كۈلكە – جاننىڭ ئوزۇقى | بىر قىسىم تاللانغان يۇمۇرلار

ئىلگىرى توردا ئۇچرىتىپ قېلىپ ساقلاپ قويغان يۇمۇرلار ئىدى، مەزمۇنى ساغلام ۋە خېلى ئىجابىي يۇمۇرلار بولغاچ بىللە كۈلەيلى دەپ يوللاپ قويدۇم. سورۇنلاردا سېرىق يۇمۇر تۈگەپ قالسا، ماۋۇنداق يۇمۇر ئېيتىپمۇ ئادەم كۈلدۈرگىلى بولىدۇ، چوڭ سۈپەت ئولتۇرىۋالاي.

 

 

توشقان بىلەن تاشپاقىنىڭ مۇسابىقىسى باشلىنىپتۇ،مۇسابىقە باشلىنىشى بىلەن توشقان خېلىلا ئۇزاپ كېتىپتۇ،تاشپاقا ئۆز مېڭىشىدا مىسىلداپ كېتىۋاتسا ئېغىر قېپىنى يۈدۈپ ئاران كېتىۋاتقان قۇلۇلىنى كۆرۈپ ئىچى ئاغرىپ دۈمبىسىگە مىندۈرىۋاپتۇ،ماڭە – ماڭ بىريەرگە كەلسە بىر چۈمۈلە كېتىۋاتقان ئۇنىمۇ ئېلىۋاپتۇ.چۈمۈلە تاشپاقىنىڭ دۈمبىسىدە قۇلۇلىنى كۆرۈپ “ ياخشىمۇ سىز “ دىيىشىگە قۇلۇلە قوپۇپ ”چىڭ ئولتا ،ما ئاداش يامان تېز ماڭىدىكەن “ دىگۈدەك .

 

 


بىر توڭ قىشتا يېرىم كېچىدە بىر ئۆيگە ئوت كېتىپتۇ،ئاتا – ئانا دەرھال ئۆيدىن قېچىپ قارىسا ئوغلى يوق ،ئاپىسى شۇ ھامان دات – پەرياد كۆتۈرۈپ ۋاقىراپتۇ “ قېنى سەن ئوغلۇم ………“ئۆيدىن ئوغلى ئالدىرىماي جاۋاپ بېرىپتۇ“ كىيىملىرىمنى كىيىۋاتىمەن “
– ۋاي بالام ما ئۆي كۈيۈپ كېتەي دەۋاتسا نىمە كىيىم كىيىش .چاققان چىق !– دەپ ۋاقىراپتۇ ئاپىسى .بەش مىنۇت ئۆتۈپتۇ قارىسا ئوغلى يەنە چىقمىغان ،ئاپىسى جىلى بولۇپ يەنە ۋاقىراپتۇ ”ۋاي بالام،ساقمۇ سەن ،نىمىشقا چىقمايسەن؟ “
كىيىم كەيمە دىگەنتىڭ،كىيىملىرىمنى سېلىۋاتىمەن — دىگۈدەك ئوغلى .

 

 


دەپنىخانىغا ئۈچ جەسەتنى ئېلىپ كەپتۇ،دەپنە خادىمى قارىسا ئۈچىلىسىنىڭ چىرايىدا كۈلكە قېتىپ قالغان پېتى ئۆلگەن ،ھەيران بولۇپ ساقچىدىن سوراپتۇ “ ئەپەندىم ،بۇلار قانداق ئۆلگەن ؟ “
– ماۋۇ ئاداشقا تۈنۈگۈن ئون مىليون دوللار مۇكاپات چىقىپتىكەن،خوشاللىغىدا تولا كۈلۈپ ئۆلۈپ قاپتۇ ،ماۋۇ ئاداشنىڭ ئايالى ئۇدا 8 قىز تۇغۇپ تۈنۈگۈن بىر ئوغۇل توغۇپتىكەن ،شۇنىڭ خوشاللىغىدا ئوغلىنى تۇتۇپ ئولتۇرۇپ ھىجايغان پېتى ئۆلۈپ قاپتۇ — دەپتۇ ساقچى .
– ئەمىسە ماۋۇ بەكرەك ھىجىيىپ قالغان ئاداشچۇ ؟ دەپ سوراپتۇ دەپنە خادىمى ئاخىرقى جەسەتنى كۆرسۈتۈپ .
– بۇ بىچارە تۈنۈگۈن بىر دەرەخكە يامىشىۋېتىپتىكەن ،دەل شۇ چاغدا چاقماق چېقىلسا بولىدۇ،بۇ ئاداش تېخى بىرسى ئۆزىنى رەسىمگە تارتىۋاتقان ئوخشايدۇ دەپ ……………

 


بىر ئادەم بالكونىنى تازىلاۋېتىپ بىر كونا جىن چىراق تېپىۋاپتۇ،چىراقنى ئەمدى سۈرتۈپ تۇرۇشىغا ئىچىدىن بىر دىۋە سەكرەپ چىقىپ“ئېي ئادەم،مېنى قۇتقۇزغانلىغىڭ ئۈچۈن بىر تەلىۋىڭنى ئورۇندايمەن،قېنى ئېيتقىن ”دەپتۇ ،ھىلىقى ئادەم تۇرۇپ كېتىپ ”چىراق ئىچىدىن چىققان باشقا جىنلار ئۈچ تەلەپنى ئورۇندايدىكەندۇق، سىز بىرنىلا دەيسىزغۇ “ دىيىشىگە دىۋە قوپۇپ “ مەن دىگەن ئاتۇشلۇق دىۋە ،بولە چاققان تەلىۋىڭنى دە ”دەپتۇ،ھىلىقى ئادەم ئويلىنىۋېلىپ “ مۇشۇ مۈشۈكنىڭ توققۇز جىنى بولىدىكەن،مېنىڭمۇ توققۇز جېنىم بولسا ”دەپتۇ ، ”تەلىۋىڭ ئىجاۋەت “ دەپلا دىۋە يوقاپ كېتىپتۇ . كۈنلەر ئۆتۈپ ھىلىقى ئادەم زېرىكىپ بىر قېتىم ئۆلۈپ باقماقچى بولۇپتۇ،ئويان – ئويلاپ بۇيان ئويلاپ پويىز چاقىدا ئۆلۈپ باقماقچى بوپتۇدە رېلىستا يېتىۋاپتۇ ،ۋاي ئەپسۇس بۇ ئادەم شۇ پېتى بىراقلا ئۆلۈپ قاپتۇ ،“ نىمە ؟دىۋىنى يالغانچىكەن دەمسىز ؟ ياق، ياق ،ئۇ كۈنكى پويىز نەق ئون ۋاگونلۇق ئىكەن “

 


– قاراڭ دوختۇر ، يېقىندىن بېرى كۆزۈم يىراقنى كۆرەلمەيدىغان بولۇپ قالدى — دەپتۇ بىمار .
– شۇنداقمۇ — دەپتۇ دوختۇر ۋە بىمارنى باشلاپ دەرىزە ئالدىغا كېلىپ قۇياشنى كۆرسۈتۈپ تۇرۇپ “ ئاۋۇ نىمە “ دەپ سوراپتۇ .
– قۇياش !
– ئەمەسە دەڭچۇ قېنى ،ئۇنۇڭدىن يىراق يەنە نەنى كۆرمەكچىتىڭىز — دىگۈدەك دوختۇر .

 


بىر ئادەم بېلىق تۇتماقچى بولۇپ باشتا سازاڭنى يەمچۈك قىلىپ بېقىپتۇ،نەچچە سائەتكىچە قارماققا ھىچنىمە ئېلىنماپتۇ،بولكىنى يەمچۈك قىلىپ بېقىپتۇ،ھىچنىمە يوق ،گۆشنىمۇ يەمچۈك قىلىپ بېقىپتۇ ،يەنە ھىچنىمە يوق ،ئاچچىغىدا 100 سوملۇق پۇلدىن بىرنى قارماققا ئىلىپلا سۇغا تاشلاپتىكەن سۇ ئاستىدىن بېلىقلار “ ھېي ئوغرى ،سەي بازىرى كۆرۈپ قالدىڭمۇ بۇ يەرنى “ دىگۈدەك

 


ھاياتىڭىزنى قەدىرلەي دىسىڭىز ،جوڭگو دۆلەت كوماندىسىدىن يىراق تۇرۇڭ !
بىر كۈنى مەن ئىشىك – دەرىزىنى ھىم تاقاپ ،پەردىلەرنى چۈشۈرۈپ ئەمدىلا مەركىزىي تېلىۋىزىيە ئىستانىسىنىڭ 5 – قانىلىنى ئېچىپ جوڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈپ تۇرغان ئىدىم،ئاغىنىلىرىم كېلىپ ئىشىكنى ئۇرغىلى تۇرۇشتى . مەن ھاپىلا – شاپىلا تېلىۋىزورنى ئۆچۈرۈپ ئىشىكنى ئاچتىم .ئۇلار مېنىڭ ئوڭايسىز ھالىمنى كۆرۈپ “ ئەسلىدە سەن ئىشىكنى چىڭ تاقاپ سېرىق فىلىم كۆرىۋېتىپسەندە “ دىدى ،مەن دەرھال ئۆزەمنى ئاقلاپ ”ئىشىڭنى قىلىشە ماڭ،سېرىق فىلىمنى سەندەك ئىشەك گۇيلار كۆرىدۇ “ دىدىم ،ئاڭغىچە بىر .ئاغىنەم تېلىۋىزورنى ئېچىپ “ ھە سەن ئەسلى جوڭگو دۆلەت كوماندىسىنىڭ مۇسابىقىسىنى كۆرۈۋاتقانما ”دىدى،يۈزۈم دەرھال ئوت ئېلىپ قىزىرىپ كەتتى – دە دەرھاللا “ ياق ،ياق ،مەن ئەسلى سېرىق فىلىم كۆرۈۋاتقان “ دىدىم .

 


يەنە ھىلىقى دىۋە بار جىن چىراق بىر جوڭگولۇققا ئۇچراپ قاپتۇ،دىۋە ”مېنى قۇتقۇزىۋالغىنىڭغا رەھمەت ،مەن ما ئاتۇشلۇق دىۋە،بىرلا تەلىۋىڭنى ئورۇندايمەن،چاققان بولە “ دەپتىكەن ھىلىقى جوڭگولۇق ”مۇشۇ ياپۇنىيەنى يەر يۈزىدىن يوق قىلىۋەتسەڭ “ دەپتۇ،دىۋە قوپۇپ “ ئاداشە ۋا،بۇنداق تەس ئىشنى دىگۈچە باشقا تەلەپنى دىگىنە “ دەپتىكەن جوڭگولۇ قوپۇپ “ ئەمىسە جوڭگو دۆلەت پۇتبول كوماندىسى بۇ قېتىم چىمپىيون بولسۇن “ دەپتۇ ،دىۋە كۆتتىنى قاشلاپ تۇرۇپ كېتىپ ”باشتىكى تەلىۋىڭ نىمىتى ؟ “ دىگۈدەك

 


– ئاڭلىسام ئاكاڭنى جوڭگو دۆلەر كوماندىسىدا توپ تېپىدۇ دەيدىغۇ ؟
– ھېي لاۋزا،سېنىڭ ئاكاڭ جوڭگو دۆلەت كوماندىسىدا توپ تېپىدۇ ،سېنىڭ داداڭ جوڭگو دۆلەت كوماندىسىدا تېنھېر، پۈتۈن ئائىلەڭ جوڭگو دۆلەت كوماندىسىدا ئىشلەيدۇ

 


بىر قىز ئىشتىن چۈشكۈچە كەچ بولۇپ كىتىپتۇ ، قاراڭغۇدا قورقۇپ مىڭىۋاتسا ،كەينىگە بىرسى ئەگىشىۋاپتۇ ،شۇنىڭ بىلەن قىز نەق زاراتگاھلىق تەرەپكە قاراپ يۈگۈرۈپتۇ ، ھىلىقى كىشىمۇ كەينىدىن تەڭ يۈگۈرەپتۇ . قىز بىر قەبرىنىڭ ئالدىغان كىلىپ توختاپتۇ -دە – دادا قەبرە ئىشىكىنى ئاچە ، ئاچقۇچ ئىلىۋىلىشنى ئۇنتۇپ قاپتىمەن . دىيىشىگە ھىلىقى كەينىدىكى ئەگىشىپ كىلۋاتقان كىشى بەدەر قىچىپ كىتىپتۇ . قىز ئۇھ دەپ تۇرشىغا ،قەبرىدىن :
-يەنە ئاچقۇچنى ئۇنتۇپ قاپسەن -دە ، كىرە ئۆيگە ”دىگەن ئاۋاز كەپتۇ ، قىز ئالدى كەينىگە قارىماي قىچىپتۇ .
ئەسلىدە قەبرىگە مۆكۈۋالغىنى جەسەت ئوغىرىسى ئىكەن . ئۇ قولىغا گۈرجىكىنى ئىلىپ قەبرىنى قازاي دەپ تۇرىشىغا ،ياندىكى قەبرىدىن:
-كىچىك قىز بالىنى قورقۇتقۇچە تېزىراق ئىشىڭنى قىلە ،گۇي . ما قەبرىدە ياتقىلى 80 يىل بولاي دىدى ،سىنى ساقلاپ كۆزۈم تۆت بولدى . دىگەن ئاۋاز كەپتۇ ، قەبرە قازغۇچى قورققۇنىدىن ھوشىدىن كىتىپتۇ . قەبرىدىن بىرى كىيىملىردىكى توپا -چاڭلارنى قىقىشتۇرغىنىچە چىقىپ “ مەندىن ئىش تالاشقانغا توي ”دەپ ئالدىدىكى قەبرىنى كولاي دەۋاتسا ، يىراقتىن دوڭ ،دوڭ ،دوڭ… … قىلغان ئاۋاز كەپتۇ ، قورققۇنىچە بېرىپ قارىسا بىر قېرى بوۋاي قەبرە تىشىدىكى خەتلەرنى قايتىدىن يازغىلى تۇرۇپتۇ .ھىلىقى جەسەت ئوغىرىسى لاغىلداپ تىتىرەپ تۇرۇپ :
_ بوۋا ، نىمە ئىش قىلىۋاتىدىلا ؟ دەپ سوراپتۇ .
بوۋاي ئارقىسىغا قاراپمۇ قويماي :
_ ماۋۇ بەغىرەزلەرنى يىمەي -ئىچمەي باقساممۇ ، قەبرە تاشقا ئىسمىمنى خاتا يېزىپ قويۇپتۇ . شۇنچە يىل ساقلىسام بىرسى كىلىپ تۈزىتىپ قويمىدى ،بۈگۈن ئاچچىقىمدا ئۆزۈم تۈزىتىۋىتەي دەپ قەبرىدىن چىقىشىم .
ھىلىقى جەسەت ئوغىرىسى تىكلا چۈشۈپتۇ .



خەتكۈچلەر:
01-02-2014
ئالاھىدە ئەسكەرتىش:
لەگلەك تورىدىكى خەۋەرلەرنىڭ ئاخبارات ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۈپ . قالايمىقان كۆچۈرۈپ تارقىتىپ ئېغىر ئاقىۋەت كېلىپ چىقسا تور بىكتىمىز مەسئۇل بولمايدۇ. !!!
لەگلەك تورىدىن خەۋەر رەسىم كۆچۈرۈپ تارقاتماقچى بولسىڭىز ، مەنبەسىنى ۋە ئۇلانما ئادىرسىنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ !
مۇناسىۋەتلىك خەۋەرلەر
28-05-2016
    شىنخۇا تورى خەۋىرى. 7-ئىيۇن، 8-ئىيۇن ۋە 9-ئىيۇن ئۈرۈمچى شەھىرىدە 25 مىڭ 500 ئوقۇغۇچى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىغا قاتنىشىدۇ. بۇ يىللىق ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئۈرۈمچى شەھىرىدە 37 ئىمتىھان نۇقتىسى، 1041 ئىمتىھان مەيدانى تە...
28-05-2016
ئاقسۇ دىيارىدىكى تۈنجى قېتىملىق، شىنجاڭدىكى  9- قىتىملىق «كىتاپخانىدىكى ساخاۋەت» پائالىيىتى 2016- يىلى 5- ئاينىڭ 26- كۇنى چۇشتىن كىيىن ئۈرۈمچى ۋاقتى 3:00دە ئونسۇ ناھيىلىك پارتىكومنىڭ قارشى تەرىپىگە جايلاشقان «مەرىپەت كىتاپخانىىس...
27-05-2016
    2015-يىلى 5-ئاينىڭ 26-كۈنى، جىلىن شەھەرلىك لۇڭتەن تەجرىبە باشلانغۇچ مەكتىپى ئالدىدا نۇرغۇن ئاتا-ئانىلار ئۇزۇن ئۆچىرەتتە تۇرۇپ كەتكەن بولۇپ، بەزى ئاتا-ئانىلار ھەتتا لاپاس ئېلىپ كەلگەنىدى. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يەردە ئۆچىرەتتە تۇ...
26-05-2016
ئامېرىكا بالېت ئۇسسۇل مەكتىپىنىڭ ئوقۇغۇچى تاللاش ئىمتىھانى رەسىملىرى
26-05-2016
1. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى. ۋۇخەن ئۇنىۋېرسىتېتى جۇڭگودىكى داڭلىق مەنزىرە ئېكىسكۇرسىيە ئورنى، مەكتەپ لوجياشەن رايونىدا، شەرقىي كۆل سۈيى ئوراپ تۇرىدۇ. ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 5187 مو، قۇرۇلۇش كۆلىمى 2 مىليون 620 مىڭ كۋادرات مېتىر. قەدىمىي ۋە نەپى...
24-05-2016
    5-ئاينىڭ 22-كۈنى، تېڭشۈننىڭ  ئاساسلىق قۇرغۇچىسى چېن يىدەن 2 مىليارد 500 مىليون شياڭگاڭ پۇلى ئىئانە قىلىپ «يىدەن مۇكاپاتى» نى تەسىس قىلغانلىقىنى ئېلان قىلدى. مۇناسىۋەتلىك پۇلنىڭ ھەممىسى ئىئانە قىلىنىپ بولغان بولۇپ، بۇ ب...
24-05-2016
    خەلق تورىنىڭ 24-ماي بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مۇخبىرنىڭ مالىيە مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، يېقىندا مەركەز مالىيەسى 2016 - يىللىق 134 مىليارد 500 مىليون يۈەن شەھەر-يېزا مەجبۇرى مائارىپى تولۇقلىمىسىنى تارقاتقان، بۇ ...
24-05-2016
ئاقتۇ ناھىيەسى مەركىزى قوش تىل يەسلىسىدىكى كىچىك دوستلار رەسىم سىزىشنى ‏ئۆگەنمەكتە    2008-يىلىدىن تارتىپ بۈگۈنگە قەدەر، دۆلەت قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ‏ئوبلاستىغا 82 مىليون 600 مىڭ مەبلەغ سېلىپ، يېڭىدىن 91 قوش تىللىق يەسل...
24-05-2016
     5-ئاينىڭ 20-كۈنى، فۇجيەن ئۆلكىسى شيامېن شەھىرى خەيساڭ تەجرىبە ئوتتۇرا مەكتىپىدىكى تولۇق 3-يىللىق ئوقۇغۇچىلىرى ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئالدىدا بېسىمىنى يېنىكلىتىش ئۈچۈن، ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ ئالدىدا كېرەكسىز ئىمتىھان سۇئا...
23-05-2016
    غەربىي شىمال مىللەتلەر ئۇنىۋېرسىتېتى ئۇيغۇر تىلى مەدەنىيەت ئىنستىتۇتى 2016-يىلى 5-ئاينىڭ 16-كۈنى ئۇنىۋېرسال ئوقۇتۇش بىناسىنىڭ 101-سىنىپىدا «ئىنستىتۇت مۇدىرى ۋە ئوقۇغۇچىلار يۈز تۇرانە پىكىر ئالماشتۇرۇش» يىغىنى ئاچتى. بۇ قېتى...
Powered by Leglek