30-يانۋار، تاۋۇز چاغىنىنىڭ يېتىپ كېلىشىگە ئەگىشىپ، چاغانلىق يۇرتىغا قايتقان «موتسىكىلىت قوشۇنى» يۇقىرى پەللىگە كۆتۈرۈلدى. سۈرەتتە بوشلۇقتىن تارتىلغان گۇاڭشى ۋۇجۇ شەھەرلىك شەرقىي چىقىش ئېغىزى ھەق تۆلەش پونكىتى ئەتراپىدىكى يۇرتىغا قايتىش يولىغا چىققان «موتسىكىلىت قوشۇنى». قاتناش ئىدارىسىنىڭ سىتاستىكىلىشىچە، شۇ كۈنى ۋۇجۇ شەرقىي چىقىش ئېغىزىدىن ئۆتكەن موتسىكىلىتنىڭ سانى 10 مىڭدىن ئېشىپ، چاغان مەزگىلىدىكى «موتسىكىلىت قوشۇنى» موتسىكىلىت ئېقىمى 400 مىڭدىن ئېشىشى مۇمكىن ئىكەن. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئاز بولمىغان گۇاڭدۇڭ، فۇجيەن قاتارلىق جايلاردا ئىشلەيدىغان گۇاڭشى، گۇيجۇ، يۈننەنلىك ئىشچىلار موتسىكىلىت بىلەن يۇرتىغا قايتىشنى تاللىغان بولۇپ، تەبىئىيلا چاغان مەزگىلىدىكى «موتسىكىلىت قوشۇنى» نى شەكىللەندۈردى.
30-يانۋار، گۇاڭدۇڭ گۇاڭشى چېگرىسىدىكى گۇاڭشى ۋۇجۇ شەھىرىنىڭ تېڭ ناھىيىسى يول بۆلىكىدە، زور تۈركۈمدىكى «موتسىكىلىت قوشۇنى» ئۇزۇن مۇساپىسىنى بېسىپ چاغانلىق يۇرتلىرىغا قايتىشماقتا. گۇاڭشى ۋۇجۇ شەھەرلىك قاتناش باش ئەترىتىنىڭ ستاستىكىلىشىچە، 2016-يىلى 1-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 30-كۈنى كەچكىچە، شۇ جايدىن ئۆتكەن موتسىكىلىت ئېقىمى 36 مىڭ 300 گە يەتكەن بولۇپ، بۇنىڭ ئىچىدە، 30-يانۋار بىر كۈندىكى ئېقىم سانىلا 13 مىڭ 500 گە يېتىپ، يۇقىرى پەللىنى شەكىللەندۈرگەن.
![]() |
شۇ يەر ۋاقتى 5-ئاينىڭ 27-كۈنى، ئۇكرائىنا كىيىۋ، شۇ كۈنى ئوقۇغۇچىلار كىيىۋ شەھەر مەركىزىدىكى مۇستەقىللىق مەيدانىغا جايلاشقان فونتاندا سۇ چېچىشىپ ئويناپ، ئوقۇش مەۋسۈمىنىڭ ئاخىرلاشقانلىقىنى تەبرىكلىدى.
|
لەگلەك تور- تېخنىكا گۇرپپىسى : نەشىر ھوقۇقى لەگلەك تورىغا مەنسۇپ
ئېلان ھەمكارلىق تېلفۇنى : 18699111370 , 8555159-0991
Copyright ©2013-2015 by www.leglek.com all rights reserved