پاكىستان قۇرۇقلۇق، ھاۋا ۋە دېڭىز ئارمىيەسى مۇناسىۋەت بۆلۈمىنىڭ باياناتچىسى گېنىرال مايۇر ھاشىم.باجۋا 27-ئىيۇن ئىسلامئاباتتا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: پاكىستان ھەربىي تەرەپ يولغا قويغان «ئۆتكۈر خەنجەر ھەرىكىتى» ئوڭۇشلۇق ئىلگىرلىمەكتە. ھازىرغا قەدەر پاكىستان ھەربىي تەرەپ ئاز دېگەندە 327 قوراللىق ئۇنسۇرنى ئېتىپ تاشلىدى ۋە 45 ئۇۋىسىنى بىتچىت قىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، «ئۆتكۈر خەنجەر ناملىق» بۇ قېتىمقى چوڭ كۆلەملىك ئومۇميۈزلۈك ھەربىي ھەرىكەت پاكىستان قۇرۇقلۇق قىسمىنىڭ يەر يۈزىدىن ئىلگىرلەش باسقۇچىغا كىرگەن. بۇنىڭدىن ئىلگىرى پاكىستان ھەربىي تەرەپ كۆپ قېتىم رىياكتىپ ئۇرۇش ئايرۇپىلانى ۋە قوراللىق تىك ئۇچار قاتارلىقلارنى ئەۋەتىپ مەزكۇر رايونغا ھاۋا ھۇجۇمى قوزغىغان ھەمدە مۇۋەپپىيەتلىك ھالدا كۆپلىگەن قوراللىق ئۇنسۇرلارنى ئېتىپ تاشلىغان شۇنداقلا ئۇلارنىڭ يۇشۇرۇنىۋالغان ئۇۋىلىرىنى بىتچىت قىلغان ئىدى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved