ قازان فېدېراتسىيە ئۇنىۋېرسىتېتىدىن تارتىلغان سۈرەت، تورداشلار بۇنى كۆرگەندىن كېيىن ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلاتنىڭ ئامېرىكىدا ئاللىقاچان بازارغا سېلىنغانلىقىنى بىلدۈردى.
چۈشەندۈرۈلىشى:
ئوخشاش تۈردىكى مەھسۇلات ھېسابلىنىدىغان تەرەت قاچىسى ئامېرىكىدا ئاللىقاچان بازارغا سېلىندى، پۇت ئېگىزرەك تۇرسا قەۋزىيەتنى پەسەيتىشكە پايدىلىق. تەكشۈرۈپ ئىگىلىنىشىچە، ئامېرىكىنىڭ بۇ خىل پاسۇندىكى قالتىس تەرەت قاچىسىنىڭ شەكلى مۇنداق.
ئىشلىتىش ئۇسۇلى:
![]() |
بۇ بېنىز G63 6X6 ئاپتوموبىلى قارىماققا ئىنتايىن ھەيۋەت كۆرۈنىدۇ، ئالتە چاقلىق لايىھىسى سىزگە ئۆزگىچە تۇيغۇ بېغىشلايدۇ. تاشقى كۆرۈنۈشىدىن قارىغاندا بۇ ئاپتوموبىل ئەنئەنىۋىيلىكنى داۋاملاشتۇرغان.
...
|
![]() |
پەيشەنبە كۈنى ئالمىنىڭ بىر تۈرلۈك يېڭى پاتنېتى ماقۇللۇقتىن ئۆتتى، بۇ تۈرلۈك پاتنېت كەلگۈسىدىكى iPhone ۋە iPad كە بېسىم سەزگۈچ تېخنىكىغا ئىگە Touch ID كۇنۇپكىسى سەپلىنىدىغانلىقى، ئەكىسچە Home كۇنۇپ...
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved