«نيۇيورك ۋاقىت گېزىتى»نىڭ 22-ئاۋغۇستتىكى خەۋىرىگە قارىغاندا، ئامېرىكا ئەمەلدارى: ئوباما ھۆكۈمىتى ھەربىي ھەرىكەت دائىرىسىنى كېڭەيتىپ، ئەسەبىي تەشكىلات «ئىراق ۋە شام ئىسلام دۆلىتى»نىڭ بازىسى بولغان سۇرىيەنى بىتچىت قىلىش ھەمدە تېخىمۇ قاتتىق زەربە بېرىشنى ئويلىشىۋاتىدۇ، سۇرىيەگە ھاۋادىن ھۇجۇم قىلىشنى يوققا چىقارغىلى بولمايدۇ، دېگەن.
ئامېرىكا زۇڭتۇڭى ئوباما سۇرىيەدىكى قانلىق ئىچكى ئۇرۇشقا قول تىقىشنى خالىماي كەلگەن ئىدى، ئەمما يېقىندا سۇرىيە ئىراق تەۋەسىدىكى ئەسەبىي تەشكىلات كۈنسېرى ۋەھشىيلىشىپ، ئامېرىكا ۋە ئۇنىڭ ئىتتىپاقداشلىرىنىڭ مەنپەئەتىگە كۆرۈنەرلىك تەھدىت پەيدا قىلدى. يېقىندا ئامېرىكا مۇخبىرى جامېس فورىنى ئۆلتۈرۈش ۋەقەسى زۇڭتۇڭ كوللېكتىپىنىڭ ئىچكى قىسمىدا ئۇزاققىچە ساقلىنىپ كېلىۋاتقان ئىختىلاپنىڭ يېڭىدىن ئېغىرلىشىش خەۋپىنى كۈچەيتىۋەتتى.
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved